بالىلار ئەسەرلىرىدىن توپلام (2)
باشقىلارغا لەقەم قويماڭ
ساۋاقداشلار، باشقىلارغا لەقەم قويۇش ياخشى ئىشمۇ؟ بەزى شوخ بالىلار ساۋاقداشلارغا لەقەم قۇيۇپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشقا ئامراق. بىز مۇشۇنداق ئەخلاققا يات بولغان گەپ-سۆزلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز.
باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر ئىش تاكى ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ. سىنىپىمىزدا بىر ساۋاقدېشىمىز بارئىدى. ئۆزى ئىنتايىن يۇۋاش، تىرىشچان قىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۇدۇلدىكى بىر تال چىشى سەل ئالدىغا چىقىپ قالغان بولۇپ، داۋاملىق كۆرۈنۈپ قالاتتى. بىر كۈنى سىنىپىمىزدىكى بىر ساۋاقدېشىمىز ئۇنى «ھىڭگاڭ چىش» دەپ چاقىردى. بۇ چاغدا ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. ھېلىقى ساۋاقدېشىمىز بولسا، خىجىل بولغىنىدىن يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ قەلبى قاتتىق ئازار يېگەن ئىدى. شۇندىن كېيىن ئۇ كۆپ پىكىر قىلمايدىغان، باشقىلارغا ئانچە ئارىلاشمايدىغان بولۇپ قالدى. نەتىجىسىمۇ بارا-بارا تۆۋەنلەپ كەتتى.
ساۋاقداشلار ئويلاپ باقايلى، ھەممە ئادەمنىڭ مۈكەممەل بولىشى ناتايىن، بىز جىسمانى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك ۋە مىجەز خاراكتىرىمىزدىكى نوقسانلىقلاردىن خالى بولالمايمىز. مۇشۇ تەرەپنى تۇتۇۋېلىپ باشقىلارنى مەسخىرە قىلساق، لەقەم قويۇپ تىللىساق توغرىمۇ؟ ھەممىمىزنىڭ بىر چىرايلىق ئىسمى بار. بۇ ئىسىملارنى ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولغانلىقىمىزدىن سۆيۈنۈپ، كىتاب كۆرۈش، چوڭلاردىن مەسلىھەت سۇراش ئارقىلىق چىرايلىق ئاڭلىندىغان، مەنىسى چوڭقۇر ئىسىملارنى قويىدۇ. لېكىن، بىز نېمە ئۈچۈن بىر بىرىمىزنى قۇلىقىمىزغا سەت ئاڭلىنىدىغان لەقەملەر ئارقىلىق چاقىرىمىز؟ بىر-بىرىمىزگە ئازار بېرىمىز؟ ئەگەر باشقىلار سىزگە لەقەم قويسا قانداق ھىسسىياتتا بولارسىز؟
سەمىمىيەت كىتابى
بۈگۈن دەرستىن چۈشۈپلا گورۇپپا ئۆگىنىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ساۋاقدېشىم گۈزەلنۇرنىڭ ئۆيىگە قاراپ چاپتىم. ئالدىراپ كېتىۋېتىپ يولدا قىزىل رەڭلىك بىرنەرسىنىڭ تۇرغانلىقنى كۆرۈپ قالدىم. قارىسام، بۈگۈن مەكتەپتە تارقاتقان «پەرۋاز» ژورنىلىنىڭ يېڭى سانى ئىكەن. مەن بۇ ژورنالنىڭ ھەر بىر سانىنى قالدۇرماي ئوقۇۋاتقان بولساممۇ، بىراق بۇ سان ژورنالنى ئوقۇيالمىغانىدىم. چۈنكى، سىنىپىمىزغا كېلىدىغان «پەرۋاز» ژورنىلىنىڭ سانى ئوقۇغۇچى سانىدىن ئازراق ئىدى. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرىمىز تارقىتىپ بېرەتتى. بۇ قېتىم ژورنال ماڭا تەگمەي قالغان ئىدى. مەن ژورنالنى ئېلىپ خوشال ھالدا يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم. تۇيۇقسىز مەندىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر قىزنىڭ يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە قارىغىنىچە يىغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «ئاچا، يولدىن بىر ژورنال كۆردىڭىزمۇ؟
پەرۋاز ژورنىلى، كېلىۋاتقاچ چۈشۈرۈپ قويۇپتىمەن» دەپ سورىدى. مەن قىزچاقنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىچ ئاغرىتقان بولساممۇ لىكىن، بۇ ژورنالغا بەك ئامراق بولغاچقا، قايتۇرۇپ بەرگۈم كەلمىدى. بىراق ئاتا-ئانام ۋە ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلىرىمنىڭ سەمىمىيەت توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ئەسلەپ، «پەرۋاز» ژورنىلىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردىم. ئۇ قىز ژورنالنى قولىغا ئېلىپ خوشال بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ خوشال بولغانلىقىنى كۆرۈپ دىلىم پاللىدە يورىغاندەك بولدى. مەن شۇ چاغدىلا ياخشى بىر كىتاپ ئوقۇغاندەك بولدۇم. ئۇ بولسىمۇ ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى سەمىمىيەت كىتابى ئىدى.
دادا سەنمۇ بىزنى ئويلاپ قويارسەنمۇ
نەپسانىيەتچىلىك، ئىنسان مەنىۋىيىتىگە چۈشكەن پارازىت قۇرت. بۇنداق پارازىت قۇرتلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىختىدارىنى يوقاتقان ھەرقانداق روھنىڭ ۋۇجۇدىدىكى گۇلزارلىق ۋەيران بولماي قالمايدۇ .
مەن بۇ ھەقىقەتنى ئاتا-ئانامنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىدىن ھېس قىلدىم .
مۇمامنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە، ئانام بىلەن دادام ئەسلىدە تىرىشچان، قانائەتچان، ئۆتكەن كۈنىگە ئۈشكۈر قىلىپ ياشايدىغان، يۇۋاش ئەر-ئاياللاردىن ئىكەن. كېيىنچە ئۇلار مال- دۇنيادىن ئىبارەت كۆزنى چاقنىتىدىغان ئېزىتقۇنىڭ ئازدۇرىشىغا بەرداشلىق بىرەلمەي قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ۋەيرانلىق كۇچىسىغا كىرىپ قاپتۇ.
بۇ خارابىيلىقتا ئىدىيەسىدە ھىچقانداق تەييارلىقسىز بىر ئانا، تۇيۇقسىز ئۆزلىرىنىڭ روھى تۇۋرۈكلىرىدىن ئايرىلغان، ئاتا -ئانا مېھرىگە تەشنا ئۈچ يىتىم ناھايىتى تەستە كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدۇق. بىزدەك تىرىك يىتىملەرنىڭ دەردىمىزنى پەقەت بىزدەك كۈنگە قېلىپ بىزدەك ياشاپ باققان ئادەملەرلا چۈشىنىشى مۇمكىن. توۋا دەيمەن، ئۇلارنىڭ مۇھەبىتى قانداق مۇھەببەت بولغىيتى؟ مال-دۇنيا مېھرى مۇھەببەتتىنمۇ مۇھىممىدۇ ؟
مېنىڭ داداممۇ باشقىلارنىڭ دادىلىرىدەك قانائەتچان بولغان بولسا، ئازراق مال-دۇنيانىڭ مېھرىدىن كەچكەن بولسا، شۇنچە كوپ ئەجرىدىن بىنا قىلغان مۇھەببەت گۈلزارلىقى خازان بولمىغان، ئۆز قولى بىلەن تىكلىگەن سويگۈ مۇنارى غۇلاپ چۈشمىگەن بۇلاتتى. مەنمۇ ھەرقاچان ئۆزەمنى ئازاپ دېڭىىزىدا بۇدۇنياغا ئارتۇقچە تۆرىلىپ قالغان ئادەمدەك ھېس قىلىپ ياشاپ يۈرمەس ئىدىم. مەن ھەركۈنى باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن يىتىلىشىپ ماڭغانلىرىنى كۆرسەم ئىچىمدە باشقىچە بىر سېغىنىش، ئازاپ تۇيغۇسى پەيدا بۇلىدۇ-دە، كىچىك چاغلىرىمدىكى مىنى سىۋەتكە سېلىپ ئانام بىلەن ئىككىڭلارنىڭ سېۋەتنىڭ ئىككى چىتىدىن تۇتۇپ ئوتقا ماڭغان بەخىتلىك ھالىتىمىزنى ئەسلەيمەن .
دادا سەنمۇ بىزنى ئويلاپ قۇيامدىغانسەن؟ سەن نىمىگەئىرىشىپ نىمىلەردىن مەھرۇم قالغانلىقىڭنى بىلەمدىغانسەن؟ سەن ھازىر ئاشۇ پۇلدار ئايالىڭ بىلەن بەخىتلىك، غەمسىز ياشاۋاتامدىغانسەن؟ سەن غەمسىز ياشاۋاتقان ئاشۇ ۋاقتتا، مۇشۇ دۇنيادا ئۆز ۋۇجۇدىڭدىن تۆرەلگەن، غەم-قايغۇ ئىچىدە ياشاۋاتقان ، ئاتا-ئانا مىھرىگە قانماي بوينى قىسىلغان ئۈچ يېتىم بالاڭنىڭ بارلىقىنى ئېسىڭگە ئالامدىغانسەن؟ تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|