![]() |
گىتتار كۈيچىسى - ئەركىن ئابدۇللا ![]() ئەركىن قەشقەردە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن باشلاپ گىتتار چېلىشقا ھەۋەس قىلغان. 1999 – يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقى تۈپەيلى كەسپىي سەنئەت يولىغا قەدەم قويغان ھەمدە ئەركىن مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان. ئەركىننىڭ مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى ئەنئەنىۋى مۇزىكىنىڭ ئاددىي تەكرارلىنىشى ئەمەس بەلكى، مىللى مۇزىكا ئاساسىدا يېڭىلاشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى زامانىۋىلىققا ۋە مىللى پۇراققا ھەم خەلقئارالىق پۇراققا ئېگە. ئەركىننىڭ سەھنە ئۇسلۇبى ھەرخىل. زامانىۋىلىققا ئېتىبار بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. 2002 – يىلى ئەركىن ئىجادىيەتچى ناخشىچى سۈپىتىدە ياپونىيە فۇشى (fuJi) تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ۋە جۇڭگو بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئۇيۇشتۇرغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 7 قېتىم چېمىيون بولغان ھەمدە يىللىق باش چېمپىيون بولغان. جۇڭگو – ياپونىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيتىگە قاتنىشىپ، ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. 2002 – يىلنىڭ ئاخىرى نەننىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹خەلقئارالىق خەلىق مۇزىكىلىرى بايرىمى››غا قاتنىشىپ ‹‹قۇملۇقتىن ھالقىغان دولان›› ناملىق ناخشىسى بىلەن خاسلىق مۇكاپاتىغا، ‹‹ئوردام – دولان›› ناملىق ناخشىسى بىلەن خەلىق ناخشىسى ماھىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2003 – يىلى ئاپىرىل، ئەركىن ۋە ئۇنىڭ ئانسامبىلى بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستېتىغا بېرىپ شىنجاڭ مارالبىشىدىكى يەر تەۋرەشكە ئىئانە توپلاش يۈزىسىدىن ئويۇن قويغان. 2003 – يىلى ئۆكتەبىردە، جۇڭگو مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان دۆلەت مۇزىكا ئاۋازى مۇسابىقىسىدە، ئاممىباب ئۇسلۇب بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. 2003 – يىلى نويابىردا ئەركىننىڭ ‹‹ئۇيغۇر قىزى›› ناملىق ئىجادىيىتى نەننىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا خەلىق مۇزىكىلىرى سەنئەت بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئون ئىجادىيەتنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 2003 – يىلى نويابىردا ئەركىننىڭ ‹‹ئۆلگۈدەك كۆيدۈم›› ناملىق ئىجادىيىتى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 6 – قېتىملىق ئاسىيا مۇزىكا بايرىمىدا جېن مېيى لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. 2004 – يىلى ئەركىن چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ‹‹ئالمىخان›› ناملىق ناخشىنى ئېيتقان. 2004 – يىلى يانۋاردا، ئەركىن ئۆزىنىڭ ئىككىنچى پلاستىنكىسى ‹‹مىڭ بىر كېچە››نى نەشىر قىلدۇرغان. 2004 – يىلى ئىيۇندا ‹‹ئەركىن مۇزىكا ئەسەرلىرى توپلىمى››نى نەشىر قىلدۇرغان. 2004 – يىلى ئىيۇندا ئەركىن شىنجاڭنى ئايلىنىپ ‹‹تەڭرىتاغ نۇرى›› ناملىق ئىجادىيەت سەنئەت كىچىلىكىنى ئۆتكۈزگەن. 2004 – يىلى ئىيۇلدا ئەركىنگە قەشقەر ياشلىرىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى دېگەن نام بېرىلگەن. 2004 – يىلى ئاۋغۇستتا ئەركىن تۇرپاندا سەنئەت كېچىلىكىنى ئۆتكۈزگەن. 2004 – يىلى سېنتەبىردە، ‹‹گىتتار شاھزادىسى ئەركىن›› ناملىق VCD، DVD پلاستىنكىسى جۇڭگودا كەڭ كولەمدە بازارغا سېلىنغان. 2004 – يىلى نويابىردا ئەركىن شىنجاڭدا ئۆتكۈزگەن ‹‹قۇياشقا ئەڭ يىقىن كىشىلەر›› ناملىق سەنئەت كىچىلىكى VCD پلاستىنكىسى بولۇپ بازارغا سېلىنغان. 2005 – يىلى ئەركىن ‹‹چۈمبىلىڭنى ئېلىۋەت›› ناملىق ناخشىسى بىلەن مەركىزىې تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئۇيۇشتۇرغان. چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان. 2005 – يىلى 8 – ئايدا ئەركىن 3 – پلاستىنكىسى ‹‹شەھەر كېچىسى››نى چىقاغان. 2006 – يىللىق مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان چاغانلىق كېچىلىكتە ئەركىن ‹‹تۇتاي ساڭا ئەتىرگۈل›› ناملىق ناخشىسىنى ئېيتقان. 2006 – يىلى قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئەركىننىڭ ‹‹نېمە بولدى›› ناملىق ناخشىسى ئەڭ ياخشى سەنئەت ئەسىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2006 – يىلى 5 – ئايدا ئەركىننىڭ ئانا تىلىدىكى پلاستىنكىسى ‹‹دۆڭكۆۋرۈكنىڭ ھېكايىسى›› نەشىر قىلىنغان. 2007 – يىلى 1 – ئايدا ئەركىننىڭ 5 – پلاستىنكىسى ‹‹ئەركىننىڭ مەھەللىسى›› تارقىتىلغان. ئەركىننىڭ كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكى ئاساسلىق ئېيتقان ناخشىلىرى: 2004 – يىلى ‹‹بېجىڭدىكى شىنجاڭلىق قىز›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاساسلىق 7 ناخشىسىنى ئىجاد قىلغان ھەم ئېيتقان. 2005 – يىلى 5 – ئايدا ئەركىن ‹‹قەشقەردىكى ياشلارنىڭ ئوبراز ئەلچىسى›› بولۇش سۇپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلتاينىڭ 50 يىللىقىغا ئاتالغان مەخسۇس فىلىم ‹‹قېرىنداشلار››نىڭ پۈتكۈل مۇزىكىسنى ھەمدە ئاساسلىق مۇزىكىسى بولغان ‹‹قەشقەر››، ‹‹قىرغاق›› قاتارلىقلارنى ئىشلىگەن. 2005 – يىلى ‹‹تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسىنى›› ئىشلىگەن. تەھىرلىگۇچى:admin
|