![]() |
يان تېلېفون بالىلارغا زىيان يەتكۈزمىسۇن چۇڭ يى ![]() 20 يىل ئىلگىرى يان تېلېفوننىڭ بۇنچىۋالا ئومۇملىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېچكىممۇ ئويلىمىغانىدى. يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭشىدا بىر تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى 20 نەچچە ئوقۇغۇچى دەرسخانىغا يان تېلېفون ئېلىپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن، بۇ ئىش توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان. مەكتەپ مەسئۇلى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىغا يان تېلېفون ئېلىپ كىرىش ئەھۋالى ئومۇملىشىپ كەتتى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايىسى ۋە كەلگۈسىنى، بولۇپمۇ مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئويلىشىپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، 2010 – يىلىنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇمىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ‹‹يان تېلېفوننى چەكلەش›› تەدبىرىنى يولغا قويغانىدى، لېكىن يان تېلېفونغا خۇمار بولۇپ قالغان بەزى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا بۇ تەدبىرنىڭ ئۈنۈمى تازا كۆرۈنەرلىك بولمىدى، شۇڭا تېخىمۇ قاتتىق جازالاش تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقتۇق. ‹‹يان تېلېفوننى چەكلەش››نىڭ سەۋەبى تولۇق بولغان، چۈنكى بالىلارغا نىسبەتەن يان تېلېفون ئالاقە قورالى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئويۇنچۇق. تورغا چىقىش، ئويۇن ئويناش، قىسقا ئۇچۇر يوللاشلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، يان تېلېفونلاردىكى ناچار ئۇچۇرلار بالىلارغا زىيانلىق. بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ‹‹يان تېلېفوننى چەكلەش›› تامامەن يوللۇق. لېكىن، يان تېلېفون ئۇچۇر دەۋرىنىڭ مەھسۇلى، ئۇنى بىراقلا چەكلىگىلى بولامدۇ؟ مەكتەپكە يان تېلېفون ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ؟ دېگەنلىك مەسئۇلىيەتنى ئاتا – ئانىلار ۋە جەمئىيەتكە ئىتتىرىپ قويغانلىق؛ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن ھەيدەش ئاقىلانە چارە ئەمەس. بۇنداق مەجبۇرىي تۈزۈملەر قارىماققا بالىلارغا پايدىلىقتەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، بالىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. كىشىلەر ‹‹چەكلەش›› ۋە ‹‹چەكلىمەسلىك››تىن قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي بېشى قاتقاندا ۋە بۇ توغرىلىق مۇلاھىزە قىلىۋاتقاندا، نېمىشقا باشقا نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، مائارىپىمىزنىڭ قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈش، خاتا ئىش كۆرۈش تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىپ باقمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن قاتمال ئوقۇتۇش ئىدىيەسى، مېخانىكىلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە دوگما ئوقۇتۇش شەكلى توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆرمەيدۇ؟ بۇلار دەل مەملىكىتىمىز مائارىپىدىكى مەسىلە ئەمەسمۇ؟
|