پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ئويۇنى__پاپۇز

يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-24 17:26 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇنىڭ قاتناشچىسى 70 – 80 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر ئۇچى 15 – 20 سانتىمېتىر ئىگىلگەن ‹‹7›› شەكلىدىكى ئىلمەك كالتەك تەييارلايدۇ.

ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ئويۇنى__پاپۇز

 

 پاپۇز ئەجدادلىرىمىز ياراتقان، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ زامانىۋى توپ ئويۇنلىرى دىيارىمىزغا سىڭىپ كىرىشتىن ئاللىبۇرۇن خەلقىمىز ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. مەكىت خەلقى ئۇنى بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

    پاپۇز ئويۇنى ئاممىباب، قىزىقارلىق، جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئادەم قاتنىشالايدىغان، سايمانلىرى ئاددىي، مەيدان شارائىتىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلمايدىغان، پەسىل ئايرىمايدىغان، يېزا قىشلاقلارغا باب كېلىدىغان ئاممىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئوينىشىغا باب كېلىدۇ. ئۇنىڭ قاتناشچىسى 70 80 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر ئۇچى 15 20 سانتىمېتىر ئىگىلگەن ‹‹7›› شەكلىدىكى ئىلمەك كالتەك تەييارلايدۇ. ئاندىن يېرىلىپ كەتمەيدىغان، ئاسان ئۇپرىمايدىغان ئۈجمە، ئۆرۈك دەرىخىدىن كىچىك توپ ياسايدۇ. پاپۇز مەيدانىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى ئويۇنغا قاتناشقان ئادەمنىڭ ئاز كۆپلۈكى ياكى شۇ ئورۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، ئۇزۇنلۇقى ۋە توغرىسىنى بەلگىلەپ ياكى ئۆلچەملىك مەيدان تەييارلاپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ. ئۆلچەملىك مەيداننىڭ ئۇزۇنلۇقى 80 100 مېتىر، كەڭلىكى 40 50 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، مەيداننىڭ ئىككى باش سىزىقىغا توپ كىرگۈزۈش قاپقا (دەرۋازىسى) ياسىلىدۇ. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا كەڭلىك ئايلانمىسى 30 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى ئون سانتىمېتىر چەمبەر سىزىلىپ توپ باشلاش نۇقتىسى قىلىنىدۇ.

    پاپۇز ئويۇنى مۇسابىقە شەكلىدە ئوينىلىدىغان بولۇپ، مۇسابىقىگە ئونى، 20 ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىشى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ قاتناشسىمۇ بولىدۇ. مۇسابىقە باشلاشتىن بۇرۇن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەيدانى ئايرىلىپ مۇسابىقە قائىدىسى ئۇقتۇرۇلىدۇ. مۇسابىقىنى باشقۇرغۇچى ياغاچ توپنى باشلاش نۇقتىسىغا قويۇپ توپ باشلاشقا بۇيرۇيدۇ. ئىككى گۇرۇپپىدىن بىردىن كىشى چەمبەر ئىچىدىكى توپنى پاپۇز تايىقى بىلەن ئۇرۇپ چىقىرىپ، قارشى تەرەپنىڭ قاپقىسىغا ئېلىپ ماڭىدۇ. قارشى تەرەپ توسىدۇ. مۇسابىقە مۇشۇ شەكىلدە جىددىي داۋاملىشىدۇ.

    پاپۇز ئوينىغاندا قاتناشقۇچى پاپۇز تايىقىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ، توپنى ئوڭدىن سولغا ئۇرۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا توپ ئۇرۇشقا كۆتۈرگەن تاياق شۇ كىشىنىڭ بەل قىسمىدىن ئېشىپ قارشى تەرەپكە تېگىپ كەتمەسلىكى، توپنى بەدىنى بىلەن توسىماسلىقى، قارشى تەرەپنىڭ ھەر قانداق يېرىگە ئۇرماسلىقى لازىم. ئەگەر قائىدىگە خىلاپلىق قىلىنسا، توپ ئۇرۇش نۆۋىتى قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. مۇسابىقە داۋامىدا توپ يان سىزىقىدىن چىقىپ كەتسە شۇ ئورۇندىن قايتا توپ باشلايدۇ(بۇ تەرتىپلىرى ھازىرقى پۇتبول مۇسابىقىسى تەرتىپىگە ئوخشايدۇ). قاپقىغا(دەرۋازىغا) توپ كىرگەندىن كېيىن، ئويۇن مەيدان ئوتتۇرىسىدىكى توپ باشلاش نۇقتىسىدىن قايتا باشلىنىدۇ. ئۇتۇش، ئۇتتۇرۇش قاپقىغا كىرگەن توپنىڭ ئاز كۆپلۈكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. مۇسابىقە ۋاقتىنى مەلۇم توپ سانىنى ياكى ۋاقىت بەلگىلەپ بېكىتسىمۇ بولىدۇ. تەڭ چىقىپ قالغاندا مۇسابىقە ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(5)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر