![]() |
دۇنياۋى ئالىم ئېينشتېيىننى نۇرغۇن دۆلەتلەر تالاشماقتا ![]() نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان داڭلىق ئالىم ئېينشتېيىن يېقىندا شۋېتسارىيە «يەكشەنبىلىك خەۋەرلەر» گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باھالىغان «ئەڭ مۇھىم يەتتە شۋېتسارىيلىك» ئارىسىدا 1-ئورۇندا تۇرغان. «باسېل» گېزىتىنىڭ 5-يانۋار خەۋىرىگە قارىغاندا، شۋېتسارىيە پۇقرالىرىنىڭ بىۋاسىتە ئاۋاز بېرىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن بۇ باھالاش نەتىجىسىدە، شۋېتسارىيىنىڭ داڭلىق تاللا بازىرى «Migros»نىڭ قۇرغۇچىسى دۇتۋال 2- ئورۇندا، تىننىس توپ چولپىنى فېدېل 3-ئورۇندا تۇرغان.
بىراق، گېرمانىيەلىكلەر ئېينشتېيىننىڭ «ئەڭ مۇھىم يەتتە شۋېتسارىيىلىك» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن بەكلا نارازى بولغان. گېرمانىيە«سۈرەتلىك خەۋەرلەر» گېزىتىدە، شۋېتسارىيەلىكلەر ئېينشتېيىننىڭ گېرمانىيەنىڭ ئۇلم دېگەن جايىدا تۇغۇلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ. ئۇ 1914-يىلىلا شۋېتسارىيىدىن گېرمانىيىگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1921-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، دېيىلگەن.
بۇ ئىش توغرىسىدا شۋېتسارىيە «يەكشەنبىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىدە: ئېينشتېيىن ناھايىتى بۇرۇنلا گېرمانىيە دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كەچكەن. ئۇ 17 يېشىدىن باشلاپ شۋېتسارىيىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۇ شۋېتسارىيىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا ۋە ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ بارلىق مۇھىم ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى شۋېتسارىيىنىڭ بېرن دېگەن جايىدا بارلىققا كەلگەن. شۇنداقلا ئېينشتېيىن شۋېتسارىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرىپ، ۋاپات بولغۇچە مەزكۇر دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەتمىگەن، دەپ قارىغان. شۋېتسارىيە بىلەن گېرمانىيىدىن باشقا، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيىمۇ ئېينشتېيىننى بىزنىڭ پۇقرايىمىز، دەپ قارايدۇ. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|