پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

‹‹مېھماندارچىلىق›› ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-23 23:29 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
‹‹مېھماندارچىلىق›› ئويۇنىنى ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى ياز ۋە كۈز پەسلىنىڭ ھاۋاسى مۆتىدىل كۈنلىرى ھويلا ــ ئاراملاردا ۋە دەل ــ دەرەخ
تەلەي +1

 

‹‹مېھماندارچىلىق›› ئويۇنى

 ‹‹مېھماندارچىلىق›› ئويۇنىنى ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى ياز ۋە كۈز پەسلىنىڭ ھاۋاسى مۆتىدىل كۈنلىرى ھويلا ــ ئاراملاردا ۋە دەل ــ دەرەخلەر تۈۋىدە ئوينايدۇ.

      قىزلار ئاۋۋال خۇددى يىراق بىر يەرگە مېھماندارچىلىققا بارىدىغان چوڭ كىشىلەرگە ئوخشاش كىيىنىپ، مېھماندارچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان ‹‹قاچا ــ قۇچا››، ‹‹داستىخان››، ‹‹گېزەك››، ‹‹يېمەكلىك›› ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى ئۆز شارائىتىغا قاراپ لاي ۋە باشقا ماتېرىياللاردىن تەييارلىۋالىدۇ.

‹‹مېھماندارچىلىق›› ئويۇنى
 

قىزلار ئۆز ئىچىدىن كۆرسىتىلگەن ‹‹ئانا››لارنىڭ نۆۋەت بىلەن تاللىشى ئارقىلىق ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۇنۇپ، ‹‹مېھمان›› ياكى ‹‹ساھىبخانا››غا ئايرىلىدۇ، ئاندىن ئۆزلىرى مېھماندارچىلىققا ئېلىپ كەلگەن لازىمەتلىكلەرنى ئىككى ‹‹ئانا››غا تاپشۇرىدۇ. ‹‹ئانا››لار بۇ نەرسىلەرنى رولىغا قاراپ تەڭشەيدۇ، ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى قىزلارنى ئالاھىدىلىككە قاراپ ‹‹ۋەزىپە››گە قويىدۇ. ئادەتتە مېھمان بىلەن ساھىبخانا شۇ سورۇندا ئورۇنداشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ. مېھمانلار كىيىنىش، داستىخان كۆتۈرۈش، سىلىق ــ سىپايىلىق بىلەن كۆرۈنۈش، قائىدىلىك ئولتۇرۇش ــ قوپۇش، نازاكەتلىك بىلەن غىزالىنىش، چاي ئىچىش، ساھىبخانىنى ئىززەتلەش؛ ساھىبخانىلار ھەممە ھەرىكىتىدە مېھمانلارنىڭ كۆڭلىگە بېقىش، كۈتۈش ئىشلىرىنى ئۆز تەرتىپى بىلەن تولۇق ئىشلەش، مېھمانلارنى ھۆرمەتلەش قاتارلىقلاردا ئامالنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. مېھمان ۋە ساھىبخانىلار باش ياغلىقلىرىنى رومالچىلاپ ئارتىپ چوڭ ئايال سىياقىغا كىرىدۇ. مېھمانلار ئۆز ‹‹ئۆي››لىرىدە تەييارلىغان ‹‹سوۋغات››لارنى داستىخانلارغا رەتلىك يۆگەپ قولتۇقلىرىغا قىستۇرۇپ كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۆزلىرىنى كۈتۈشكە چىققان ساھىبخانىلارغا ئىككى قوللاپ سۇنىدۇ. ساھىبخانىلار مېھمانلار ئېلىپ كەلگەن ‹‹سوۋغات››لارنى ‹‹بۇنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، لازىم ئەمەس، بۇنچە كايىماي كېلىۋەرسىلىمۇ بولاتتى›› دېگەنگە ئوخشاش تەكەللۇپ سۆزلەرنى ئېيتىپ قوبۇل قىلىشىدۇ؛ مېھمانلارنى تارتىنماي، ئەركىن ــ ئازادە ئولتۇرۇپ بەھۇزۇر ‹‹يەپ ــ ئىچىش››كە تەكلىپ قىلىدۇ؛ ئاخىرىدا مېھمانلارنى ئېلىپ كەلگەن ‹‹سوۋغات››لارغا لايىق ‹‹يارىشىق›› قىلىپ ئۇزىتىشىدۇ.

      بۇ ئويۇن ئۇيغۇر قىزلىرىنى شەرم ــ ھايالىق، قائىدە ــ يوسۇنلۇق، ئەپچىل، ئىدىتلىق بولۇشقا، ئۆز مىللتىنىڭ ئېسىل ئۆرپ ــ ئادەتلىرىنى ئىلىم سۈپىتىدە ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىدۇ، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشكە ئۈندەيدۇ.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 2011-يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىن دوكلات [ 2012-01-24 00:28:43 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 2011-يىللىق ھۆكۇمەت خىزمىتىدىن دوكلات [ 2012-01-24 00:22:17 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنى زىيادە ئىسسىق تۇتۇشمۇ ئۆپكە ياللۇغىنى ك [ 2012-01-24 00:19:44 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] تۆت ياش بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشنى داۋال [ 2012-01-24 00:16:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلارنىڭ گۈل مەدەنىيىتى [ 2012-01-24 00:03:35 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] تەڭداشسىز ‹‹زومىگەر›› ئاۋىياماتكا [ 2012-01-23 23:55:11 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم [ 2012-01-23 23:51:13 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالا تەربىيەسىدە مۇنۇ ئىشلار سەمىڭىزدە بولسۇن [ 2012-01-23 23:45:43 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] سىيگەك بالىلارنى داۋالاشنىڭ بەش رىتسىپى [ 2012-01-23 23:44:26 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاقلارنىڭ چىشىنى قانداق ئاسراش كېرەك [ 2012-01-23 23:42:39 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر