پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

قوشماق ئاداش ۋە توپۇق ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-07 15:21 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
قوشماق ئاداش ئويۇنى خەلقىمىز ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئىككى ياشنىڭ ساداقىتىنى ئىپادىلەشنىڭ سىمۋولى قىلىنغان.

قوشماق ئاداش ۋە توپۇق ئويۇنى

 

شېرىپ خۇشتار

 

    قوشماق ئاداش ئويۇنى بىلەن توپۇق ئويۇنى خەلقىمىزدە دوستلۇق، ۋاپادارلىق، ساداقەتمەنلىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئويۇنلاردۇر.

    قوشماق ئاداش ئويۇنى خەلقىمىز ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئىككى ياشنىڭ ساداقىتىنى ئىپادىلەشنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. ئويۇن ئۈچۈن ئۆرۈك ئۈچكىسىدىن جۈپ (قوشماق)چىققان مېغىز تاللىنىپ قوشماق ئوينىغۇچى ئىككى تەرەپ بىردىن يەيدۇ. يېيىش ۋاقتىدا، ۋاقىت بەلگىلەپ، بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا كىم بالدۇر «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قوشماق ئاداش»دەۋالسا شۇ ئۇتقان بولىدۇ. ئوتتۇرغۇچى ۋەدىلەشكەن نەرسىنى ئۇتقۇچىغا بېرىدۇ. بۇ ئويۇن كۆرۈنۈشتە ئاددىي بولغىنى بىلەن ئىككى دوستنىڭ بىر ئۈچكە ئىچىگە سىغقان قوشماق مېغىزدەك ھىم دوستلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ.

    توپۇق ئويۇنى شەرتى ئېغىر، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، مۇددىتى ئۇزاق، ئەر ئايال، قېرى ياشلار ئارىسىدا تەڭ ئومۇملاشقان ئويۇن. بۇ ئويۇنمۇ دوستلۇقنىڭ مۇستەھكەملىكىنى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان دوستلۇق بولۇشنى سىناش ئويۇنى. بۇ ئويۇن ئۈچۈن قوي ياكى ئۆچكىنىڭ توپۇقى لازىم. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇستەھكەم ئۇيۇللۇققا ئىگە. گۆش بىلەن توپۇق سۆڭىكى ئارىسىدىكى ئۇيۇللۇقنى پىچاق بىلەن ئاجرىتىشمۇ خېلى قىيىن. خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ دوستلۇق غايىسىنى ئەنە شۇ گۆش بىلەن توپۇق سۆڭىكى ئارىسىدىكى ئۇيۇللۇققا سىمۋول قىلغان.

    توپۇق ئويۇنىنىڭ ئوينىلىشى: توپۇق ئوينىغۇچى ئىككى كىشى بىر يەردە تۇرغان بولسۇن ياكى يىراق يەردە بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ دوستلۇق سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىرى يەنە بىرىگە پاكىزلانغان توپۇقنى تېشىپ يىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. توپۇقنى قوبۇل قىلغان دوستى ئۇنى ھەمىشە يېنىدا ساقلايدۇ. توپۇق بەرگۈچى خالىغان مەزگىلدە توپۇقنى ئالغۇچىدىن توپۇقنى سورايدۇ، توپۇق ئالغۇچى توپۇقنى دەرھال چىقىرىپ بېرەلىسە ئۇتقان بولىدۇ. بۇ چاغدا توپۇق بەرگۈچى مەشرەپ بېرىپ دوستىنىڭ ساداقىتىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. مۇبادا توپۇق ئالغۇچى دېگەن ۋاقتىدا توپۇقنى چىقىرىپ بېرەلمىسە ئۇتتۇرغان بولىدۇ.

    توپۇق ئويۇنى ئۆز ئارا دوستلۇق ۋە ساداقەتمەنلىكنى سىنايدىغان، ھوشيارلىقنى ئاشۇرىدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇن بولۇپ، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر