![]() |
خورەك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
![]() خورەك تارتىش ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلاردا، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا، شۇنداقلا سېمىزلەردە بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ، دەپ قارىلىپ كەلگەن، لېكىن بۇ ھال قىسمەن بوۋاقلاردا ۋە ياشلار – ئۆسمۈرلەردىمۇ كۆرۈلمەكتە. بەزىلەر بالىلارنىڭ خورەك تارتىشىنى نورمال ئەھۋال، دەپ سەل قاراپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىغانلىقتىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىككە ئۆزگىرىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراجى ئۆمەرجان دوختۇردىن ئىگىلىشىچە، بالىلاردىكى خورەك تارتىش كۆپىنچە ئۈچ ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇرۇندىكى تەنچە بەزنىڭ بۇلغانغان ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىش، بۇرۇن ياللۇغلىنىش، شۇنداقلا مىكروبلىنىش سەۋەبلىك ئىششىپ، بۇرۇن ئارقا تۆشۈكىنىڭ ئېتىلىپ قېلىشى تۈپەيلى نەپەس راۋان بولماي خورەك تارتىشتەك ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىۋەرسە، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆسۈش ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدىكەن. ئېغىر بولغاندا بالىلارنىڭ يېشى چوڭايسىمۇ بويى ئۆسمەسلىك، بەش ئەزاسىنىڭ جايلىشىشى نورمال بولماسلىقتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا مەيلى بوۋاق بولسۇن، مەيلى ئۆسمۈر بولسۇن، خورەك تارتىش ئادىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ھامان دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ سىستېمىلىق تەكشۈرتۈش، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، يىلتىزىدىن ساقايتىش كېرەك ئىكەن.
|