پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

‹‹ئايشەمخاننىڭ تۇرغان جايى›› ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-17 20:02 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
‹‹ئايشەمخاننىڭ تۇرغان جايى›› ئويۇنى ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى يەسلى ۋە مەكتەپ يېشىغا يەتكەندىن كېيىن ئوينايدىغان ئويۇن بولۇپ، ياز ۋە
تەلەي +1

‹‹ئايشەمخاننىڭ تۇرغان جايى›› ئويۇنى

‹‹ئايشەمخاننىڭ تۇرغان جايى›› ئويۇنى ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى يەسلى ۋە مەكتەپ يېشىغا يەتكەندىن كېيىن ئوينايدىغان ئويۇن بولۇپ، ياز ۋە كۈز كۈنلىرى كۆپرەك ئوينىلىدۇ. چۈنكى، بۇ مەزگىلدە قىزلار مىللىيچە رەڭگارەڭ كۆڭلەكلەرنى كىيىشىپ، ئويۇننىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل تەلىپىگە ماسلىشالايدۇ.

‹‹ئايشەمخاننىڭ تۇرغان جايى›› ئويۇنى
 

بۇ ئويۇندا نەچچە قىز قول تۇتۇشۇپ دۈگىلەك ھاسىل قىلىدۇ، بىر قىز دۈگىلەك ئوتتۇرسىدا ئۆرە تۇرىدۇ. دۈگىلەك ھاسىل قىلغان قىزلار قوللىرىنى مەھكەم تۇتۇشۇپ، ئۆرە تۇرغان قىزنىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلەپ ‹‹پالانچىنىڭ كۆڭلىكى مۇنداق›› دەپ ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى، كىيگەن كۆڭلىكىنىڭ رەڭگىنى ئاتايدۇ ۋە بۇنىڭغا ئۇلاپلا:

                                             ئايشەمنىڭ تۇرغان جايى،

                                             ھەر سائەتتە تۇرادۇر.

                                             ئېگىزلىكى مۇنداق،

                                             پەسلىكى مۇنداق.

                                             كەڭلىكى مۇنداق،

                                             تارلىقى مۇنداق.

                                             ھەسەن – ھۈسەن كەپتۇ،

                                             قوينى سويۇپ يەپتۇ.

                                             قوينىڭ يېغى چىقسا،

                                             قۇيماق ئېتىپ يەپتۇ.

                                             ئاق توغاچ، كۆك توغاچ،

                                             بىرنى تاللاپ ئېلىپ قاچ.

      دەپ قوشاق ئېتقاچ، بەدەن ھەرىكتىنى قوشاقنىڭ مەزمۇنىغا ماسلاشتۇرىدۇ، يەنى ‹‹ئېگىزلىكى مۇنداق›› دېگەندە ھەممەيلەن قولىنى بويىدىن ئېگىز كۆتۈرگەن بولسا، ‹‹پەسلىكى مۇنداق›› دېگەندە بىردەك زوڭ ئولتۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلاردىن كىمنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى ماسلاشمىسا، قولى يېنىدىكى بالىنىڭ قولىدىن ئاجراپ كېتىپ سەپ بۇزۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرىدىكى قىزچاق پۇرسەنتى غەنىيمەت بىلىپ قولى بوشاپ كەتكەن بالىنىڭ يېنىدىن دۈگىلەك سىرتىغا چىقىپ كېتىشكە تىرىشىدۇ. ئەگەر سەپنى بۇزۇپ چىقىپ كېتەلىسە، قولى بوشاپ كەتكەن بالا بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ؛ چىقىپ كېتەلمىسە دۈگىلەك ئىچىدە تۇرىۋېرىدۇ، ئويۇن داۋاملىشىۋېرىدۇ.

      ‹‹ئايشەمخاننىڭ تۇرغان جايى›› ئويۇنى قىزلارنىڭ سۆزلەش قابىلىيىتى ۋە سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرىدۇ، قىزلارغا سۆز بىلەن ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇپ چەبدەس بولۇشنى ئۆگىتىدۇ، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ كىچىكىدىنلا قىزلارغا خاس نازاكەتلىككە ئىنتىلىپ، ئىجتىمائىي پائالىيەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىشكە پايدىلىق.

      مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيارنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى››دىن ئېلىندى.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[بالىلار ئويۇنلىرى] ئەنئەنىۋى ئويۇن-جۈپ – تاق ئويۇنى [ 2012-01-23 23:22:59 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] گىتتار كۈيچىسى - ئەركىن ئابدۇللا [ 2012-01-23 23:15:43 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئامەتلىك ئوغلان ــ ‹‹ بارى›› [ 2012-01-23 23:05:33 ]
[باشقا رەسىملەر] google ئىشلەتكەن بىر قىسىم LOGO ئۆرنەكلىرى [ 2012-01-18 14:40:19 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] جۇڭگو رادىيو گىمناستىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى [ 2012-01-17 20:05:21 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹ئايشەمخاننىڭ تۇرغان جايى›› ئويۇنى [ 2012-01-17 20:02:43 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹چۆچۈرە قايناق›› ئويۇنى [ 2012-01-17 19:59:49 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹ۋىژىلداق›› ئويۇنى [ 2012-01-17 19:54:56 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹ئويمۇ ــ قويمۇ؟›› ئويۇنى [ 2012-01-17 19:51:56 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹جىلدىرماچ›› ئويۇنى [ 2012-01-17 19:47:27 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(1)
100%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر