![]() |
‹‹ئويمۇ ــ قويمۇ؟›› ئويۇنى‹‹ئويمۇ ــ قويمۇ؟›› ئويۇنىنى قىز ــ ئوغۇللار خالىغان ۋاقىت ۋە ئورۇندا، ئومۇمەن تالا ــ تۈزدە ئەركىن ــ ئازادىلىك، سىلىق ــ سىپايىلىق ئىچىدە ئوينايدۇ. ![]() بۇ ئويۇن مەخسۇس ئويناش ۋە تاسادىپىي ئويناش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ: مەخسۇس ئويناشتا، بالىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆزئارا پاراڭلىشىپ، پاراڭ ئارىلىقىدا بىرى ئىككى قولىدا يەنە بىرىنىڭ ئىككى كۆزىنى بوش تۇتۇپ ‹‹ئويمۇ ــ قويمۇ؟›› دەپ سورايدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۆزى تۇتۇۋېلىنغان بالا ‹‹قوي›› دېيەلىسە ئويۇندا ئۇتقان بولىدۇ ــ دە، قارشى تەرەپ دەرھال قولىنى بوشىتىدۇ؛ ئەگەر ‹‹ئوي›› دەپ قالسا، قارشى تەرەپ ئۇنىڭ كۆزىنى چىڭراق بېسىپ قويۇۋېتىدۇ. تاسادىپىي ئويناشتا، بالىلار يېقىن دوستلىرى ياكى تۇغقانلىرىنىڭ باشقا ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەتكەن پۇرستىدىن پايدىلىنىپ كەينى تەرەپتىن ئاستا كېلىپ، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تۇيدۇرمايدۇ. قالغان سۆز ــ ھەرىكەتلەر مەخسۇس ئويناشتىكى بىلەن ئوخشىشىدۇ. بالىلار ‹‹ئويمۇ ــ قويمۇ؟›› ئويۇنى ئارقىلىق ھەرقانداق ئورۇن ۋە ۋاقىتتا سۆز ــ ھەرىكەتتە جەبدەس بولۇپ، ئويناپ سۆزلىسىمۇ ئويلاپ سۆزلەش ماھارىتىنى ئاشۇرىدۇ. مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيارنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى››دىن ئېلىندى. تەھىرلىگۇچى:admin
|