ئاقىل ۋە ئالتۇن ( چۆچەك )
بۇرۇنقى زاماندا بىر يېزىدا تولىمۇ بېخىل بىر موللا ئۆتكەن ئىكەن. بۇ يېزىدىكى بالىلار شۇ موللىدا ئوقۇيدىكەن. بالىلار موللىغا ھەر ھەپتىدە ‹‹پەيشەنبىلىك›› ئەكىلىدىكەن، ئەگەر پەيشەنبىلىك ئەكىلەلمىسە ‹‹پالاققا تارتىش›› بىلەن جازالىنىدىكەن.
موللا بالىلارنى بىر كۈن راسا ئىشقا سېلىپ، بىر بۇردا نانمۇ بەرمەپتۇ. بىر چاغدا ئۆي ئىچىدىن مانتىنىڭ مەززىلىك پۇرىقى كېلىشكە باشلاپتۇ. بالىلار كۆڭلىدە، موللام بىزنى ئوبدان مېھمان قىلىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىشىپتۇ. لېكىن موللا ئۇلارنىڭ ئىشىدىن بىر تالاي قۇسۇر تېپىپ ھەيدىۋېتىپتۇ. بۇنى ھار ئالغان بالىلار يولدا ماڭغاچ موللىدىن قاقشاپتۇ. بىر چاغدا بالىلار ئارىسىدىكى ئاقىل ئىسىملىك بالا دوستلىرىغا بىر مەسلىھەت بېرىپتۇ. بۇ مەسلىھەت بالىلارغا يېقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ، موللىنىڭ ئۆيىگە كەلسە موللا بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ھورى چىقىپ تۇرغان مانتىنى يەۋاتقان ئىكەن. ئۇ بالىلارنى كۆرۈپ، تەخسىدىكى مانتىنى داستىخانغا يۆگەپ قويۇپ قاپىقىنى تۈرۈپ:
— ھە، نېمە ئىش؟ – دەپ سوراپتۇ.
— سىلىگە ئېيتىدىغان گېپىم بار ئىدى، – دەپتۇ ئاقىل موللىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئاخشام دادام بىلەن ئانام قازناقنى چاققان ئىكەن، ئىچىدىن بىر كوزا ئالتۇن چىقىپتۇ....
— ھە، ئالتۇن؟ – موللا ئىختىيارسىز توۋلاپ تاشلاپتۇ. ئاقىل سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
— دادام موللىغا بىر قىسمىنى بېرىمىز دېدى، ئانام بەرمەيمىز دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن گەپ تالىشىپ قالدى.
بۇنى ئاڭلىغان موللىنىڭ مۇز يېغىپ تۇرغان چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلىپتۇ ۋە داستىخانغا يوشۇرۇپ قويغان مانتىنى ئېلىپ ئاقىلنى ۋە بالىلارنى يېيىشكە زورلاپتۇ. بالىلار مانتىغا ئىشتىھا بىلەن تۇتۇش قىلىپتۇ. موللا قورسىقىنىڭ ئاچقىنىنى ئۇنتۇپتۇ – دە، شېرىن خىيال ئىلكىدە ئالتۇن، ئالتۇن دېگىنىچە ئەللەيلىنىپتۇ.
بالىلار مانتىنى يەپ بولغاندا موللا ئاقىلدىن سۆزىنىڭ ئاخىرىنى سوراپتۇ، ئاقىل سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
— دادام بىلەن ئانام تالىشىۋەرگەچكە، كوزا يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كەتتى، – دەپتۇ.
— ئالتۇنچۇ؟ – موللا تەقەززالىق بىلەن سوراپتۇ.
— كوزىنىڭ چېقىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم، ئەسلىدە چۈش كۆرۈپتىكەنمەن. شۇڭا سىلىدىن بىر تەبىر ئاڭلاي دەپ كېلىۋېدىم، – دەپتۇ ئاقىل.
— ھە، ‹‹چۈش››، – دېگىنىچە موللىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ.
|