پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

«تاپشۇرۇق باشلىقى»دىن ئويلىغانلىرىم

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-23 04:30 مەنبەسى: كىروران مۇنبىرى ئاپتورى: ئالىپتىكىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
كەنجە ئوغلۇم مەكتەپكە كىرگىلى ئىككى ھەپتىدىن ئاشتى. ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بەردىم، دەپ خۇش بولسام، بۇ مەكتەپمۇ قوش تىل مەكتەپ بىلەن ئوخشاش ئىك
تەلەي +1

«تاپشۇرۇق باشلىقى»دىن ئويلىغانلىرىم



كەنجە ئوغلۇم مەكتەپكە كىرگىلى ئىككى ھەپتىدىن ئاشتى. ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بەردىم، دەپ خۇش بولسام، بۇ مەكتەپمۇ قوش تىل مەكتەپ بىلەن ئوخشاش ئىكەن.
ئوغلۇم مەكتەپكە كىرىپ، ئىككى كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا تاپشۇرۇق غەلۋىسى باشلاندى. شۇ كۈنى كەچتە ئۇخلايدىغان چاغدا ئوغلۇم تۇيۇقسىز يىغلاپ كەتتى. نېمە بولدى، دەپ سورىساق، مەكتەپتىن كېلىپلا ئويۇن بىلەن بولۇپ كېتىپ تاپشۇرۇقنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. ھازىر تاپشۇرۇق ئىشلەيمەن دەپ تۇرىۋالدى. خېلىلا كەچ بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھازىر ئۇخلاپ، ئەتە بالدۇرراق تۇرۇپ ئىشلە، دېسەك، ھەرگىز ئۇنىمىدى. تاپشۇرۇقمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن، خېلى ئۇزۇندا ئىشلەپ تۈگەتتى، كېچىچە خاتىرجەم ئۇخلىدىمىكىن ياكى تاپشۇرۇقنى چۈشەپ چىقتىمىكىن.
يەنە بىر كۈنى تاپشۇرۇق ئىشلەۋېتىپ، ئوغلۇم سورىدى:
-دادا، سىنىپ باشلىقىنى بەنجاڭ دەيدىكەن، تاپشۇرۇق باشلىقىنى نېمە دەيدۇ؟
ئوغلۇمنىڭ تاپشۇرۇق باشلىقى دېگىنى ئۆگىنىش باشلىقى ئىكەنلىكىنى پەملىدىم. كىچىك بالىلارنىڭ ئات قويۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم.
-تاپشۇرۇق ئىشلىمىسەك، مۇئەللىم سىنىپتا ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويىدۇ.
-تاپشۇرۇق ئىشلىمىسەك، مۇئەللىم قولىمىزغا ئۇرىدۇ.
تاپشۇرۇق دېگەن بۇ سۆز بالامنىڭ كاللىسىغا سىڭىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ.
بىز ئوقۇغان چاغلاردا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقۇرى يىللىقىغا چىققاندا ئائىلە تاپشۇرۇقى بېرىلەتتى. ھازىر 1-يىللىقتىكى بالىلارغىمۇ ئائىلە تاپشۇرۇقى بېرىلىدۇ. تاپشۇرۇقنىڭ مىقدارىمۇ ئاز ئەمەس. بۇنداق قىلىشنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە بولغان پايدا-زېيىنى قانچىلىك؟ موشۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ۋە دەرس يۈكى ھەققىدە بىر مۇنچە خىياللارنى سۈرۈشكە ئۈلگۈردۈم.
موشۇ ئاي-موشۇ كۈنلەردە، قايتا-قايتا تەكىتلەنگەنسىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكى زىيادە ئېغىر بولماقتا. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى مەشغۇلات ۋاقتى 8-10 سائەتكە، ئۆيىدە تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتى ئىككى-ئۈچ سائەتكە يېتىپ، ئىختىيارىي پائالىيەت قىلىش ۋاقتى ۋە ئۇخلاش-ئارام ئېلىش ۋاقتى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن خېلىلا ئاز بولماقتا. سەل قاراشقا بولمايدىغىنى شۇكى، خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەن ساپاسى ئۇدا ئون يىل ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنلەپ كەتكەن. شەك-شۈبھىسىزكى، زىيادە ئېغىر دەرس يۈكى ــ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولماقتا. دەرس يۈكىنىڭ ئېغىر بولۇشى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشتىن زېرىكىدىغان، ئۆگىنىش دېگەن بۇ سۆزنى ئاڭلاش بىلەن بېشى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالماقتا.
ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇشنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئىمتىھان تۈزۈمى، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمى، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئىدىيەسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى، يۇقىرى مەكتەپلەرگە ئۆتۈش نىسبىتىنى زىيادە قوغلىشىش، ئاساسى مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ تەكشى بولماسلىقى، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ پاسسىپ تەسىرى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. لېكىن، سەل قاراشقا بولمايدىغىنى شۇكى، بەزى مەكتەپلەردە، مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ قېلىپلاشمىغانلىقى، مەكتەپ باشقۇرۇشتا قانۇن-قائىدىلەرگە رىئايە قىلمىغانلىقى، تەكشۈرۈپ-باھالاش مىخانىزىمىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ناچار رىقابەتنىڭ مەۋجۇد بولۇشى، مائارىپ قانۇنىيىتىگە خىلاپ ئۇسۇللارنىڭ ساقلىنىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكىنىڭ زىيادە ئېغىر بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مۇھىم سەۋەبلەر ھىسابلىنىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچ- مەكتەپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئىددىيىسىنى توغرىلاپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولغان ئۇسۇللارنى تۈزىتىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇنداق قىلغاندىلا، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتە ئەتراپلىق، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىشتە مۇنداق بىر قانچە نوقتىغا دىققەت قىلسا ئىكەن دەپ ئويلىدىم:
1- يۇقۇرى دەرىجىلىك تارماقلار ئېلان قىلغان پىلان بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارسا، ھەرقايسى پەن دەرسى، دەرس سائىتى، دەرس مەزمۇنىنى خالىغانچە تەڭشىمىسە، ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، زەربىدارلىق بىلەن دەرس ئۆتۈپ، پىلاندىن بۇرۇن دەرسنى تۈگىتىشكە رۇخسەت قىلمىسا.
2- تاپشۇرۇق بېرىشتە ئوقۇتۇش پىلانىنى ئاساس قىلسا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 2-يىللىقلىرىدا تاپشۇرۇق بەرمىسە، باشقا يىللىقلارنىڭ ھەر كۈنلۈك تاپشۇرۇق مىقدارى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمىسە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەر كۈنلۈك تاپشۇرۇق مىقدارى بىر يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمىسە. تەكرارلىنىدىغان مەشق ۋە كۆپلەپ كۆچۈرۈپ يازىدىغان مەشقلەرنى تاپشۇرۇق قىلىپ بەرمىسە، ئوقۇغۇچىلارنى تاپشۇرۇق ئارقىلىق جازالىمىسا. ئىمتىھان قېتىم سانىنى كونترول قىلسا، ئىمتىھان نەتىجە كۆرسەتكۈچى ياكى يۇقۇرى ئۆرلەش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرمىسە، ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاساس قىلىپ دەرىجىگە تىزمىسا، ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش-جازالاشنىڭ بىردىن-بىر ئاساسى قىلىۋالمىسا.
3- يۇقۇرى بىر تۇتاش بېكىتكەن مەشق توپلىمىدىن باشقا تۈرلۈك تەكرارلاش ماتىرىياللىرىنى سېتىۋېلىشقا تەشكىللىمىسە ۋە ئۇنى ئىشلەتمىسە.
4- پىلان ئىچىدىكى مۇزاكىرە ۋاقتىنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى كونترول قىلسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش، پەن-تېخنىكا، ئەمگەك پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلسا، ھەر كۈنى بىر سائەت تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلسە. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقتى، شەنبە-يەكشەنبە، تەتىللىك دەم ئېلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلسا، تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ دەرس تولۇقلىمىسا، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتمىسە، چەتكە قاقمىسا، ئۇلارنى ئوقۇشتىن چېكىنىشكە، مەكتەپ ئالمىشىشقا زورلىمىسا.
5 - مەشغۇلات ۋاقتىنى قاتتىق ئىگىلىسە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۈگىنىش ۋاقتىنى ئالتە سائەتتىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۈگىنىش ۋاقتىنى يەتتە سائەتتىن ئاشۇرىۋەتمىسە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى ئون سائەتتىن كەم بولمىسا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توققۇز سائەتتىن كەم بولمىسا.
باشقا ئاتا-ئانىلار، مائارىپچىلار  ۋە مەكتەپلەرنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلار قانداق قارايدىكىن؟
ئېيتقانلىرىم خاتا كەتكەن بولسا، ئەپۇ قىلغايسىلەر. 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

ئالىپتىكىننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مائارىپ ۋە رىئاللىق] «تاپشۇرۇق باشلىقى»دىن ئويلىغانلىرىم [ 2011-12-23 04:30:21 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] بالىلار ئەسەرلىرىدىن توپلام (2) [ 2011-12-23 04:28:50 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] بالىلار ئەسەرلىرىدىن توپلام (1) [ 2011-12-23 04:27:23 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلىرى ئاسان جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان ئائىلىلەر [ 2011-12-23 04:15:28 ]
[قانۇن تۇزۇم] جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قو [ 2011-12-19 19:38:17 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلار قانداق قىلغاندا قىشتىن ساغلام چىقىدۇ [ 2011-12-19 19:32:56 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئائىلىدە سىزمۇ بىر ياخشى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ب [ 2011-12-19 19:30:32 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇر كىتابچىلىق مەدەنىيىتى [ 2011-12-19 19:28:00 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] قان قەھەتچىلىكى ھەقىقەتەن ئېغىر مەسىلە بولۇپ قالد [ 2011-12-19 19:24:57 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] جۇڭگودىن 2011-يىلى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ سان [ 2011-12-19 19:22:36 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-12-03 12:12
تەۋسىيەلەر