باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرىمەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئالىم خاۋكېڭ بىر مىنۇتتا بىر سۆزنى دېيەلەيدىغان بو

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-13 23:51 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
كىشىلەر دۇنيادىكى ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ بىرى ئالەم شاھى سىتېفېن خاۋكېڭنىڭ ئادەتتە نىمىنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ؟ ھەيران قالارلىق
تەلەي +1

داڭلىق ئالىم خاۋكېڭ بىر مىنۇتتا بىر سۆزنى دېيەلەيدىغان بولۇپ قالدى

 

داڭلىق ئالىم خاۋكېڭ بىر مىنۇتتا بىر سۆزنى دېيەلەيدىغان بولۇپ قالدى
 

داڭلىق ئالىم خاۋكېڭ
 
كىشىلەر دۇنيادىكى ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ بىرى ئالەم شاھى سىتېفېن خاۋكېڭنىڭ ئادەتتە نىمىنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ؟ ھەيران قالارلىقى شۇكى ئۇ دائىم ئاياللارنى ئويلايدۇ. ئۇ ئاياللارنى ئۈزۈل-كېسىل بىر سىر دەپ قارايدۇ.
8-يانۋار خاۋكېڭ 70 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى. يېقىندا ئۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ئىكەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خاۋكېڭ 70 ياشقا كىرىش ھارپىسىدا، «يېڭى ئالىملار» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. زىيارەت داۋامىدا، بۇ ئاتاقلىق ئالىم كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى سىرتىدىكى ئاجىزلىقىنى نامايان قىلغان. مۇخبىر سىزنىڭ ئەڭ زور خاتالىقىڭىز نېمە دەپ سورىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.
خاۋكېڭ 1965-يىلى جەن ۋىلد بىلەن توي قىلغان. جەن 1991-يىلى ئىككىيلەن ئايرىلىپ كەتكەنگە قەدەر ئىزچىل تۈردە خاۋكېڭنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئايرىلىپ كېتىشىدىكى سەۋەب- جەن خاۋكېڭنىڭ نام-شۆھرىتى ئېلىپ كەلگەن بېسىم ۋە ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان. ئۇلارنىڭ روبىرت، لۇسى ۋە تىموزى ئىسىملىك ئۈچ بالىسى بولۇپ، لۇسى ھازىر ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرىدىغان يازغۇچى.
شۇندىن كېيىن 1995-يىلى خاۋكېڭ ئۆزىنىڭ سېستراسى ئېلائىن ماسون بىلەن توي قىلغان، ماسون خاۋكېڭ ئىشلەتكەن تاۋۇشلۇق كومپيۇتېرنى لايىھەلىگۈچى داۋېي ماسوننىڭ بۇرۇنقى ئايالى ئىدى. 2006-يىلى خاۋكېڭ 2-ئايالى بىلەنمۇ ئايرىلىپ كەتكەن.
خاۋكېڭ 21 يېشىدا تەنھەرىكەت نېۋرون كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، ئۇ شۇندىن باشلاپ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ھەتتا ئەڭ كۆپ بولغاندا يەنە ئىككى ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. ھالبۇكى كېسەل بىلەن ئېلىشىشتەك قۇدرەتلىك كۈچ خاۋكېڭنى ھازىرغا قەدەر يەنىلا پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 1985-يىلى خاۋكېڭ ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، كاناي كېسىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى، شۇندىن كېيىن ئۇ سۆزلەش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويدى.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ بىر تاۋۇشلۇق كومپيۇتېر ئارقىلىق، چىراي ئىپادىسى بىلەن سۆز قىلىپ كەلدى، يېقىندا ئۇنىڭ ياردەمچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، يۈز مۇسكۇلىنىڭ ئېغىر ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، خاۋكېڭنىڭ بۇ خىل ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ھەر مىنۇتتا بىر سۆزنى دېيەلەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. ئۇ داڭلىق ئۆزگىچە كومپيۇتېر ئاۋازىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. خاۋكېڭنىڭ خۇسۇسىي ياردەمچىسى مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ تىل سۈرئىتى بارغانچە ئاستا بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، ئەھۋالى ياخشى بولمىغان ۋاقىتلاردا ئۇ ھەر مىنۇتتا ئاران بىر سۆزنى دېيەلەيدۇ. ھازىر بىز ياخشىلاش ئۇسۇلى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتىمىز.
خاۋكېڭ ئىشلەتكەن كومپيۇتېرلىق ئاۋاز چىقىش سىستېمىسى كۆز ئەينەككە ئورنىتىلغان بىر مىكرو ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق سەزگۈچتىن پايدىلىنىپ يۈز ئىمپۇلسىنى سېزىپ، ئاندىن تاللانغان يەككە سۆزلەرنى كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرسىتىدۇ، ئاندىن كېيىن، بۇ يەككە سۆزلەر بىر ئاۋاز بىرىكتۈرگۈچ ئارقىلىق سۆزلىنىدۇ. دەسلەپتە بۇ سىستېما قوللىنىلغاندا، خاۋكېڭ بىر مىنۇتتا 15 سۆزنى ئېيتالايىتتى. لېكىن ھازىر ئۇنىڭ نېۋرون كېسىلى ئېغىرلىشىپ، سۆزلەش سۈرئىتى بەك ئاستىلاپ كەتتى.
خاۋكېڭ مۇنداق دېدى: مەن تېخى پەنگە بولغان قىزغىنلىقىمنى يوقىتىپ قويمىدىم. ئەگەر بۈگۈن مەن بىر ياش فىزىكا ئالىمى بولسام مېنىڭ يېپ يېڭى ساھەنى ئېچىش خىيالىم بولغان بولاتتى.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مەشھۇر شەخىسلەر] دۇنياۋى ئالىم ئېينشتېيىننى نۇرغۇن دۆلەتلەر تالاشم [ 2012-01-14 00:01:08 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسق [ 2012-01-13 23:59:20 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 600 يۈەن پايدىنى كۆزلەپ قانۇ [ 2012-01-13 23:56:24 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئالىم خاۋكېڭ بىر مىنۇتتا بىر سۆزنى دېيەلەيدىغان بو [ 2012-01-13 23:51:43 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ASP مۇھىتى قۇرۇش، سىناش دىتالى [ 2012-01-13 22:31:26 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر