پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

جىرىڭداق ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-07 15:28 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
كەڭلىكى بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى نېپىز ياپىلاق تۆمۈردىن دىيامېتىرى 30 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سىم تۆمۈرنىڭ ئۇچىنى ئېگىپ چەمبەرنى

جىرىڭداق ئويۇنى

 

جىرىڭداق ئويۇنى — خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن كىچىك بالىلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كىچىك بالىلارنىڭ يېشىغا باب كېلىدىغان ، ئۇلارنىڭ چاققانلىقىنى ۋە تېزلىكىنى ئاشۇرىدىغان ، بەدىنىنى چېنىقتۇرۇش جەھەتلەردە رولى چوڭ بولغان قىزىقارلىق ئويۇندۇر . بۇ ئويۇننى شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا « جىرىڭداق ئويۇنى » دەپمۇ ئاتايدۇ ( جىرىڭداق — تۆمۈر چەمبەرنى سىم تۆمۈر بىلەن ئىتتىرگەندە جىرىڭلاپ ئاۋاز چىقىدۇ ، شۇڭا « جىرىڭداق » دېيىلىدۇ ) .

   ئوينىلىش ئۇسۇلى : كەڭلىكى بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى نېپىز ياپىلاق تۆمۈردىن دىيامېتىرى 30 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سىم تۆمۈرنىڭ ئۇچىنى ئېگىپ چەمبەرنى سىم تۆمۈر بىلەن ئىتتىرىپ دۈگىلىتىپ ئوينايدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ئەگلەكنىڭ قاسقىنىنى دۈگىلىتىپمۇ ئوينايدۇ . بۇ ئويۇننى ئويناشتا ئويۇنغا چۈشكۈچىنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ . ئوغۇل ، قىز دەپ ئايرىلمايدۇ . يالغۇز بالا ئوينىسىمۇ ، بىر قانچە بالا مۇسابىقىلىشىپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ .

   بۇ ئويۇنغا قاتناشقۇچى بالىلار بىر يەرگە جەم بولغاندىن كېيىن بىر تۈز يەرگە ئويۇننى باشلاش سىزىقى سىزىلىدۇ . ئاندىن قاتنىشىدىغان بالىلار ئارىلىق تاشلاپ باشلاش سىزىقى سىزىلىدۇ ، ئاندىن قاتنىشىدىغان بالىلار ئارىلىق تاشلاپ باشلاش سىزىقى ئۈستىدە قاتار تۇرىدۇ . باشلاش ئىشارىسى بېرىلگەندىن كېيىن قايسى بىر بالا دۈگىلىتىشنى توختىتىپ قويماق ئۇزاق ئارىلىققا دۈگىلەتسە ، شۇ بالا يەڭگەن بولىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتقا قاراپ مۇسابىقىلەشسىمۇ بولىدۇ . بۇنىڭدا جىرىڭداقنى دۈگىلىتىپ قايسى بالا مۇسابىقە جەريانىدا قىسقا ۋاقىتتا بەلگىلەنگەن ئارىلىققا يېتىپ بارسا ، شۇ بالا يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ . مۇسابىقە جەريانىدا دۈگىلىتىش بۇزۇلۇپ كەتسە ، يەنە داۋاملاشتۇرۇپ دۈگىلىتىۋەرسە بولىدۇ . يالغۇز بالا ئۆزى ئوينىسىمۇ بولىدۇ .

 

   ھازىر بەزى جايلاردا بالىلار كىچىك ۋېلىسپىت چاقىنىڭ تاشقى كامىرىنى دۈگىلىتىپ ئوينايدىكەن . بۇ خىل دۈگىلىتىپ ئويناش بۇرۇنقى تۆمۈر ، ياغاچتىن ياسالغان چەمبەرلەرنى دۈگىلىتىپ ئويناشقا قارىغاندا ئىلغارراق بولۇپ ، كامىرنى قولى بىلەن ئىتتىرىپ دۈگىلىتىپ ، ئاندىن چوكىدىن تومراق ياغاچ بىلەن ئۇرۇپ دۈگىلىتىپ ئوينايدۇ .

   مۇسابىقىدە بىر بالا يەنە بىر بالىنىڭ دۈگىلىتىشىگە تەسىر يەتكۈزسە ياكى جىرىڭداقنى ئۆرۈۋەتسە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ .

   جىرىڭداق ئويۇنىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىق سىنىپلىرىدا ، بالىلار باغچىسىدىكى چوڭراق بالىلار ئارىسىدا ئېلىپ بارسا ۋە ئۆز ئارا مۇسابىقىلەشتۈرسە تازا مۇۋاپىق كېلىدۇ .

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى » دىن ئېلىندى.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر