مەكتەپ ھالىڭغا ۋاي
يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-04 18:04 مەنبەسى: ئاپتورى: ئالىپتىكىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۆتتى،ئىككىنچى يىلى مەكتەپ قورۇسىنىڭ غەربى قىسمىدىن 2 مو يەرنى ئۆي-مۈلۈك شىركىتىگە ساتتى،2006-يىل
مەكتەپ ھالىڭغا ۋاي
مەكتەپ سەبىي بالىلارنى بىلىم بۇلاقلىرىنىڭ شەربەتلىرىدىن قانغۇچە بېرىپ ئۇلارنى ۋەتەن،خەلق ۋە مىللەت ئۈچۈن ياراملىق ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان،ئۇلارغا ئادەم بولۇشنىڭ نېمىلىكىنى،قانداق ئادەم بولۇش كېرەكلىكىنى،كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدىغان بىر بۆشۈكتىن ئىبارەت.بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن پەقەت كەسپى سەۋىيىسى ئالاھىدە يۇقىرى،مەلۇم دەرىجىدىكى كەسپى ئەخلاققا ئىگە،باشقا ئادەملەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان كىشىلەرلا چىقالايدۇ،ئۇ بولسىمۇ ئوقۇتقۇچى،ئوقۇتقۇچىلار ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولىشى شۇ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ مائارىپ دەپ ئاتىلىدۇ.مائارىپنى چۈشەنمىگەن،ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمىگەن مەيلى دۆلەت بولسۇن،مەيلى بىرەر مىللەت ۋە ياكى بىرەر ئادەم بولسۇن،ئۇنىڭ كەلگۈسى ئاچچىق مەغلۇبىيەتتىنلا ئىبارەت.
مەن تۆۋەندە مەلۇم بىر مەكتەپتە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى مىسال قىلىش ئارقىلىق مائارىپ سېستىمىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىماقچى،تۆۋەندە دېمەكچى بولغان گەپلىرىمنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىشلار،قەتئىي يالغان گەپ قوشمايمەن.ھەرقانداق مەسئۇلىيەتكە ئۆزۈم ئىگە.
بورتالا شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 1910-يىلى «تەلىمىيە»نامىدا قۇرۇلغان بىر مەكتەپ بولۇپ،98 يىللىق شانلىق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتى.بۇ جەرياندا ئۆز قوينىدا نۇرغۇن ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.ھالبۇكى بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ مەكتەپنى بىر قىسىم ساپاسىز،بىلىمسىز،مەسئۇلىيەتسىز،ئەقىلسىز مەكتەپ مۇدىرلىرى بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.
1999-يىلى بورتالا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتقۇچىلاردىن كەسپى سەۋىيە ئىمتىھانى ئالدى،بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندا 20 دىن تۆۋەن ئالغان ئوقۇتقۇچىلار بىر يولىلا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ،ئىشچىلىققا چۈشۈرۈلدى.ئەمما بۇ ئىسلاھات بىر قىسىملارنى رەنجىتسە،بىر قىسىملارنى ھەيران قالدۇردى.شۇ نۆۋەتلىك ئىمتىھاندا 27 نومۇر ئالغان شەھەردىكى نۇقتىلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭبىر مۇئاۋىن مۇدىرى بورتالا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قىلىپ تەيىنلەندى،2003-يىلى 9-ئايغا كەلگەندە بۇ كىشىنى بورتالا شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇدىر قىلىپ يۆتكىدى.ئۇ مەكتەپكە كەلگەن بىرىنچى يىلى ئەتراپىغا شايكا توپلاش بىلەن ئۆتتى،ئىككىنچى يىلى مەكتەپ قورۇسىنىڭ غەربى قىسمىدىن 2 مو يەرنى ئۆي-مۈلۈك شىركىتىگە ساتتى،2006-يىلغا كەلگەندە مەكتەپ قورۇسىنىڭ شەرقىدىن يەنە 3 مودىن ئارتۇق يەرنى يەنىلا ئۆي-مۈلۈك شىركىتىگە سېتىۋەتتى،ئەمما ئىككىلى نۆۋەت يەرلەر توغرىسىدا ئوقۇتقۇچىلارغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىدى،يىل ئاخىرىدىكى مالىيە دوكلادىدىمۇ بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق سان-سىفىر يوق،ھەتتا مەكتەپ مالىيىسىدىن ئوقۇتقۇچىلار سۈرۈشتۈرسە مالىيەگە ھېچقانداق كىرىم بولمىغان.ئاشۇ سېتىلغان يەرگە 2007-يىلى ئائىلىلىك قورۇ سېلىندى(بۇ يەر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ يېرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن سېتىلغان.).بۇ جەرياندا قۇرۇلۇش قىلىشتا قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى مەكتەپ قورۇسى ئارقىلىق كىرىپ-چىقىشقا توغرا كەلدى،چۈنكى،قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ شەرقىدىكى شەھەر كوچىسى رېمونت قىلىنىۋاتقان ئىدى،ئۇ يول پۈتكىچە ساقلىسا قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىگە زىيان بولاتتى.شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى كۈندۈزى ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا،كېچىسى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېچىلىك ئارام ئېلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى.بۇ ئەھۋالنى مەكتەپكە مەلۇم قىلغاندا مەكتەپ مۇدىرى قۇلاق سالمىدى.ئاخىرى ئوقۇتقۇچىلار كېچىدە چىقىپ قاتار تام بولۇپ تۇرۇپ ماشىنىلارنىڭ يولىنى توستى،بۇ چاغدا قۇرۇلۇش خوجايىنى ئوقۇتقۇچىلارغا«-مەن مۇدىرىڭلارغا پۇل بەردىم،ئۇ يول قويدى،سىلەرنىڭ كارىڭلار نېمە؟»دېگەن.لېكىن ئوقۇتقۇچىلار قەتئىي يول قويمىغان،ئاخىر خوجايىن مۇدىرغا تېلېفون قىلغان،مۇدىر بۇ مەسىلىنى دەرھال «ھەل»قىلغان.
2007-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بورتالا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى «مائارىپ سېستىمىسىدا رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىش»ئىسلاھات لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى،لايىھەدە ئوقۇتقۇچىلاردىن كەسپى ئىمتىھان ئېلىپ بۇ نەتىجىنىڭ %60نى،3 يىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت خۇلاسىسىدىن %40 نى ئېلىپ ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاپ،تاللاپ ئىشلىتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،2008-يىلى 27-يانۋار ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىندى،ئەمما بۇ ئىسلاھاتتا ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىر،سېكىرىتار ۋە مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىنمايدۇ ۋە بۇ ئىسلاھاتقا قاتناشمايدۇ.بۇ ئىش ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا نۇرغۇن تەڭسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.چۈنكى مەكتەپ مۇدىرى بولغان كىشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت باھالىشىنى ئۆز خاھىشى بويىچە باھالىدى،مەسىلەن،ئابايتىن تىلغا ئالغان مۇدىر شۇ مەكتەپتىكى ئىزچىل ئىشلەۋاتقان بىر ئوقۇتقۇچىغا 17 نومۇر(ئومۇمىي نومۇر 40) قويغان،ئەمما خىزمەتتىن مەلۇم مەزگىل توختاپ 3-كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئوقۇتقۇچىغا تولۇق نومۇر قويغان.بۇ ئىش ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا نۇرغۇن غۇلغۇلا پەيدا قىلدى،ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە ئاشۇ مۇدىرنى شەھەردىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇدىر قىلىپ تەيىنلىدى.
قېرىنداشلار،يۇقىرىدىكى دېگەنلىرىم ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلار،ھېچقانداق يالغىنى يوق . مۇشۇنداق پارازىت قۇرۇتلار ئەمەل ئۈستىلىدە قاچانغىچە ئولتىرىدىكەن مائارىپىمىز مەڭگۈ راۋاج تاپمايدۇ،ھەممىمىز ئورتاق ئاۋاز قوشۇپ بۇنداق پارازىتلارنى يوقىتىشىمىز كېرەك.ھۆكىمىتىمىز ئادىل،چوقۇم بۇ ئىشلارنى ۋاقتىدا سېزىپ ھەل قىلىدۇ،مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوقۇم بۇنداقلانى مائارىپ سېپىدىن تازىلايدۇ دەپ قارايمەن.مەن يۇقىرىدا دېگەن ئىشلارنى بورتالادىكى ھەرقانداق بىر ئوقۇتقۇچى بىلىدۇ،لېكىن يۇقىرى ئورگانلارغا ئىنكاس قىلاي دېسە ئۆز بېشىدىن قورقتى،چۈنكى ئەرز قىلغۇچى ئۆيىگە بارغۇچە ئەرز قىلىنغۇچى ھەممە ئىشتىن خەۋەر تېپىپ،ھەل قىلىش چارىسىنىمۇ تۈزۈپ بولغان بولىدۇ.شۇڭا بۇ ئىشنى تور ئارقىلىق پۈتۈن خەلققە ئاشكارىلاش ۋە شۇ ئارقىلىق ئاشۇنداقلارنىڭ ھوشىنى يىغىپ ئادەم بولىشى ئۈچۈن پايدىسى بولار دەپ يوللۇدۇم.
بۇ تېمىنى يېزىشىمدىكى سەۋەب،ئوقۇتقۇچىلار بۇرۇن نۇرغۇن ئىشلاردا ئەرز قىلغان،ئەمما ھەل بولۇشتا يوق،ماقالىدا دېيىلگەندەك،ئەرز قىلغۇچى ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن جازالانغان.مەن خېلى بۇرۇنلا ھەرقايسى تور بەتلىرىگە «نەپسىڭنى يىغىۋال مۇدىر مەلئۇنلار»دېگەن تېمىدا ماقالە يازغان،ئەمما ئۇ تېمام تەستىقلانمىغان،شۇڭا بۇ تېمامدا ئىنتايىن سىلىقلاشتۇرۇپ يازدىم . ئەگەر يازاي دېسەم ئۇ مۇناپىقنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرى بار: باشقىلارنىڭ ئائىلىسىگە ئېلىپ كەلگەن خاپىلىقلىرى، سولامچىلىقلىرى، مەكتەپتىكى ئىپپەتلىك ياش ئاياللارغا تېلېفون قىلىپ قىلغان ھاياسىزلارچە سۆزلىرى ۋە ئۇلارغا تۈرلۈك ئىمتىيازلارنى بېرىش ۋەدىسى بىلەن ئۇلارنى يولدىن چىقىرىشى، ئۆزى قىلتاققا چۈشۈرگەن ئايالغا كۆز تاشلىغانلاردىن ئۆچ ئېلىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئوچۇق-ئاشكارە «خوتۇن تالىشىش»جېدىلى ئېلىپ بېرىشى، ئوقۇتقۇچىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقلىرى...............دېسەم گەپ تولا،بۇ ماقالە ئارقىلىق ئاشۇ ئىبلىس مۇناپىقنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ئاشۇنداق ئىپلاسلارغا شۇنى دىمەكچىمەنكى،سەن ئاشۇ پۇلغا تەلمۇرگەن،چىرايلىق ئاياللارغا ھايۋانلارچە تىكىلگەن،ئۆزۈڭدىن ئۈستۈن ئەمەلدارلارغا لالما ئىتلارچە تەلمۈرگەن ئىبلىس كۆزۈڭدە ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆزىگە،يۈرىكىگە قاراپ باق،ئاشۇ بىچارە سەبىي بالىلارنىڭ سولغۇن چىرايىغا قاراپ باق،سەندىن نۇرغۇن ئۈمىتلەرنى كۈتۈپ بالىلىرىنى سەندەك ھايۋانغا تاپشۇرۇپ قويۇپ پۇشمان قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاتىلىرىنىڭ ۋە ئانىلىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ باق،سەن شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۆزۈڭنىڭ كىملىكى ئەمەس،نېمە ئىكەنلىكىڭنى بىلىسەن(ئادەمگە كىم دەپ،ھايۋانغا نېمە دەپ ئىشلىتىمىز).
بۇ فىليەتون 2008-يىلى شەبنەم مۇنبېرىگە يوللانغان.
مەنبە:http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=3740 تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|
------分隔线----------------------------