پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

‹‹ۋىژىلداق›› ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-17 19:54 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
‹‹ۋىژىلداق›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارا كەڭ تارقالغان بولۇپ، بىر يىلنىڭ ھەرقايسى پەسىللىرىدە، ئاساسلىقى يېزا ــ قىشلاقلاردا
تەلەي +1

‹‹ۋىژىلداق›› ئويۇنى

‹‹ۋىژىلداق›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارا كەڭ تارقالغان بولۇپ، بىر يىلنىڭ ھەرقايسى پەسىللىرىدە، ئاساسلىقى يېزا ــ قىشلاقلاردا كۆپرەك ئوينىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ بۇ ئويۇننىڭ يېزا بالىلىرى ئارىسىدا يەنە ‹‹غۇژ ــ غۇژ›› دېگەنگە ئوخشاش ناملىرىمۇ بار. بالىلار بۇ ئويۇننى ئۆز ئالدىغا ياكى بىر ــ بىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ئوينايدۇ.

‹‹ۋىژىلداق›› ئويۇنى
 
    بالىلار ئالدى بىلەن توملۇقى ۋە ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇرا بارماقچىلىك كېلىدىغان تاياقچىنى چىرايلىق ئاقلاپ، ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرسىنى ئازراق بەلدەپ ئايلانما ئىزنا پەيدا قىلىدۇ، ئاندىن 80 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى شوينىنىڭ ئىككى ئۇچىنى چېتىپ ئوتتۇرسىغا بايىقى تاياقچىنى چىگىدۇ، ئاندىن شوينىنىڭ ئىككى چەتتىكى ھالقا قىسمىغا ئىككى باش بارمىقىنى ئۆتكۈزۈپ، سەل ــ پەل ئايلاندۇرۇپلا ئىككى تەرەپكە ئاستا ــ ئاستا تارتىدۇ، بۇ چاغدا تاياقچە ئوڭ ۋە تەتۈر ئايلىنىپ ‹‹ۋىژ ــ ۋىژ›› ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئويۇن يۇقىرىقى تەرتىپتە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. ئويۇن ئاخىرىدا بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق تەييارلاش ماھارىتى، ئويۇن داۋامىدىكى قائىدىگە بويسۇنۇش ئەھۋالى، ياراتقان نەتىجىسى قاتارلىقلار ئۆزئارا باھالىنىدۇ.

      بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ جاسارىتىنى ئاشۇرىدۇ، بىلەك ۋە كۆكرەكلىرىنى چېنىقتۇرىدۇ، جۈملىدىن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىدۈ، بالىلارنى روھلۇق، ئىرادىلىك، چىداملىق ئۆسۈپ ــ يېتىلىشكە يېتەكلەيدۇ.

      مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيارنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى››دىن ئېلىندى.
 

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹چۆچۈرە قايناق›› ئويۇنى [ 2012-01-17 19:59:49 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹ۋىژىلداق›› ئويۇنى [ 2012-01-17 19:54:56 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹ئويمۇ ــ قويمۇ؟›› ئويۇنى [ 2012-01-17 19:51:56 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹جىلدىرماچ›› ئويۇنى [ 2012-01-17 19:47:27 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى قانداق يېتىلد [ 2012-01-07 17:47:24 ]
[قانۇن تۇزۇم] جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى [ 2012-01-07 17:43:01 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاقنىڭ تېنى نىسبەتەن چوڭ بولسا ياخشى بولامدۇ؟ [ 2012-01-07 17:40:07 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئېگىزلىكىنى ئالدىن بىلىش [ 2012-01-07 17:38:48 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالدۇر تۇغۇلغان بالىلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئۈ [ 2012-01-07 17:37:08 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئانىنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە بالىنىڭ خاراكتېرى [ 2012-01-07 17:35:39 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر