ساردىن قوغدىنىش
بۇ ئويۇننى ئون نەچچە بالا بىرلىشىپ ئوينايدۇ. ئۇلار مەيداننىڭ ئوتتۇرىدىن بىر يەرنى پەللە قىلىپ ياسايدۇ. ئاندىن بالىلاردىن بىرسى ‹‹سار›› قالغانلىرى ‹‹چۆجە›› بولىدۇ. چۆجىلەر مەيداندا دانلاشقا باشلايدۇ. سار شۇ چاغدا پەللىدىن چىقىپ دانلاۋاتقان چۆجىلەرگە قاراپ ئېتىلىدۇ. ئۇ ئىككى قولىنى كەڭ كېرىپ ھەم پۇلاڭلىتىپ (سارنىڭ ئۇچۇشىنى دوراپ) چۆجىلەرنى ‹‹چىل... لىگ... لىگ... لىگ... لىگ... ...››دەپ قوغلايدۇ. چۆجىلەر سارنى كۆرۈش بىلەنلا ھەر تەرەپكە پىتىراپ قېچىشقا باشلايدۇ، سار قوغلاپ يۈرۈپ قايسى چۆجىگە يېتىۋالسا، شۇنى شىللىسىدىن تۇتۇپ پەللىگە ئېلىپ كېلىدۇ-دە، يەنە باشقىلارنى قوغلاشقا باشلايدۇ. (چۆجە بولغان بالىلار پەللىنى ئايلىنىپ قاچىدۇ، يىراق يەرگە قاچمايدۇ) شۇنداق قىلىپ سار تا چۆجىلەرنى تۇتۇپ بولغىچە ئويۇن داۋاملىشىدۇ. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|