ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ھەرىكىتى
ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش
ھەرىكىتى ھەقىقىي قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ
جىڭ بۇنىڭ 23 – سېنتەبىر ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى سىنلىق يىغىنىدىن ئوقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زىيادە دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىش بۆسۈش ئېغىزى قىلىنىپ، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان نۇقتىلىق مەسىلىلەر كۈچەپ، ياخشى ھەل قىلىنىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس يۈكى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىتىلىدىكەن، مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ناتوغرا ھەرىكەتلەر روشەن ئازايتىلىدىكەن.
بۇ يىل 6 – ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى نازارەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈش، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تۆت ناھىيە تەۋەسىدىكى 17 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئايرىم مەكتەپلەردە دەم ئېلىش، ھېيت – بايرام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ دەرس تولۇقلاش، قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار باشقا تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ۋە دەرس ئۆتۈش، شەكلىنى ئۆزگەرتكەن ھالدا نۇقتىلىق سىنىپلارنى ئېچىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپ باھالاش، ئىمتىھان نەتىجىسى بويىچە ئىسىم تەرتىپى تۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ھازىر مەكتەپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ تەخىرسىز مۇنداق ئۈچ خىزمەت بار: بىرىنچى، دەرس پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. جايلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ دەرس پىلانى بويىچە ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى تەشكىللىشى كېرەك، ھەر قانداق مەكتەپ ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس پىلانى ۋە دەرس سائىتىنى ئۆز ئالدىغا كۆپەيتىشىگە ياكى قىسقارتىشىغا شۇنداقلا دەرسنىڭ قىيىن نۇقتىلىرىنى ۋە ئوقۇتۇش سۈرئىتىنى تەڭشىشىگە بولمايدۇ. مەكتەپلەر تەنتەربىيە، سەنئەت دەرسلىرىنى ۋە پەن – تېخنىكا، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، تەنتەربىيە – سەنئەت بويىچە «1+2» تۈرىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ھەر كۈنى بىر سائەت تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئىككىنچى، جايلار مەشغۇلات ۋاقتى ۋە تاپشۇرۇقلارنى «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق چارىسى»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇقلارنى دەرس ئۆلچىمى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشى، دەرس مەزمۇنىنى ئەستايىدىل تاللىشى، قىيىنلىق، ئوڭايلىق دەرىجىسى، مىقدارى مۇۋاپىق بولۇشى، جازالاش خاراكتېرىدە تاپشۇرۇق بەرمەسلىكى كېرەك؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىيادە ئېغىر دەرس يۈكىنى تىرىشىپ يېنىكلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا قاتلاملىق، ئېلاستىكلىق، مۇھاكىمە خاراكتېرلىك، ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە تاپشۇرۇقلارنى كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. جايلار دەم ئېلىش، ھېيت – بايرام، يازلىق، قىشلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاش ياكى يېڭى دەرس ئۆتۈشكە تەشكىللەشنى قەتئىي چەكلىشى، بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاش ھەرىكەتلىرىنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى، كۆپرەك ۋاقىتنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيقۇسى ۋە ساغلاملىقىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئاتالمىش«نەتىجە»،«يۇقىرى مەكتەپلەرگە كىرىش (ئۆتۈش) نىسبىتى»نى قوغلاشماسلىقى كېرەك.
ئۈچىنچى، ئوقۇتقۇچىلار پاك – دىيانەتلىك بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلار ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئىلمىي مائارىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ھەق ئېلىپ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇشىغا، ھەق ئېلىپ دەرس تولۇقلىشىغا، ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان ھەق ئېلىنىدىغان تەربىيەلەش كۇرسى ۋە دەرس تەكرارلاش سىنىپلىرىنى ئېچىشىغا ۋە مۇشۇنداق سىنىپلارغا ئوقۇغۇچىلارنى شەكلىنى ئۆزگەرتكەن ھالدا قاتناشتۇرۇشىغا بولمايدۇ. جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بۇ ھەقتە ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرىش پىرىنسىپىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇشى، ھەر قانداق شەكىلدىكى مەكتەپكە كىرىش بويىچە مۇناسىۋەتلىك تاللاش ئىمتىھانى ياكى سىناق ئىمتىھانى ئېلىشىنى چەكلىشى، ئوقۇغۇچىلار مۇسابىقىسى، ئىمتىھان نەتىجىسى، ئالاھىدىلىكىنى باھالاش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، مەكتەپ رايونى دائىرىسىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى رەت قىلماسلىقى كېرەك.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون 2009 – يىلى كۈزدىن باشلاپ «ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇندەرىجىسى»نى تۈزۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. يىغىندا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىغا تەشكىللىك ھالدا مۇشتەرى بولماسلىقى، ئوغرىلىقچە نەشر ياكى قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى قەتئىي توسۇشى، كىتاب سودىگەرلىرىنىڭ مەكتەپتە كىتاب، ماتېرىياللارنى سېتىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.
()
«ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ھەرىكىتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- . مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئوقۇغۇچى
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . تاپشۇرۇق كۆپ،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن
- . ‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ي
- . خەت چېكىش شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى توختا
- . ‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا ما
- . يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمە
- . يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا
- . يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . مائارىپنىڭ ئادىللىقىدىن ھەر بىر بالىنى
- . مىجەز يوقلۇقمۇ ياكى ھۇرۇنلۇقمۇ؟
- . ئوقۇش تارىخى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقتىدارى بىل
- . ئامېرىكىلىقلارنىڭ تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا
- . گوۋۇيۈەن مائارىپ نازارەتچىلىك كومىتېتى
- . ‹‹نۇقتىلىق سىنىپ››نىڭ ئالاھىدىلىكى
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئوقۇغۇچى
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . تاپشۇرۇق كۆپ،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن
- . ‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ي
- . خەت چېكىش شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى توختا
- . ‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا ما
- . يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمە
- . يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا
- . يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . گېرمانىيەنىڭ كەسپىي مائارىپى
- . 125ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك
- . مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي
- . قوش تىل ئوقۇتۇشى نېمىگە مۇھتاج؟
- . بالىلاردىكى بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچ
- . مائارىپ مەنزىلىدىكى گۈگۈم تەشۋىشلىرى ۋ
- . بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ
- . يېڭى دەرس ئۆلچىمى 9-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ
- . ئىسىت،سەنمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ مىللەتنىڭ دۇشم
- . «قوش تىل ئوقۇتۇشى»مۇ ياكى «قوش تىل
- . ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟
- . مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئې
- . مۇئەللىم....... ئاڭلاپ بىقىڭ؟
- . پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش ئۆزىمىز
- . يېڭى دەرس ئۆلچىمى 9-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ
- . يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەشتۈرۈشنىڭ پا
- . ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇر
- . لاياقەتلىك سىنىپ مودىرى بولۇشنىڭ