سۈپەتسىز ئويۇنچۇقلارنىڭ خەتىرى كۆپ بولىدۇ 杂牌玩具的危险明显的多 The danger of toys obviously inferior brand مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشچە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە سۈپەتسىز ئويۇنچۇقلارنىڭ ئۈچ جەھەتتىن خەتىرى بار ئىكەن: بىرىنچى، خىمىيلىك زىيىنى. بەزى ئۇچۇق رەڭلىك كۇبىك ياكى تۆمۈر ئويۇنچۇقلارنى ياساش جەريانىدا، ھەر خىل تەركىبلىك سىر ياكى سۇۋالغۇلار ئىشلىتىلىدۇ. شۇغىنىسى، زىيانلىق ماددىلارنىڭ مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن سىرلارنىڭ تەركىبىدە قوغۇشۇن، خروم، سۈرمە، ئارسېن، كادمىي، سىماب قاتارلىق زىيانلىق مېتاللار بار بولۇپ، ئىشلەتكۈچىگە يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلىدۇ. ئىككىنچى، فىزىكىلىق زىيىنى. بەزى ئويۇنچۇقلارنىڭ ئۇچلۇق ياكى قىرلىق جايلىرى بولۇپ، ئېھتىيات قىلمىغاندا ئاسانلا بالىلارنىڭ تېرىسى ياكى كۆزىگە سانجىلىپ كېتىدۇ. بەزى ئويۇنچۇقلار بەك چوڭ، بەك قوپال بولۇپ، بالىلارنىڭ قول - پۇتلىرىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ. ئۈچىنچى، روھىي جەھەتتىكى زىيان. بازاردىكى بىر قىسىم ئويۇنچۇقلار بالىلارغا جىسمانىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزمىسىمۇ، بىراق پىسخىكا جەھەتتىن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشگە بولغان زىيىنى بەك چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ئاتا -ئانىلار بالىلىرىغا ئويۇنچۇق تاللىغاندا، بىرسى مەھسۇلاتنىڭ دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي خاراكتېرلىك مەھسۇلات ئېتىراپنامىسى، يەنى ‹‹ccc›› بەلگىسى بار - يوقلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىككىنچىسى، ئويۇنچۇق ماركىسىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت نامى، ئادرېسى، تېلېفۇن نومۇرى، ئويۇنچۇقنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى ۋە تەركىبى، قانچە ياشلىق بالىلارغا ماس كېلىدىغانلىقى قاتارلىق ئىزاھاتلارنىڭ بار -يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى بار -يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، قۇراشتۇرۇلىدىغان ئويۇنچۇقلارنىڭ قۇراشتۇرۇش تەرتىپىنىڭ بار - يوقلۇقىغا، بەشىنچىدىن، سۈپەت ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|