پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

چۆچۈرە قاينايدۇ

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-16 22:10 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
چۆچۈرە قاينايد ۇ بالىلار دۈگلەك بولۇپ تىزىلىدۇ. ئارىدىن يېشى چوڭراق بىرسى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ-دە، چۆچۈرە تۈگۈش ھەركى
تەلەي +1

 

چۆچۈرە قاينايدۇ
 
 

 
بالىلار دۈگلەك بولۇپ تىزىلىدۇ. ئارىدىن يېشى چوڭراق بىرسى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ-دە، چۆچۈرە تۈگۈش ھەركىتىنى قىلىدۇ. ئەتراپتا دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار ئۇنى ئايلىنىپ قوشاق ئېيتىدۇ:
چۆچۈرە قاينايدۇ،
ئانىكام بەرمەيدۇ.
بەرمىسە بەرمىسۇن ،
ئىشىكنى تاقاپ يىسۇن.
ئالقانلىرىم بار،
پىيازلىرىم بار.
ئاق تامدا،
كۆك تامدا،
زىلەيخانىڭ بېغىدا،
بىر تال ئالۇچا.
ئالۇچىغا قونۇپتۇ،
بىر توپ سۇڭگۈلچا.
سۇڭگۈلچانىڭ پۇتلىرى
بوغۇم- بوغۇمكەن.
بويۇنلىرى ئالىبالداق،
تۇغۇم- تۇغۇمكەن.
بالىلار قوشاقنى ئېيتىپ بولۇپ، گۈررىدە ئانىنىڭ قېشىغا يىغىلىدۇ-دە:
-چۆچۈرە پىشتىمۇ؟- دەپ سورايدۇ. ئانا:
-پىشتى، مەن ئاچچىقسۇ ئەكىلەي،- دەپ ماڭىدۇ.
بالىلار ئانا كېتىشىگىلا ئانىنىڭ چۆچۈرىسىنى يەۋالىدۇ. ئانا بىر دەمدىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ-دە، بالىلارنى قوغلايدۇ. بالىلار پىتىراپ قاچىدۇ ئانا ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تۇتۇپ: ‹‹سەن قانچە چۆچۈرە يىدىڭ؟›› دەپ سورايدۇ.

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(16)
94.1%
ناچاركەن
(1)
5.9%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر