پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىلار مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ يەنە بىر بايلىقى — بالى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-19 11:54 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
دادىسى: ھۇ، كالۋا، ئۇقۇتقۇچىڭنىڭ سۆزلىگىنى دۆلەت قانۇنى، مېنىڭ سېنى ئۇرۇشۇم ئائىلىمىزنىڭ قانۇنى.

بالىلار مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ يەنە بىر بايلىقى — بالىلار يۇمۇر – چاخچاقلىرى

 

رىسالەت شېرىپ

 

بالىلار يۇمۇرلىرى تېماتىك مەزمۇنىنىڭ كەڭ ۋە تېرەنلىكى، قۇرۇلمىسىنىڭ ئاددىي ۋە پۇختىلىقى، تىلىنىڭ ئۆتكۈر ۋە دەلىللىكى، ئېستېتىك تۈسىنىڭ قويۇقلۇقى بىلەن بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە خۇشاللىق، روھىي جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلىدۇ. بالىلار يۇمۇرلىرىدا، ئاساسەن، بالىلار تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ. ئۇلار تولىمۇ ئىخچام بولۇپ، دائىرە جەھەتتىن بالىلار تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. بالىلار يۇمۇرلىرىدا قىزىقارلىق ۋەقەلەر بايان قىلىنىپ، بالىلار تۇرمۇشىدىكى ناچار ئىللەتلەر، ئۇلارنىڭ روھىي ۋە پىسخىك جەھەتتىن ساغلام يېتىلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر تەرەپلىمىلىكلەر، مەكتەپ ئوقۇتۇشىدىكى بىر قىسىم قاتماللىق ۋە شەكىلۋازلىقلار دارىتمىلاش، مەسخىرە قىلىشتەك ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق سەمىمىي ۋە يېنىك كۈلكە ئىچىدە ئېچىپ بېرىلىدۇ.

بالىلار يۇمۇرلىرى بالىلار تۇرمۇشىنى ئەڭ ئىخچام، ئەڭ تېز، جانلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەينەكلىك رولىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، بالىلار يۇمۇرلىرىنىڭ تەربىيەۋى رولىنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1. بالىلار يۇمۇرلىرىدا بالىلاردىكى بىر قىسىم ناچار ئىللەتلەر قامچىلىنىدۇ.

‹‹يول قويۇپ››

سىنىپ تازىلىقى ياخشى بولمىغاچقا، ئوقۇتقۇچى كايىپتۇ:

سىنىپنى پاكىز تازىلاپ ئولتۇرساڭلار بولمامدۇ؟

كايىمىسىلا، مۇئەللىم، دەپتۇ ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى، بىز تازىلايتتۇق، لېكىن شۇ بىر بىرىمىزگە يول قويۇپ.

شەخسىي تازىلىق ۋە كوللېكتىپ تازىلىق بالىلارنىڭ يېتىلىشىدە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى. بۇ يۇمۇردا بەزى بالىلاردىكى كوللېكتىپ تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشتىن ئىبارەت ناچار ئىللەت ئاشكارىلانغان. بالىلار بۇ يۇمۇرنى ئوقۇغىنىدا، ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، جىسمانىي ئەمگەك (كوللېكتىپ تازىلىقمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئارقىلىق جىسمانىي ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت ئىچكى باغلىنىشقا ئىگە بۇ قائىدىنى تەدرىجىي تونۇپ يېتىدۇ.

2 .بالىلار يېتىلىش جەريانىدا ناچار ئىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنداق پاسسىپ ئىللەتنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاۋۋال ھەم ئەڭ ئاسان ئۇچرايدىغىنى قىسمەن ئاتا ئانىلاردىكى بىر تەرەپلىمە تەربىيە ئۇسۇلىدۇر.

 ‹‹يەنە بىر ھېساب ئىشلىتىڭ››

بالام، ماۋۇ ھېسابنى ئىشلەپ باقە.

ئىشلەپ بولدۇم، نەتىجىسى بەش چىقىدىكەن.

يارايسەن، مە ماۋۇ بەش موچەننى، كەمپۈت ئېلىپ يېگىن!

ئاپا، ئەمدى نەتىجىسى 100 چىقىدىغان ھېسابتىن بىرنى ئىشلىتىڭ ھە.

مەنە ۋە قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئاددىي بۇ يۇمۇردا ماددىي مۇكاپات ئارقىلىق بالىلارنى تاماخورلۇققا ئادەتلەندۈرۈش، ئۇلارنى ماددىي مەنپەئەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان شەخسىيەتچىلىك يولىغا باشلاشتەك ناچار تەربىيە ئۇسۇلى قامچىلانغان.

3. بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىغا سەل قاراش، ئاتا ئانىلار ئۆز سالاھىيىتىنى پەش قىلىپ، بالىلارنىڭ يوللۇق، ئورۇنلۇق تەلەپلىرىنى رەت قىلىش، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ياشاشقا بولغان ئىشەنچىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشمۇ بىر قىسىم ئاتا ئانىلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدە ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر گەۋدىلىك مەسىلە. تۆۋەندىكى يۇمۇردا دەل مۇشۇ مەسىلە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن:

‹‹ئائىلە قانۇنى››

ئوغلى: ئوقۇتقۇچىمىزدىن ئاڭلىدىم، دادىسى بالىسىنى ئۇرسا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىدىكەن.

دادىسى: ھۇ، كالۋا، ئۇقۇتقۇچىڭنىڭ سۆزلىگىنى دۆلەت قانۇنى، مېنىڭ سېنى ئۇرۇشۇم ئائىلىمىزنىڭ قانۇنى.

بالىلار ئائىلىسىدە ھەر خىل سەۋەب تۈپەيلىدىن، دائىم جىسمانىي جازاغا ئۇچرىغاندا، ئۇلاردا مۇنداق ئىككى خىل ناچار پىسخىك ھالەت شەكىللىنىدۇ، ئۇنىڭ بىرى، يالغانچىلىق كاززاپلىق ۋە قورقۇنچاقلىق، ئىككىنچىسى، ئۆچمەنلىك. ئائىلە باشلىقىلىق مونوپۇللۇقى قارىماققا، چوڭلار ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش بولمىسىمۇ، بىراق پسىخىك نۇقتىدىن ئالغاندا، بالىلارنىڭ گۆدەك قەلبىدە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى بىخلاندۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يۇقىرىقى يۇمۇردا بالىلارنىڭ ئائىلىسىدە ئۆزىگە تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت قەلب ساداسى ئىپادىلەنگەن.

4.ئائىلە تەربىيەسىدە ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە بالىلارنى زىيادە ئەتىۋارلاپ، ئۇلار ئۆزلىرى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئاتا ئانىلار ھۆددە ئېلىۋېلىپ، كۆيۈمچانلىقنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش. تۆۋەندىكى يۇمۇردا مۇشۇ مەسىلە جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن:

‹‹تاپشۇرۇق ئىشلەش››

مۇئەللىم ئوقۇغۇچىسىغا كايىپتۇ:

خەتنى شۇنچە كۆپ خاتا يازغىنىڭنى قارا، ئۇيالمامسەن؟

يالغۇز ئۆزۈم ئەمەس، دادام بىلەن بىللە يازغان.

بۇنىڭدا ھازىرقى زامان ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيەسىدە ئاتا ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

‹‹قالاق ئۇسۇلنى ئۆزگەرتەيلى››

دادا، كىچىكىڭىزدە دادىڭىز سىزنى ئۇرغانمۇ؟

ئۇرغان.

دادىڭىزنىڭ دادىسى ئۇنى كىچىك ۋاقتىدا ئۇرۇپتىكەنمۇ؟

دائىم ئۇرىدىكەنتۇق.

ئۆتمۈشتىن قالغان بۇ قالاق ئۇسۇلنى ئۆزگەرتسەك بولغۇدەك.

ناھايىتى توغرا دېدىڭ بالام، چوقۇم ئۆزگەرتىمىز.

ئەمدى ماۋۇ ئىمتىھان نەتىجەمنى كۆرۈپ بېقىڭە.

خېلى بىر قىسىم ئائىلىلەردە بالىلار ئاتا ئانىسىغا كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى، جۈملىدىن ئوقۇش ئۆگىنىش نەتىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك گېپىنى دېيەلمەيدۇ، چۈنكى ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ (بولۇپمۇ ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئالغانلارنىڭ) ئۆگىنىش نەتىجىسىگە توغرا قارىماسلىقى سەۋەبلىك بالىلار قورقۇپ راست گېپىنى دېيەلمەي يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. يۇقىرىقى يۇمۇردا بالىنىڭ كۆڭلىدىكى گېپى يۇمۇر ۋاسىتىسى ئارقىلىق بايان قىلىنىپ، مەسىلىنى ئىجابىي نۇقتىدىن ھەل قىلىش ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن.

5 .بالىلار، ئادەتتە، ئائىلىدە ياكى مەكتەپتە بولسۇن، ئاتا ئانىلىرىنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ روھىي كەيپىياتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، چۈنكى بالىلار بۇ ئارقىلىق كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەدرىجىي چۈشىنىدۇ.

‹‹قوشكېزەك››، ‹‹سەبىي سوئال››، ‹‹دادامنى قانداق قۇتقۇزىمىز؟››، ‹‹دادامنى ياخشى كۆرمەمسەن؟›› قاتارلىق يۇمۇرلارمۇ يۇقىرىقىلار جۈملىسىگە كىرىدۇ.

6 .ھازىر ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىشى، بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن زېرىكىش، ئوقۇش ئۆگىنىشنى مەجبۇرىيەت ۋە بېسىم ھېس قىلىشى سەۋەبلىك ئوقۇشتىن قېچىش، كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلىنىش خاھىشى كۈچەيمەكتە. بۇنداق خاھىشمۇ بالىلار يۇمۇرلىرىنىڭ سىرتىدا ئەمەس. بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن زېرىكىشنىڭ سەۋەبىنى دەل بېسىم مەجبۇرلاش كۆپ، ئىختىيارىيلىق ئاز، ماددىي رىغبەتلەندۈرۈش كۆپ، مەنىۋى رىغبەتلەندۈرۈش ئاز بولۇشتەك نامۇۋاپىق تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ‹‹بۇلاڭچىغا ئۇچراش››، ‹‹ھۇرۇنلۇق››، ‹‹تېز ئىلگىرىلەش››، ‹‹مەكتەپتىن قېچىش›› قاتارلىق يۇمۇرلاردا بۇلار گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.

7 .بالىلار ئويناپ تۇرۇپ ئۆگىنىدۇ، ئۆگىنىپ تۇرۇپ ئوينايدۇ. بۇ بالىلاردىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىك. بالىلار تەپەككۇرىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى كونكرېت ھەم بىۋاسىتىلىككە ئىگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھەر قانداق بىر ئىشنى ئۆز تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشقا بەكلا قىزىقىدۇ. مۇنۇ يۇمۇردا بۇ مەسىلە بەكمۇ جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن:

 ‹‹سەرەڭگە سېتىۋېلىش›› دادىسى: ماگىزىندىن سەرەڭگە ئەكەلدىڭمۇ؟

بالىسى: ئەكەلدىم.

دادىسى: سەرەڭگە ئوبدان يانامدىكەن؟

بالىسى: ھەممىسىنى ياندۇرۇپ باقتىم، پەقەت بىر تاللا يانمايدىكەن.

ئەلۋەتتە، ئوت يېقىش بالىلارغا نىسبەتەن خەتەرلىك ئىش. بىراق، بۇ يۇمۇردا دادىسىنىڭ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇسۇلى نامۇۋاپىق بولغاچقا، ھەر قانداق بىر ئىشنى ھەرقانچە خەتەرلىك بولسىمۇ، ئۆز تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشقا ئىنتىلگەن بۇ ‹‹بەڭباش›› بالىنىڭ قىزىقارلىق جاۋابلىرى بالىلارنى ھەم چوڭلارنى ئويلاندۇرىدۇ.

بالىلار يۇمۇرلىرى بالىلار تەربىيەسىدىكى مەسىلىلەرنى بالىلارچە تەسىرات بىلەن بالىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ چۈشىنىشىمىزگە، ئەڭ مۇھىمى، بالىلارنى توغرا چۈشىنىشىمىزگە، ئۇلارنى توغرا يېتەكلىشىمىزگە زۆرۈر ئىمكانىيەتلەرنى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

دېمەك، بالىلار قىسقىغىنا تەنەپپۇس، چۈشلۈك ئارام ئېلىشلاردا بالىلىق تەسەۋۋۇر، بالىلىق ھېسسىياتقا باي بالىلار تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بالىلار يۇمۇر چاقچاقلىرىدىن ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپ، مەنىۋى يۈكتىن ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەيدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن شۇنداق خۇلاسە قىلىشقا بولىدۇكى، بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ بالىلارغا بىلىم بېرىش، بالىلارنى تەربىيەلەش، بالىلارغا ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىش رولى بالىلارچە تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرغا باي بالىلار يۇمۇرلىرى ئارقىلىقمۇ ئىشقا ئاشىدۇ. بالىلار يۇمۇرلىرى بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنىڭ مەلھىمى سۈپىتىدە بالىلارنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپ، ئۇلارغا شاد خۇراملىق ئاتا قىلىشتا ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغۇسى!

 

شىنجاڭ گىزىتىدىن ئېلىندى.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر