پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

‹‹تۆگە ــ تۆگىلەڭ›› ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-23 23:27 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
‹‹تۆگە ــ تۆگىلەڭ›› ئويۇنى قىش پەسلىدىن باشقا ھەممە پەسىلدە يەنى ئالاھىدە سوغۇق ۋە پەۋقۇلئاددە ئىسسىق بولمىغان ئەھۋالدا تالا ــ
تەلەي +1

‹‹تۆگە ــ تۆگىلەڭ›› ئويۇنى

‹‹تۆگە ــ تۆگىلەڭ›› ئويۇنى قىش پەسلىدىن باشقا ھەممە پەسىلدە يەنى ئالاھىدە سوغۇق ۋە پەۋقۇلئاددە ئىسسىق بولمىغان ئەھۋالدا تالا ــ تۈزدە، دەل ــ دەرەخ سايىسىدا قىز ــ ئوغۇللار بىرلىكتە ئوينايدىغان قوشاقلىق ئويۇن. 

      بۇ ئويۇنغا قاتنىشىدىغان بالىلار ئۆزلىرى ئارىسىدىن تەيىنلەنگەن ئىككى ‹‹ئانا››نىڭ تاللىۋېلىشى ئارقىلىق ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ، ھەربىر گۇرۇپپا 8 ـــ 9 غىچە بالا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئۇلاردىن بىر گۇرۇپپا قول تۇتۇشۇپ چەمبەر ياسايدۇ. يەنە بىر گۇرۇپپا ئەزالىرى ‹‹ئانا››سىنى باشقا ئېلىپ بىر ــ بىرىنىڭ ئارقا پېشىنى تۇتۇپ بويسۈرە قاتار بولۇشۇپ، خۇددى يىراق ــ يىراقلارغا يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان تۆگە كارۋىنىغا ئوخشاش سەپ تۈزگەچكە، ‹‹قاتار تۆگىلەر›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سەپ تۈزگەن بالىلار ئۆز سېپىنى بۇزماستىن، دۈگىلەك بولۇپ تۇرغان بالىلارنىڭ قولى ئاستىدىن بىر ــ بىرلەپ ئۆتىدۇ. بۇ چاغدا ئىككى گۇرۇپپا ئارىسىدا قوشاق ئېتىشىش باشلىنىدۇ.

      دۈگىلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:

قاتار ــ قاتار تۆگىلەر،

نەگە ــ نەگە ماڭدىڭلار.

      تۆگە بولۇپ تۇرغان بالىلار:

تۇزغا ــ تۇزغا ماڭدۇق بىز.

 ـــ تۇزۇڭ نەگە تۆكۈلدى؟

ـــ ئارا يولغا تۆكۈلدى.

ـــ تاسقاپ ــ تاسقاپ ئالساڭچۇ؟

تاغىرىڭغا سالساڭچۇ؟

 ـــ تاغىرىمدا تۆشۈك بار،

ماراپ تۇرغان مۈشۈك بار.

 

      بۇ ئويۇن ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ئالمىشىشى بىلەن يۇقىرىقى مەزمۇندا داۋاملىشىدۇ.

      ‹‹تۆگە ــ تۆگىلەڭ›› ئويۇنى بالىلارنى تەرتىپلىك، ئۇيۇشقاق، ھەرىكەتچان بولۇشقا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈندەيدۇ.

      مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيارنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى››دىن ئېلىندى.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 2011-يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىن دوكلات [ 2012-01-24 00:28:43 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 2011-يىللىق ھۆكۇمەت خىزمىتىدىن دوكلات [ 2012-01-24 00:22:17 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنى زىيادە ئىسسىق تۇتۇشمۇ ئۆپكە ياللۇغىنى ك [ 2012-01-24 00:19:44 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] تۆت ياش بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشنى داۋال [ 2012-01-24 00:16:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلارنىڭ گۈل مەدەنىيىتى [ 2012-01-24 00:03:35 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] تەڭداشسىز ‹‹زومىگەر›› ئاۋىياماتكا [ 2012-01-23 23:55:11 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم [ 2012-01-23 23:51:13 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالا تەربىيەسىدە مۇنۇ ئىشلار سەمىڭىزدە بولسۇن [ 2012-01-23 23:45:43 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] سىيگەك بالىلارنى داۋالاشنىڭ بەش رىتسىپى [ 2012-01-23 23:44:26 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاقلارنىڭ چىشىنى قانداق ئاسراش كېرەك [ 2012-01-23 23:42:39 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر