ئوقۇتقۇچى روھى ۋە مائارىپ
يوللانغان ۋاقتى: 2011-05-20 18:16 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئوقۇتقۇچى روھى ۋە مائارىپ ئەگەر ئاتاڭ بىلەن ئوقۇتقۇچۇڭ بىرلا ۋاقىتتا تۈرمىگە تاشلىنىپ، ئۇلا
ئوقۇتقۇچى روھى ۋە مائارىپ
ئەگەر ئاتاڭ بىلەن ئوقۇتقۇچۇڭ بىرلا ۋاقىتتا تۈرمىگە تاشلىنىپ، ئۇلاردىن بىرىنىلاكېپىللىككە ئېلىپ چىققىلى بولسا، بالا بولغۇچى ئىكەنسەن، ئاۋۋال ئوقۇتقۇچۇڭنىكېپىللىككە ئېلىپ چىق.
_ يەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن
ئوقۇتقۇچى_ بىر مىللەتنىڭ نادانلىقتىن ئىبارەت مەنىۋى كېسىلىنى شىپا تاپقۇزۇشيولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىپ ھارمايدىغان خالىس تۆھپىكار. شۇڭا، بىزدە جاپالىقمېھنىتى بەدىلىگە ئىنسان قەلبىنى ئىلىم بېزەكلىرى بىلەن زىننەتلىگەن ئۇستازلارنىقەدىردان ئاتا- ئانىمىز بىلەن بىر قاتاردا، ھەتتا ئۇلاردىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغاقويۇشتەك ئېسىل ئەنئەنە بار. بالىلىرىمىز كىچىكىدىن تارتىپ ئاغزىغا ئىلىم نېنىنىسالغان ئوقۇتقۇچىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ كەلگەن.كەڭ ئاتا- ئانىلارمۇ بىلىم- ئىستېداتنەمۇنىلىرى بولغان ئۇستازلارنى يۈكسەك ئورۇنغا قويغان. ئوقۇتقۇچىلار بولسا ئەمەل، شۆھرەت، ھۆرمەت تەمەسىدە بولماي، ھېكمەت دۇردانىلىرىنى ۋەتەننىڭ كېلەچىكىھېسابلانغان ئەۋلادلار ئۈچۈن ئايىماي سەرپ قىلغان. قىسقىسى، مىللىتىمىزدە قايسىدەۋردە بولمىسۇن ئىلىمنى ئۇلۇغلاش، ئىلىمنىڭ خەزىنىسىنى بېيىتىش، ئۇنى كېيىنكىلەرگەيەتكۈزۈش خىسلىتى خۇددى ئۈزۈلمەس ئېقىندەك ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلگەن. لېكىنبۈگۈنكى مائارىپ ئەھۋالىمىزغا سەمىمىيەت بىلەن دىئاگنوز قويىدىغان بولساق، ئىلگىرىكىگە ئانچە ئوخشاشمايدىغان ئەھۋاللارنى بايقايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانبىر قىسىم ئاپتورلىرىمىز ھازىرقى مائارىپ ئەھۋالىمىز ھەققىدە بەزى سوغۇققانمۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ مۇلاھىزىلەردە قايناش، ئاغرىنىش، خۇرسىنىش ۋەئۈمىدسىز كەيپىياتلار كۆپ بولدى. بۇنداق بولۇشتىمۇ مەلۇم سەۋەپلەر بار، ئەلۋەتتە. ئەمما ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلەرنى تولۇق نەزەرگە ئېلىپ ئىنچىكىلىك بىلەنپىكىر يۈگۈزسەك، ئاغرىنىشىمىزغا ھېچقانداق ئورۇن قالمايدۇ. چۈنكى، خۇرسىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش ھاياتىي كۈچنىڭ ئاساسەن ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ياكى ئۇئاجىزلارنىڭ ھايات مەنتىقىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، قېنى كىم بىزنىڭ مائارىپىمىزنىھاياتلىق ھۈجەيرىسى قۇرۇپ كەتكەن مۇردا دېيەلەيدۇ؟ مائارىپىمىز يىتىشتۈرۈپچىقىۋاتقان تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلار، دوكتۇرلار، شائىر، ئەدىبلەر، سەنئەتكارلارنېمىنىڭ مەھسۇلى؟ ئۇ نەتىجە ئەمەسمۇ؟ بەلكىم بەزىلەر مائارىپىمىزدىن باشقىچىرەكنەتىجە كۈتىدىغاندۇ. ھاياتلىق بار يەردە ئارزۇ- تەلەپ بولىدۇ. ئەمما، تەلەپ سەۋەپئارقىلىق ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بار نەرسە. بولمىسا، تەلەپ قىلغۇچى ئازاب بىلەنبارمىقىنى چىشلەپ قالىدۇ. شۇڭا، نېمىنى تەلەپ قىلىشنى بىلىشمۇ بىلىم ھېسابلىنىدۇ. ھازىر بىزنىڭ مائارىپىمىز ئۆزى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىۋاتىدۇ. ھايات ئۇنىئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. بىز تەپەككۇر بار يەردە ھاياتلىق بار دەپ كېسىپئېيتالايمىز. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىزنىڭ مائارىپىمىز بار، بەلكى ئۇ ئاجايىپ زوريوشۇرۇن ئستىقبالغا ئىگە. چۈنكى، ئۇ پىكىر قىلىۋاتىدۇ.
ئەگەر راستتىنلا ئاغرىنىشقا توغرا كەلسە مائارىپىمىزدىن ئەمەس، مائارىپ روھىمىزنىڭيىگىلەپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنىش كېرەك. مائارىپ روھى ئۆلگەن يەردە مائارىپبولمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ مائارىپ روھى شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىيئېتىقادىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ بېرىشتە ئىپادىلىنىدۇ. مائارىپ روھىئاساسلىقى ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىشدۇر. تېخىمۇ كەسكىنرەك قىلىپ ئېيتقاندا، پىكىر قىلىشۋە ياشاش روھىدۇر. ئەگەر مائارىپ روھى بولمىسا، 100 قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىنالىرىنىڭ، مىليۇن كىشىلىك تەربىيىلىگۈچىلەر قوشۇنىنىڭ بولۇشى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. مائارىپروھى ئۆلمىگەن جايدا ھەربىر ئائىلە مەكتەپكە، ھەربىر ئاتا- ئانا تەلەپچان ئۇستازغائايلىنىدۇ.
بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلاردىن ئۈلگە ئېلىشقا بولىدۇ. ئۇلار 2000 يىلدىن كۆپرەك سەرسان- سەرگەردانلىق ھاياتىدا، فاشىستلارنىڭ قانلىق قىلىچى ئاستىدا باشلىرى چېپىلسىمۇ، كۆزلىرى ئويۇۋېتىلسىمۇ، مىللىي روھىدىن ھەرگىز ئايرىلىپ قالمىدى. ئۇلارنىڭ مىللىيروھى بىلىم ۋە قابىلىيەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان مىللىي ئېتىقادئىدى. ئۇلار ھەممىدىن بەك مائارىپقا ئەھمىيەت بەردى. مائارىپ ئارقىلىق بىلىمساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. غايە مەشئىلى توپتوغرا 2000 يىل لاۋۇلدىدى. ئۇلارئاۋۋال ئەقىلغا سىغىندى، ئەقىل ئارقىلىق پۇل تاپتى، پۇل ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزدى. ئۇلارنىڭ ھاياتى بىزگە مىللىي روھ (مائارىپ روھى)، بىلىم ۋە ئەقىل ھەم ئۇيۇشقاقلىقبولىدىكەن ھەممىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى جانلىق ئىسپاتلاپ بېرىشكە يېتەرلىك.
يەر شارىدا بەزى مىللەتلەرگە ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك ماكان ئاتا قىلىنغان. ئۇلارئالتۇن ئۈستىگە دەسسەپ يۈرۈشكەن. ھەربىر كۈنىنى خۇددى بايرامدەك خۇشال- خۇرامئۆتكۈزگەن. ئەمما تارىخنىڭ چاقى ئايلىنىپ، ھاياتنىڭ ئىككىنچى بىر يۈزىگەيۈزلەنگەندە، ئۇلاردا تۇيۇقسىز بىچارىلىك كۆرۇلگەن، ئۇلار ھاياتتىمۇ تۆت پەسىلنىڭبولىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يەتمىگەچكە، " بوران- چاپقۇن " ئالدىداتېڭىرقاپ قالغان. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھايات مەنتىقىسىدە جۇغراپىيىلىك ماكان ئەۋزەللىكىدىنپەيدا بولغان ھۇرۇنلۇق ۋە بىپەرۋالىق ئىزنالىرى بار. ئۇلار باشقا كۈن چۈشكەندەئەسقاتىدىغان نەرسىگە سەل قارىغان.
يۇقىرقى سېلىشتۇرمىدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئىنسانغا ھەقىقى ئەسقاتىدىغان نەرسەبىلىم، ئەقىل ۋە ھايات تەجرىبىسىدۇر. ماقالىنىڭ باش قىسمىدا دەپ ئۆتكەندەك، بىز بۇجەھەتتە ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە. ئىجادىيەت ۋە يېڭىلىقنىڭ رەڭدار گۈللىرى ئەنە شۇتۇپراقتا بىخلىنىدۇ، چېچەكلەيدۇ، مېۋە بېرىدۇ. ئۇنداقتا، ئەنئەنىنى نېمە دەپچۈشىنىش كېرەك؟ ئەنئەنە ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ياكىمۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن غەلبە- نۇسرەتلەر ئەمەس، بەلكى ئاشۇ مۇقەددەس غەلىبىلەرنىقانداق قولغا كەلتۈرۈش روھىدۇر. مانا بۇ ھەقىقىي ئەنئەنىدۇر. بىر مىللەتنىڭمائارىپى شۇ مىللەتنى ئەنئەنىسىنى تېپىۋېلىشقا يېتەكلىشى، شۇ ئاساستا بۈگۈننىڭتەلەپ- ئېھتىياجىغا جاۋاب ئىزدىشى كېرەك. ھازىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى باشلىنىپكەتتى. مەركەزنىڭ " غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش " چاقىرىقى شىنجاڭدا بىرمەيدان كەسكىن كۈرەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ. بۇ كۈرەش دەل مىللەتنىڭئومۇميۇزلۇك ساپاسىنى ئۆستۈرۇش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشكۈرىشىدۇر. ھازىرقى دەۋردە كىشىلەر ئۆز زامانىسىغا خاس بىلىم، قابىلىيەت ئىگىسىگەئايلانمىسا، ھەتتا ئۆز قورسىقىنىمۇ باقالماي، ئاچ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بۈگۈنكى دەۋر_ كاللىسىدىكى بايلىق ئېچىلسا بەخت ئىشىكى ئېچىلىدىغان، " تاش" "ئالتۇن" غا ئايلىنىدىغان؛ كاللىسىنى دات باسسا، ئەقىل پىچىقىگال بولسا، "ئالتۇن" مۇ "تاش" قا ئيلىنىپ قالىدىغان دەۋر. شۇڭلاشقىمۇ مائارىپقا بولغان ئېھتىياج زورىيىپ كەتتى. نۆۋەتتە ھەربىر ئوقۇتقۇچى بۇنۇقتىنى چۈشەنمىسە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىلگىرىكى مائارىپ روھىغا ھەقىقىي ۋارىسلىققىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى تونۇپ يېتىپ، بەختىيار كېلەچەككە ئۇلسالمىسا بولمايدىغان بولۇپ قالدى . "دۆلەتنىڭ ئۈمىدى مائارىپتا، مائارىپنىڭئۈمىدى ئوقۇتقۇچىلاردا." بۇ سۆز ناھايىتىمۇ جايىدا ئېيتىلغان. ئۇنى چوڭقۇرمۇھاكىمە قىلىپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ!
ئاپتور_ پىچان ناھىيە پىچان يېزا ماچاڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدىن گۈلنىسا سەيپۇل.
شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلىدىن ئېلىندى. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------