پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بوۋاقلار زۇكام بولغاندا ئۆيدە داۋالاش پىرىنسىپلىر

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-23 23:37 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بوۋاقلارنىڭ بىر يىل ئىچىدە بەش ــ ئالتە قېتىم زۇكام بولۇشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر، زۇكام بولغاندا بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ، بۇرۇن پۈتۈپ، يۆتىلى
تەلەي +1

 

بوۋاقلار زۇكام بولغاندا ئۆيدە داۋالاش پىرىنسىپلىرى

 

بوۋاقلار زۇكام بولغاندا ئۆيدە داۋالاش پىرىنسىپلىرى
 

بوۋاقلارنىڭ بىر يىل ئىچىدە بەش ــ ئالتە قېتىم زۇكام بولۇشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر، زۇكام بولغاندا بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ، بۇرۇن پۈتۈپ، يۆتىلىپ، گېلى ئاغرىپ، چارچاپ، ئىشتىھاسىزلىنىپ، قىزىپ قالىدۇ. بىر ياشقا توشمىغان بالىلار زۇكام بولسا، كۆپىنچە ھاللاردا قىزىپ، بەدەن تېمپىراتۇرىسى 38 گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئالتە ئايلىقتىن تۈۋەن بالىلار بولسا، بۇرنى پۈتۈپ، ئىمىشى تەسكە توختايدۇ.
      ئادەتتە زۇكام ۋاقتى 7 ــ 10 كۇنگىچە بولىدۇ، بوۋاقلارنىڭ بولسا ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا بولىدۇ، ھەتتا قىشتا بىر قىش دېگۈدەك بۇرنىدىن ماڭقا، سۇ ئاقىدۇ.
      ئۈچ ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ زۇكام بولغانلىقىنى بايقىغان ھامان دەرھال دوختۇرغا ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن چوڭراق بولغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن تىمپىراتورىسى 39 گىرادوستىن ئاشسا، قۇلىقى ئاغرىسا، نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشسا، يۆتەلسە دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىش كىرەك. ئەگەر ۋىرۇسلۇق زۇكام بولسا، بۇنىڭغا ئالاھىدە دورا يوق، پەقەت بۇۋاقنى ياخشى كۈتۈپ ئاغرىقنى پەسەيتىپ بەرسىلا بولىدۇ، ئادەتتە  7 ــ 10 كۇندىن ئېشىپ كەتمىسىلا بولىدۇ.  ئەگەر مىكروب پەيدا قىلغان زۇكام بولسا دوختۇرغا بېرىپ بىر قىسىم ئانتىبىئوتىك دورىلارنى يازغۇزۇپ، دورانى ۋاقتىدا ئىچكۈزۈش كېرەك. بەزى ئانىلار بالىلىرىنى تېزراق ياخشى بولسۇن دەپ دورا مىقدارىنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، قەتئىي بۇنداق قىلماسلىق كېرەك.
      ئەگەر بوۋاق قىزىسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىچكۈزۈش كېرەك، ئەگەر بەدەن تېمپىراتورىسى 38.5تىن تۈۋەن بولسا دورا ئىچكۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق. زۇكام دورىسىنىمۇ قالايمىقان ئىچكۈزمەسلىك كېرەك. بىر ياش بالىلارغا زۇكام دورىسىنى قالايمىقان ئىچكۈزگەندە پايدىسىدىن زىيىنى چوڭ بولۇپ قالىدۇ.
      ئەگەر بوۋاقنىڭ بۇرنى پۈتۈپ ئىمىشى قىيىنلاشسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىمىشتىن 15 مىنۇت بۇرۇن بۇرۇنغا تېمىتىدىغان سۇيۇقلۇقتىن تېمىتىپ بەرسە بۇرۇننى تازىلىۋەتكىلى بولىدۇ، ئەگەر دوختۇر رۇخسەت قىمىسا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قالايمىقان دورا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 2011-يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىن دوكلات [ 2012-01-24 00:28:43 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 2011-يىللىق ھۆكۇمەت خىزمىتىدىن دوكلات [ 2012-01-24 00:22:17 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنى زىيادە ئىسسىق تۇتۇشمۇ ئۆپكە ياللۇغىنى ك [ 2012-01-24 00:19:44 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] تۆت ياش بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشنى داۋال [ 2012-01-24 00:16:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلارنىڭ گۈل مەدەنىيىتى [ 2012-01-24 00:03:35 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] تەڭداشسىز ‹‹زومىگەر›› ئاۋىياماتكا [ 2012-01-23 23:55:11 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم [ 2012-01-23 23:51:13 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالا تەربىيەسىدە مۇنۇ ئىشلار سەمىڭىزدە بولسۇن [ 2012-01-23 23:45:43 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] سىيگەك بالىلارنى داۋالاشنىڭ بەش رىتسىپى [ 2012-01-23 23:44:26 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاقلارنىڭ چىشىنى قانداق ئاسراش كېرەك [ 2012-01-23 23:42:39 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر