بالىلار ئويۇنلىرى مىللىي تەنتەربىيىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى يوشۇرۇن مەنبە
ئۇزاق تارىخلاردىن بۇيان ئويلىنىپ كېلىۋاتقان خەلق ئويۇنلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىللىرى ھازىرقى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلىپ ، ئۇنىڭغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن بالىلار ئويۇنلىرىنى پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكى يىراق يېزا- قىشلاقلاردا ئۇچىرىتىش مۇمكىن بولۇپ قالدى . ھازىرقى زامان مەنىۋىيىتىمىزدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خېلى كۆپ قىسىم بالىلار ئويۇنلىرى ئوينالمايدىغان بولۇپ قالدى ياكى ئۇنتىلىپ كەتتى . بىز سوتسىيالىستىك ماددىي ۋە مەنۋىي تۇرمۇشىمىزنى بېيتىمىز دەيدىكەنمىز ، ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ ئېسىل تەنتەربىيە ، ئاممىۋىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ راۋاجلاندۇرىشىمىز كېرەك . كەلگۈسى بىر ئەۋلاد قابىل تەنھەركەتچىلەرنى تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن چوقۇم ياش ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيلەش كېرەك . ئۇلارنىڭ چىدامچان ، قەيسەر ، كۈچلۈك بولۇپ تەربىيلىنىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ، ياخشى شارائىتلار بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك . مەن تۆۋەندە ياش- ئۆسمۈرلەرنى ئۇلارنىڭ ئېسىل ئويۇنلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەربىيلەشنىڭ ئەھمىيىتى ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىتە ئوينايدىغان رولى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن . ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ، ئەڭ كۆپ ئوينايدىغان ئويۇنلىرى تۆۋەندىكىچە : 1 . تەپكۈچ ئويۇنى تەپكۈچ ئويۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان ئويۇن تۈرلىرىدىن بىرى . مەشھۇر ئالىم مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا بۇنى «تەپۈك» دەپ خاتىرلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدىمۇ توختالغان . تەپكۈچ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئىچىدە ئوغۇل – قىز ئورتاق ئوينايدىغان ئويۇن تۈرى بولۇپ ، پۇت بىلەن تېپىپ ئوينايدۇ . بۇنداق ئويۇن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇت ھەرىكىتىنىڭ چاققان بولۇشى ، كۆز گىمناستىكىسىنىڭ ياخشى ئوينىلىشى ئۈچۈن ياخشى بولۇپلا قالماستىن ، بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق . بۇنداق ئويۇن بالىلارنى بەدەن گۈزەللىكى جەھەتتىن ياخشى يېتىلدۈرىدۇ . 2.چوكچۇك (چاق) ئويۇنى چوكچۇك ئويۇنى ئادەتتە ئوغۇل بالىلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان تەنتەربىيە ئويۇنى ھېسابلىنىدۇ . بۇ خىل ئويۇن 70 – 80 سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى بىر قول توملۇقتىكى ئانىچۇق ۋە 15-20 سانتىمېتىر بارماق توملۇقتىكى بالىچۇقتىن تەركىبلەنگەن .بۇنداق ئويۇن كەڭ ئېتىزلاردا ، دالىلاردا يەرنى 10 سانتىمېتىر كەڭلىك ، ئۈچ قول چوڭقۇرلۇقتا كولاپ ئويۇن مەيدانى ياسىلىدۇ . بالىلار ئىككى گوروپپىغا بۆلۈنۈپ بىر – بىرى بىلەن بەسلىشىپ ئوينىلىدىغان بۇ خىل ئويۇن شەكلى بالىلارنىڭ ئىجادچانلىق رەھىنى ئۇرغۇتۇپ ، باشقىلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ . ئۇ بالىلاربىڭ ھەممە ئەزايىنى تەڭ چېنىقتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن ، چەنلەش ، تېز يۈگۈرۈش ، ئېتىش تۈرلىرىدە ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ . يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇنداق ئويۇن تارىختىكى ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ قىلىچۋازلىق ھەرىكىتىنى مەشىق قىلىشتىكى ئىپتىدائىي شەكلى بولۇشىمۇ مۇمكىن . 3. مالاي (كويلا) توپ بۇ بالىلار ئويۇنى «قاچ – قاچ ئويۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇمۇ ئوخشاشلا بالىلار ئىككى گورۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئوينىلىدىغان ئويۇن شەكلى بولۇپ ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قىزىقارلىق تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . بۇنداق ئويۇن كەڭ ، تۇز كەتكەن ئېتىز-دالىلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ . شەكىل جەھەتتىن بۇ ئويۇن چوكچۇك ئويۇنىدىن پەرىقلەنسىمۇ ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ چەنلەش ، تېز يۇگۈرۈش ، بوشلۇقتىكى نەرسىلەرنى تېز تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن ، بالىلارنىڭ ھۇشيار ، چاققان ، چەبدەس بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە شۇ خىل ئىقتىدارنى يېتىلدۈرىدۇ . 4. قارا – قارا قۇشلارىم ئويۇنى قارا – قارا قۇشلارىم ئويۇنى يەتتە سەككىزدىن ئارتۇق بالىلار تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ . 10دىن ئارتۇق بولسا تېخى ياخشى . بۇ خىل ئويۇن ئوخشاشلا باشقىلارنى بويسۇندۇرۇش ، باشقىلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ، بالىلاردا قەيسەرلىك ، ئۆملۈك ، ئىتىپاقلىق قارشىنى تۇرغۇزۇپ مۇستەقىل روھنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق . 5. لىپەك ئويۇنى ]لىپەك ئويۇنى قىزلار ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇن شەكلى .يەرگە كاتەكچە سىزىق سىزلىپ ، بىر دانە نېپىز تاشنى ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە ھەر بىر كاتاككە پۇت بىلەن يېنىك تېپىپ ئوينىلىدىغان بىر خىل ئويۇن بولۇپ ، ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقىلىشىپ ئوينىلىنىدۇ . بۇ ئۇيۇن بىر پۇت بىلەن تۇرۇپ بەدەن تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەش ، بالىلارنىڭ پۇت ھەركىتىنى ياخشىلايدىغان بالىلار گىمناستىكىسىدۇر . 6. تانا سەكرەش تانا سەكرەش ئويۇنى قىزلار ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇن شەكلى . بۇ ئويۇندىمۇ بالىلارنىڭ پۇت ھەركىتىنى ياخشىلاپ قاڭقىش ھەركىتىنى ياخشى يېتىلدۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن ، ئۇلارنىڭ چىدامچانلىقىنى ، قەيسەرلىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . [size=15pt]ئۇنىڭدىن باشقا « ئىلەڭگۈچ » ، «قول بىسىش» ، «ياغلىق تاشلاش» ، «سوزماق ئېتىش» ، «چالما ئېتىشىش» ، «مۆكىمۆكىلەڭ» ، «ئاق سۆگەت» ، «تارتىشماق» قاتارلىق ئويۇن شەكىللىرىمۇ بار . بۇ ئويۇن شەكىللىرى توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىشقا سەھىپە يوق . لېكىن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ مىللىي تەنتەربىيە تۈرىمىزگە كىرگۈزۈلگەن «چېلشىش»، «دارۋازلىق» ، «چاقپەلەك(سارغايدى)» ، «مۇز تېيلىش» ، «ئوردىكام» ، «ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش» قاتارلىق ئويۇن بالىلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇن شەكىللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ھەر قانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ قاۋۇل ، ساغلام ، چىرايلىق بولىشىنى ئۇمىد قىلىدۇ . ئۇلار تۇرمۇشتا بالىلارنىڭ ياخشى قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىشىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ ، بالىلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئويۇن ئويناپ ئۆز بەدىنىنى چېنىقتۇرىشىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ . بالىلار مەھەللىۋى سورۇنلاردا تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئۇلارنىڭ بۇ ئويۇنلىرى ئۆز دوستلىرى ، تەڭ دېمەتلىكلىرى بىلەن يۈگۈرۈش ، سەكرەش ، كۈچ سېنىشىش قاتارلىق مۇسابىقە شەكلىدىكى بەدەن تەربىيە تۈسىنى ئالغان بولغاچقا ، بۇ ئويۇنلارنى ئويناش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتلىشىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى ياخشى يارتىپ بېرىدۇ . تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا ئىسپاتلىنىشىچە ، ئەگەر بالىلار بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن شوغۇللانمايدىغان بولسا ، ئۇ ھالدا 13 ياشتىن باشلاپ ئۇلارنىڭ بەدەن سىستېمىسىدا ئىقتىدارسىزلىق ، نۇرمالسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرلۈشكە باشلايدىكەن ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ نۇرمال ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرىنى ياقتۇرۇپ ئوينىشىغا بەزى شەرت – شارائىتلارنى يارتىپ بېرىشى كېرەك . ھازىرقى زامان ئاتا-ئانىلىرى ياش – ئۆسمۈرلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئائىلە تەربىيىسنى كۈچىيتكەن بولسىمۇ ، لېكىن بالىلىرىنى ئۆز – ئۆزىگە تايىنىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدۇرماقتا . ئۇلار قانداقتۇر بالىلىرىنىڭ پاسكىنا بولۇپ كېتىشى ، كىيىملىرىنىڭ يىرتىلىپ كونىراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ، ھەدەپ بالىلىرىنى «ئىلمىي تۈرمە» ئىچىد مەدەنىيەتلىك تەربىيلەشكە ئۇرۇنماقتا . مەن كەڭ ئاتا- ئانىلارغا بالىلىرىنىڭ ساغلام ،قاۋۇل ، قەيسەر بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن ، بالىلىرىنىڭ بالىلار ئويۇنى ئوينىشىغا ۋاقىت ئاجىرىتىپ بېرىشىنى ، بالىلارنىڭ ئېسىل تەنتەربىيە سەنئەت ئويۇنلىرىنى ئارقىلىق چېنىقتۇرۇپ تېخىمۇ ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشىغا تۆھپە قوشۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . ئاپتورى: ياسىنجان كەنجى مەنبە: «شىنجاڭ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»1999-يىلى 1- ئاينىڭ 30 – كۈنى .
|