پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

‹‹تاقمۇ – جۈپمۇ؟›› ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-12 00:18 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
‹‹تاقمۇ – جۈپمۇ؟›› ئويۇنى باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان، بولۇپمۇ ئۆز دىيارىنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا ئاساسەن ئۆرۈك دەرىخى ئۆستۈرۈشكە
تەلەي +1

‹‹تاقمۇ – جۈپمۇ؟›› ئويۇنى

      ‹‹تاقمۇ – جۈپمۇ؟›› ئويۇنى باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان، بولۇپمۇ ئۆز دىيارىنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا ئاساسەن ئۆرۈك دەرىخى ئۆستۈرۈشكە ئادەتلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەزىلەتلىرى ياز پەسلىدە ئوينايدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى. بۇ ئويۇننى قىز – ئوغۇللار ئايرىم ياكى ئارىلىشىپ ئوينىسا بولۇۋېرىدۇ.

‹‹تاقمۇ – جۈپمۇ؟›› ئويۇنى
 

      بالىلار ياز كۈنلىرى پىشىپ ۋايىغا يەتكەن ئۆرۈكلەرنى يېگەندە، ئۆرۈك ئۈچكىلىرىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئوينىماقچى سورۇنغا توپلىشىپ ئىككىدىن بىر گۇرۇپپا بولۇپ بۆلۈنىدۇ. بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن ئىككى بالىنىڭ بىرسى يانچۇقىدىن بىر نەچچە تال ئۈچكىنى سىقىمداپ ئېلىپ يېنىدىكى بالىدىن ‹‹تاقمۇ – جۈپمۇ؟›› دەپ سورايدۇ. سوئال سورالغان بالا ئۈچكە تۇتقان بالىنىڭ تۈگۈلگەن مۇشتۇمىنى مىجىقلاپ بېقىش، قول دۈمبىسىنىڭ تېرىسىنى ئىككى باش بارماقتا تۈرۈپ كۆرۈش ئارقىلىق پەرىزىگە تايىنىپ ‹‹تاق›› ياكى ‹‹جۈپ›› دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ھۆكۈم توغرا بولسا، ئۈچكە تۇتقۇچىنىڭ سىقىمىدىكى ئۈچكىنى ئۇتۇۋىلىپ، ئويۇننى ئۆزىدىن باشلايدۇ؛ ئەگەر ھۆكۈم خاتا چىقسا، ئۈچكە تۇتقان بالىنىڭ قولىدىكى ئۈچكە قانچە تال بولغان بولسا، ئۈچكە تۇتقان بالىغا شۇنچە تال ئۈچكىنى ئۇتتۇرغان بولىدۇ. ئۇتقان بالا ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ئويۇن مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تەكرارلىنىپ، ئىككى بالىنىڭ بىرسىدىكى ئۈچكە تۈگىگەندە توختايدۇ. ئۇتقۇچى ئۇتقان ئۇچكىلەرنى ئويۇن ئوينىغۇچى ۋە كۆرگۈچىلەرگە بۆلۈپ بېرىدۇ.

      ‹‹تاقمۇ – جۈپمۇ؟›› ئويۇنى بالىلارنى سالماق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەيدۇ، پايدا بىلەن زىيانغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، باشقىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ئۈندەيدۇ. بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىپ، باشقىلار بىلەن ئىناق ئۆتۇشكە ئۈندەيدۇ. بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش، يۈزەكى ئالامەتلەر ئاساسى ئاساسىدا پەرەز قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۈ.

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] تۇنجى ئاۋدىفون [ 2012-02-12 00:25:27 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] يېڭى تىپتىكى تانكىلار [ 2012-02-12 00:24:20 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹بىجىگەن توپ›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:20:48 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹تاقمۇ – جۈپمۇ؟›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:18:14 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹چانا تېيىلىش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:15:57 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹ياڭاق سوقۇشتۇرۇش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:13:31 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹راۋاب ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:09:05 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] خورەك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ [ 2012-02-11 23:28:44 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنىڭ قۇلاق ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىڭ [ 2012-02-11 23:26:07 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا بۇ يىلدىن ب [ 2012-02-11 23:24:37 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر