يېزا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلىر
يوللانغان ۋاقتى: 2011-05-22 19:07 مەنبەسى: ئاپتورى: تىزناپ كۆرۈلۈشى: قېتىم
بىر نەچچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمىدا، يېزىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى كىشىنى چۆچۈتكۇدەك شە
بىر نەچچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمىدا، يېزىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى كىشىنى چۆچۈتكۇدەك شەكىلۋازلىق، رەڭۋازلىق، كۆز بويامچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شاھىتى بولدۇم. ئۆز تەپەككۇرۇم بويىچە بولغاندا، مەكتەپ ئىنسانلارنى تەربىيىلەيدىغان، مىڭلىغان- مىليۇنلىغان سەبىيلەرنىڭ قەلبىگە ئىلىم چىرىغىنى ياندۇرىدىغان مەرىپەت باغچىسىدۇر. «ئىنسان رۇھىنىڭ ئىنژىنىرى» بولغان ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ بوشۇكنىڭ تەۋرەتكۇچىلىرىدۇر. شۇنداق ئىكەن، مەكتەپتىن ئىبارەت مەرىپەت باغچىلىرىدا شەكىلۋازلىق بولماسلىقى ياكى بولسىمۇ، ناھايىتى ئاز بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما مېنىڭ كۆرگىنىم، بىلگىنىم ھەمىشە بۇنىڭ ئەكسى بولۇپ كەلدى. شۇڭا بۇ ھەقتە قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلىشنى ۋىجدانىم، بۇرچۇم دەپ قارىدىم. 1. ئوقۇغۇچى تۇراقلاشتۇرۇشتىكى شەكىلۋازلىق مەلۇمكى، مەكتەپ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى ئارقىلىقلا، ئىسىمى- جىسمىغا لايىق مەكتەپ بولالايدۇ ۋە نورمال ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلالايدۇ. نۆۋەتتىكى يېزىلاردىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك دەرسكە قاتنىشىشى %100 گە يەتمەي كەلمەكتە. سىنىپلارغا قارايدىغان بولسىڭىز، بىر ياكى بىر قانچە ئورۇننىڭ بۇش ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. بۇنداق ئەھۋال بىرە- بىرە ئەمەس ھەمىشە سادىر بولىۋەرسە، بۇ، ئەلۋەتتە، كىشىنى ئويغا سالىدۇ. يەنە كېلىپ بۇنداق ئەھۋال ھازىر يېزىلاردىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئومۇمى كەيپىياتقا ئايلانغان. ئاشۇ بوش ئورۇنلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاغرىپ قالغانمىدۇ؟ ھەممىسنىڭ جىددى ئىشى چىقىپ قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلاردىن رۇخسەت سۇرىغانمىدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە، ئۇنداق ئەمەس. ئەمىسە بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەلۋەتتە، بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەپلىرى بار. بۇنىڭ بەزى سەۋەپلىرىنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى: يوقىرىدىن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى تۇراقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۇرۇپ كەلسە، مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بۇنداق تەكشۇرۇش ئەھۋالىدىن ھەمىشە ئالدىن خەۋەر تاپقانلىقى ئۈچۈن، پۇختا تەييارلىق قىلىپ ئۇلگۇرىدۇ. تەكشۇرگۇچىلەر كەلگەن كۈنى ئاشۇ بوش ئورۇندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىسى ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغان بولىدۇ، يەنە بىرمۇنچىلىرىنىڭ داۋالىنىش ئىسپىراپكىسى ياكى رۇخسەت سۇراش قەغىزى تەييارلانغان بولىدۇ. مۇشۇنداق ھىيلە- نەيرەڭ بىلەن بىر- ئىككى كۈنلۇك تەكشۇرۇش ئۆز يولىدا ئۆتۇپ كېتىدۇ. تەكشۇرگۇچىلەر كەتكەندىن كېيىن، يەنە بۇرۇنقىدەكلا سىنىپلاردىكى نۇرغۇن پارتىلار بوش قالغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەكتەپ شەكىلۋازلىق قىلىپ ئاخىرقى ھېساپتا ھەم يوقىرىنى، ھەم ئۆزىنى ئالدايدۇ. بۇنداق شەكىلۋازلىق قارىماققا ئاددى ئىشتەك، ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى نورمال ئەھۋالدەك كۆرۇنگەن بىلەن، يىراققا نەزەر سالغاندا، مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا، شۇنداقلا، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۇسىگە زور زىيان سېلىشى مومكىن. بۇگۇنكىدەك پەن- تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان، ئېلكتىرۇن، ئۇچۇر دەۋرىدە بۇنداق شەكىلۋازلىق ھەممىمىزنى ئويغا سالىدىغان موھىم مەسىلە. بىز مۇنداق شەكىلۋازلىقنىڭ يەنىمۇ ئەج ئېلىشىغا خاتىمە بېرىشىمىز زورۇر. چۇنكى، مەكتەپلەر پايدىلىنىپ كېتىۋاتقان ئوقۇغۇچى توراقلاشتۇرۇش ئۆلچىمىدىكى كىچىككىنە يوچۇقنىڭ قوربانىغا ئايلىنىپ، مەكتەپ بوسۇغسىدىن يىراقلىشىپ جەمىيەت قوينىغا ئۇنسىز سىڭىپ كېتىۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشى بىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. 2. ئوقۇتۇشتىكى شەكىلۋازلىق ئوقۇتۇش خىزمىتى مەكتەپلەر خىزمىتىنىڭ موھىم ھالقىسى. دۆلەت ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىنى يوقىرى كۆتىرىشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. يېڭى دەرس ئۆلچىمىنىڭ تۇزۇلۇپ، دەرسلىكنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. لېكىنن، بىزنى ئويغا سالىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئالايلۇق، ئوقۇتقۇچىلار يېڭى دەرسلىككە قانچىلىك ماسلاشتى؟ كۆللىكتىپ دەرس تەييارلاش، دەرس تەييارلىقى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ دەرسخانىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئورنىدا قانچىلىك ئۆزگىرىش بولدى؟ يىراق موساپىلىق ئوقۇتۇش، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش قانداق ئېلىپ بېرىلماقتا؟ 2- دەرسخانا پائالىيىتى قانچىلىك قانات يايدۇرۇلدى؟ ساپا مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگنىش قىزغىنلىقى، ئۆزلۇكىدىن ئۈگىنىشى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ مەكتەپلەردە چالا ساۋات ۋە ساۋاتسىزلار قانچىلىك نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ؟ بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىش قىيىن. تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلغۇچىلار بىر مەكتەپتە ئىككى سائەت، يېرىم كۈن، بىر كۈن تۇرۇپ، نەق مەيدان كۆرۇش، ئارخېپ تەكشۇرۇش، سۇئال سۇراش... ئارقىلىق تەكشۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىگەللىگەنلىرىنى يوقىرىغا دوكلات قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەكشۇرۇش نەتىجىسى قانداقتۇر زور غەلىبە، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش دېگەندەك ئوتۇق، موۋەپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۇرگەن بولۇپ، نەتىجىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق تەكشۇرۇشلەرمۇ ئوخشاشلا شەكىلۋازلىقتىن خالىي ئەمەس. خۇددى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، قاملاشتۇرۇپ ئوينىغان سەھنىدىكى بىر مەيدان ئويۇنىغىلا ئوخشاپ كېتىدۇ. مەكتەپ رەھبىرى يوقىرى قايسى ۋاقىتتا، قايسى خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇرسا، چىڭ تۇتسا، شۇ خىزمەتنى ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا مەجبۇر. ئوقۇتۇش خىزمىتى، ئوقۇغۇچىلار تاشلىنىپ قالغىنى قالغان. شەكىلۋازلىق ئەۋج ئالغان تەكشۇرۇش خىزمىتى ئاياقلاشقاندىلا، ئوقۇتقۇچىلار ئاندىن ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ۋە ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋال بىر كۈن، بىر نەچچە كۈن، ھەتتا بىر نەچچە ھەپتىگىچە سۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئەمما ئاشۇ كۈنلەردە تاشلىنىپ قالغان ئوقۇتۇش خىزمىتى بىر نەچچە كۈندەە تاماملىنىپ بولغاندىن سىرت، كۈندىلىك خىزمەتلەرنىڭمۇ تاماملىنىپ بولىنىشى شەرت، ئەلۋەتتە. ۋاقىت خاراكتېرلىك خىزمەتلەر يىلنىڭ بېشىدىن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، مەۋسۇم ئىچىدە ئىشلىمىسە زادى بولمايدىغان ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى، بىخەتەرلىك خىزمىتى، موقۇملۇق خىزمىتى، «تىنىچ مەكتەپ» قورۇلۇشى خىزمىتى، پارتىيە قورۇلۇشى خىزمىتى، يوقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى، تازىلىق خىزمىتى، مىللەت، دىن خىزمىتى، پاكلىق قورۇلۇشى خىزمىتى، يېڭى- يېڭى ئىسىم قويۇلۇپ، قېلىن- قېلىن خاتىرە يازىدىغان سىياسى ئۈگىنىشلەر... قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ھۆججەتلەر يوقىرىدىن كەينى- كەينىدىن چۇشۇپ تۇرغانلىقتىن، مەكتەپ رەەھبەرلىرى بۇ خىزمەتلەرنى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا تەقسىملەپ بېرىدۇ. تەكشۇرۇش ۋاقتى كەلگۇچە ئوقۇتقۇچىلار نورمال ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاندىن تەكشۇرۇشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئارخېپ ئىشلەشكە كىرىشىپ كېتىدۇ. چۇنكى، تەكشۇرۇشتە لاياقەتسىز بولسا، ئومومى ئوقتۇرۇش قىلىنىپ، مەكتەپ رەھبەرلىكى تەنقىتلىنىدۇ. ھەممە ئادەمگە يۈز كېرەك، كىممۇ تەنقىتلىنىشنى خالايدۇ دەيسىز. خەيرىيەت، ئوقۇتۇشمۇ، ۋاقىت خاراكتېرلىك خىزمەتلەرمۇ ئاياقلىشىپ، ھەممە ئىش تۈگىدى، ياق، بىر ئىش تۇگمىدى، ئۇ بولسىمۇ، ئوقۇتۇشنىڭ نەتىجسى تېخى چىقمىدى. ئاشۇ نەتىجىلەر ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ھەر بىر مەۋسۇم ئاخىرىدىكى بىر نەچچە ھەپتىلىك ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، جان- جەھلى بىلەن يىغىلىپ قالغان دەرسلەرنى ئۆتۇش، تەكرار قىلىش بىلەن ئالدىراش. ئەلۋەتتە، ئالدىراشقا ئەرزىيدۇ، ھەر بىر مەۋسۇملۇق خىزمەتنىڭ ھۇسۇلىنى ئالىدىغان مەزگىل ئەمەسمۇ!؟ مەكتەپ رەھبەرلىكى يىللىق باھالاش ۋە مۇكاپات- جازانى مەكتەپ خىزمىتىنىڭ مەركىزى ھالقىسى بولغان ئوقۇتۇش سۇپىتى بولغان %60 بىلەن باغلايدۇ ئەمەسمۇ!؟ ئۇنىڭدىن باشقا پارتىيە قورۇلۇشى خىزمىتى، ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى، پىئونىرلار خىزمىتى، موقۇملۇق خىزمىتى، بىخەتەرلىك خىزمىتى، يوقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى... قاتارلىق خىزمەتلەرمۇ ئەلۋەتتە موھىم. بىراق بۇ خىزمەتلەرنىڭ بەزىلىرى 1100نومۇرلۇق، يەنە بەزىلىرى 100نومۇرلۇق ئۆلچىمى، شۇ ئۆلچەم تەلىۋىگە ماس ھالدا توم- توم ئارخېپلىرى بار. بەزى خىزمەتلەردە ئايرىم ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، ئارخېپى ئايرىم كۆرۇلمسە بولمايدۇ. مەسىلەن، ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى ئارخېپىدا بارلىق خىزمەتلەر موجەسسەملەنگەن بولسىمۇ، ھەر بىر تۇرلۇك خىزمەتلەر ئايرىم ئىشلەنگەندە شاخلىنىپ كەتكەچكە، ئوخشاش بىر خىزمەتنى يېڭى ئۆلچىمى بويىچە ئايرىم كېڭەيتىپ ئىشلىمىسە بولمايدۇ. گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلغاندا، شەكىلۋازلىق، يالغانچىلىق، رەڭۋازلىق قىلىپ بۇلالماي ئاۋارە بولىدۇ. دۇنيادا ھەممىدىن يالغاننى راست قىلىپ، كۆرسەتمەكتىن ئارتۇق تەس ئىش يۇقتۇ، بەلكىم. بويرۇققا بىنائەن، ئوقۇتقۇچىلار قىلغاننىمۇ قىلدۇق، ئەتتۇق، قىلمىغاننىمۇ قىلدۇق، ئەتتۇق دەپ كېچە- كۈندۇز ئىش قوشۇپ ئىشلەپ، ھالىدىن كېتىدۇ. ئارخېپنى بۇنداق ئىشلەپ تۇگىتىش ئۇسۇلى - ئوقۇتۇش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىش جېڭى دىيلىدۇ. بۇ ئارخېپلارنى ئىشلەشكە سەرپ قىلىنغان زېھىن، ئىسراپ بولغان ۋاقىت، ئىسراپ قىلىنغان قەغەز، پېرىنتىر سىياھسى، توك... قاتارلىقلاردىن بولغان ئەقلىي ئەمگەك ۋە ئىقتىسىادى چىقىملار بولسا، جەڭ بولغان ئىكەن ئانچە- مۇنچە قۇربان بېرىش، ئىقتىسادى جەھەتتىن چىقىم بولۇش بولىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال. ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك، بىچارە ئوقۇتقۇچىلار ئارخېپقا كۆمولۇپ قالىدۇ. بىر كۈنلۇك خىزمەت ۋاقتى سەككىز سائەت، بۇ سەككىز سائەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ۋاقتى، بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارامدۇ ياكى ئارخېپ ئىشلەمدۇ؟! ئوقۇتقۇچىلار دەرسكە كىرمىگەن ۋاقىتلىرىدا بىر سائەت دەرس ئۆتۇش ئۈچۈن كام دېگەندە ئىككى سائەت تەييارلىق قىلمىسا دەرسخانىگە كىرەلمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىشلىگەن تاپشۇرۇقلارغا ئەستايىدىل باھا بېرىشكە ئىككى سائەت ۋاقىت يەتمەيدۇ. مەكتەپكە كەلگەن ئاتا- ئانىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرمىسا، ئۇلار رەنجىيدۇ، مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان راست- يالغان كۈرۇنۇش ياسايدىغان پائالىيەتلەرگە قاتناشمىسا، زادى بولمايدۇ، بەلىگىلەنگەن كۈندە ئائىلە زىيارىتىگە بارمىسا تېخى بولمايدۇ. بارىدىغان بەزى ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسىنىڭ ئۆيى مەكتەپتىن ئۈچ- تۆت كېلومېتر، ھەتتا ئۇنىڭدىن يىراق. ئاشۇ ئۆيلەرگە بېرىپ، سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ، دىمىسەممۇ بۇ كۆپچىلىككە ئايان. تۇرلۇك خىزمەتلەر يېڭىلىق يارىتىشقا ئاۋاز قوشۇپ، ئىشتاتنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ شاخلاپ، زىللىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېشىنى كۆتىرەلمەس، بېلىنى رۇسلىيالماس قىلىۋەتتى. ئىشتات كۆپىيىۋاتقان بىلەن، ئالاھىدە پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلغاندا، ئوقۇتقۇچىلارغا بىر قانچە خىل پەن، بىر قانچە خىل تەييارلىق يۈكلەنگەچكە ( بولۇپمۇ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە)، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ يۇشۇرۇن ۋەھىسىنىڭ تۆرتكىسىدە، ئەزەلدىن تاشلىنىپ قالغان ئالاھىدە پەنلەر ھېلىھەممۇ تاشلىنىپ، ئاساس پەنلەر يەنىلا ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. خۇش، ئەھۋال مانا مۇشۇنداق تۇرسا، ئارخېپلارنى ئوقۇتۇشنى قاتلاپ قويۇپ ئىشلىمىسە، تەكشۇرۇشتىن قانداق ئۆتىدۇ؟ دەرسىلەرنى پوملاپ ئۆتمىسە، دەرس ئۆلچىمى، كالىندار پىلانى قانداقمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنلانسۇن!؟ بۇنداق ئەھۋالدا ساپا مائارىپى، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ۋە دەرس ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ بۇنىڭدىن كۆرۇۋىلىشقا بولىدۇكى، مەكتەپ خىزمىتىنىڭ موھىم ھالقىسى بولغان ئوقۇتۇش خىزمىتى ھالقىلىق رولىنى ئاللىبۇرۇن يۇقىتىپ، شۇئارغا ئايلىنىپ قالغان. شۇڭا چالا ساۋات، ساۋاتسىزلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەس ئېقىندەك داۋاملىشىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. يېغىپ ئېيتقاندا، بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا مائارىپ ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدۇ. مائارىپتا شەكىلۋازلىق كۈنسېىرى ئەۋج ئالسا، ئۇنداقتا، بۇ مائارىپ ئاخىرى تويۇق يولغا كىرىپ قىلىشى مومكىن. شۇڭا بۇنداق شەكىلۋازلىققا خاتىمە بېرىش نۆۋەتتىكى مائارىپىمىزدىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تەخىرسىز خىزمەت دەپ قارايمەن. تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|
------分隔线----------------------------