پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

‹‹دۇتتار ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-23 23:32 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
دۇتار ياساپ چېلىپ ئويناش ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇش جەريانىدا كەشىپ قىلغان ئۆزگىچە ئويۇن. بۇ ئو
تەلەي +1

 

‹‹دۇتتار ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى

 

  دۇتار ياساپ چېلىپ ئويناش ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇش جەريانىدا كەشىپ قىلغان ئۆزگىچە ئويۇن. بۇ ئويۇننى ئوغۇللار كۈز پەسلىدە ئوينايدۇ.

      ‹‹دۇتار ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن، قەدەم باسقۇچ، ئېرىشىلىدىغان نەتىجىلەرگە قاراپ ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.

‹‹دۇتتار ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى

   1 . دۇتار ياساش: بالىلار پىشقان قوناقنىڭ ئىنچىكە، تۈز، سىلىق شاخلىرىنىڭ بوغۇملىرىنى ‹‹پەدە›› قىلىپ، قوۋزىقىنى پىچاقتا بويىغا تىلىپ ‹‹تار›› چىقىرىپ، تار ئاستىدىن چوكا توملۇقىدىكى ئىككى تال ياغاچنى توغرىسىغا ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دۇتار ياسايدۇ. بۇ خىل دۇتارنىڭ باش، دەستە، تار، قۇلاق، پەدە قىسىملىرىمۇ قوناق شېخىدىن ئويىلىدۇ. بالىلار دۇتارنىڭ ئومۇمىي شەكلىنى كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ‹‹باش›› قىسمىنى ھەرخىل رەڭلەر بىلەن ئالا بالداق شەكىلدە بويىسا، تارنى چىڭىتىش ۋە بوشىتىشقا ئىشلىتىلدىغان قۇلاققا قوناقنىڭ بېشىدىن چىقىدىغان تەبىئىي ‹‹ساقال››دا پۆپۈك ياساپ ئېسىپ قويىدۇ.

      2 . دۇتار چېلىش: بالىلار دۇتار چېلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز تەسەۋۋۇرى ۋە ئىقتىدارىغا ئاساسەن ‹‹دۇتار›› ياسايدۇ، ئاندىن بىر يەرگە توپلىشىپ ئىككىدىن، ئۈچتىن ياكى بىر نەچچىسى بىر گۇرۇپپا بولۇپ دۇتار چېلىشىپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشىدۇ. دۇتار چېلىش بىلەن تەڭلا ناخشا باشلايدۇ. بالىلار دۇتار چالغاندا چوڭلار ئادەتتە چالىدىغان رەسمىي دۇتارنىڭ چېلىنىش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدۇ، سازەندىلەرنى دوراپ ئۆزىگە لايىق ھۈنەر كۆرسىتىدۇ.

‹‹دۇتتار ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى

 بالىلار ‹‹دۇتار ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى ئارقىلىق دۇتار ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، چالغۇلارنى ياساش، پەرقلەندۈرۈش ۋە چېلىشتەك چوڭ ئىشقا ئۇل سالىدۇ. ناخشا ــ ئۇسسۇلنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم قىلمايدىغان ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ھەقىقىي ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى ئۇرغۇتىدۇ.

      مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيارنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى››دىن ئېلىندى.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹راۋاب ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:09:05 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] خورەك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ [ 2012-02-11 23:28:44 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنىڭ قۇلاق ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىڭ [ 2012-02-11 23:26:07 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا بۇ يىلدىن ب [ 2012-02-11 23:24:37 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] يان تېلېفون بالىلارغا زىيان يەتكۈزمىسۇن [ 2012-02-11 23:21:10 ]
[تارىخى بىلىملەر] قىسمەن مۇسىبەت، دەپنە ئادەتلىرىمىز [ 2012-02-11 23:18:52 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغ [ 2012-02-11 22:48:41 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەردىن ھەربىي مە [ 2012-02-11 22:46:28 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئەتىيازدا مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەر [ 2012-02-11 22:45:16 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] 360يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئەپ سىتوردا قارىسى يۈتتى [ 2012-02-11 22:43:55 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر