ئاق سۆڭەك ئويۇنى ئاق سۆڭەك ئويۇنى كىچىك بالىلار ئايدىڭ كېچىلەردە ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇن بولۇپ، ئاساسەن ئۆزنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، يۈگۈرۈش تېزلىكىنى ئاشۇرۇشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15سانتېمىتىر، توملۇقى بىر كۆرسەتكۈچ بارماقچىلىك كېلىدىغان ھەم سىلىقلانغان سۆڭەك ياكى ئاق ياغاچىنى ئويۇن مەيدانىغا كەلتۈرىدۇ. ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئىككى تەرەپكە تەڭ نىسبەتتە بۆلۈنىدۇ، ئاندىن ئاق سۆڭەكنى ئېلىپ قېچىش ئورنى بېكىتىلىدۇ. ئىككى تەرەپتىن بىرى چەك تارتىشش شەكلىدە ياكى باشقا بىر ئۇسۇلدا ئاق سۆڭەكنى ئېتىش ھوقوقىنى تالىشىدۇ. ئېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تەرەپنىڭ بىر ئەزاسى ئەق سۆڭەكنى ئالدى تەرەپكە كۈچ بىلەن ئاتىدۇ. كىرىۋېلىش رايونىدا تۇرغان ئىككى تەرەپنىڭ ئەزالىرى ئاق سۆڭەك ئېتىلغان تەرەپكە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى ئىزدەيدۇ. ئاق سۆڭەكنى تېپىۋالغان بالا ‹‹ئاق سۆڭەك ››دەپ ۋارقىراپ ئۇنى ئېلىپ قاچىدۇ. ئېلىپ قاچىدۇ. ئېلىپ قاچقان ئەزا قارشى تەرەپكە ئۆزىنى تۇتقۇزماي قېچىش رايونىغا كىرىۋالسا ، شۇ تەرەپ ئۇتقان بولىدۇ. ئەگەر ئاق سۆڭەكنى ئېلىپ قاچقان ئەزانى قارشى تەرەپ ئەزالىرى قوغلاپ تۇتۇۋالسا ، سۆڭەكنى ئېلىپ قاچقان ئەزانى قارشى تەرەپ ئەزالىرى قوغلاپ تۇتۇۋالسا ، سۆڭەكنى قاتتىق تالىشىش باشلىنىدۇ . بۇ جەرياندا قايسى تەرەپنىڭ ئادىمى بولسۇن، ئاق سۆڭەكنى يۇلۇپ ئېلىپ قېچىش رايونىغا كىرىۋالسا، شۇ تەرەپ يەڭگەن بولىدۇ ھەم ئاق سۆڭەك ئېتىش ھوقوقىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ ئويۇندا ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ. مۇسابىقە ۋاقتى بەلگىلەنمەيدۇ، ئىككى تەرەپ كېلىشىپ قاچان ئاخىرلاشسا بولىۋېرىدۇ. ئاق سۆڭەك ئويۇنىنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك بالىلىرى ئوينايدۇ. بۇ ئويۇننىڭمۇ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا: «ياغاچتىن چىقىدىغان، تاغاق سۆڭىكىگە ئوخشاش تارشا، بۇنىڭ ئۇچىنى ياندۇرۇپ، كېچىسى بالىلار بىر – بىرىگە ياندۇرۇپ ئوينايدۇ»دېيىلگەن. قىرغىزلارنىڭ 9–ۋە 10–ئەسىرگە مەنسۇپ «ماناس داستانى »دىمۇ بۇ ھەقتە مۇنداق قوشاق بار: ئوغۇل – قىزلار توپلىشىپ، تەتۈرسىگە قارىشار. تۆت ئىلىك ئاق سۆڭەكنى، يىراقلارغا ئېتىشار، تۇيدۇرماستىن قېچىشىپ، كويلىغا تېز بېرىشار. دېمەك، ئاق سۆڭەك ئويۇنى ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا تولىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى. بۇ ئويۇن ھازىرمۇ رايونىمىزدىكى بىر قىسىم جايلاردا ئوينىلىپ كەلمەكتە.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
|