پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

بوغچام نېمىشقا بۇنچە ئېغىر؟

يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-16 12:06 مەنبەسى: خەلق تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
قارىماققا تاپشۇرۇق بالىلارنى باش كۆتۈرگۈزمەيۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىمتىھان بالىلارنى شۇنداق قىلىشقا قىستىماقتا. مەكتە

بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ يۈرەك ساداسى: بوغچام نېمىشقا بۇنچە ئېغىر؟

شاۋچۈن بۇ يىل 11 ياشتا، شاڭخەي شەھىرىدىكى مەلۇم نۇقتىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىدا ئوقۇيدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى 40 كىلوگرامغىمۇ يەتمەيدىغان بۇ بالىنىڭ بوغچىسى 6 كىلوگرام كېلىدۇ. ئىچىدە تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى دەرسلىكلىرىدىن باشقا يەنە ئولىمپىك ماتېماتىكىسى، پەن-تېخنىكا، گۈزەل سەنئەت، ئۇچۇر دەرسلىكى ۋە ئۇچۇر قوللانمىسى، تەكرار يېتەكچىسى قاتارلىق 20 نەچچە كىتاب بار.
 
 
  شياۋچۈن ھەر كۈنى بۇ چاقلىق سومكىسىنى سۆرەپ مەكتەپكە بارىدۇ

   «يۈدۈپ قانداق چىدىيالايمەن؟ مۈرەم ئاغرىپ، ھالسىراپلا كېتىمەن!» دەيدۇ شياۋچۈن مۇخبىرغا. شياۋچۈننىڭ ئۆيى ئالتىنچى قەۋەتتە، بىنا پەلەمپىيىدىن چۈشۈپ چىققاندا كۆتۈرمەي بولمايدۇ-دە. ئەتىگەندىغۇ ئاتا-ئانىسى ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن پەسكە ئەچۈشۈپ بېرىدۇ، چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن يانغاندا يەنە ئۆزىگە تايانماي باشقا چارە يوق، ئۇنىڭ بۇدرۇققىنە قوللىرى قىزىرىپ ئىششىپ كېتىدۇ، ھېرىپ-چارچىغىنىغا قارىماي بىر قەدەم-بىرقەدەمدىن پەلەمپەيگە يامىشىدۇ. شياۋچۈن سىنىپىدىكى 40 نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈچتىن بىرى چاقلىق بوغچا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
  
  تاپشۇرۇقنىڭ بېسىمى بوغچىدىنمۇ ئېغىر
  
  شياۋچۈن ئەتىگەندە سائەت ئالتە يېرىمدا ئورنىدىن تۇرۇپ، يەتتە يېرىمغىچە مەكتەپكە يېتىپ بارىدۇ. سىنىپىدىن تاللانغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە 40 مىنۇتلۇق (سائەت يەتتە يېرىمدىن سەككىزدىن 10 مىنۇت ئۆتكىچە) ئولىمپىك ماتېماتىكىسى دەرسىگە قاتنىشىدۇ. دەرستىن مۇئەللىم تاپشۇرۇق بېرىدۇ، تۈگىمەس مەشىق سوئاللىرىنى قېتىرقىنىپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.شياۋچۈننىڭ ئاپىسى مۇنداق دەيدۇ: بالام مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئازراق بىر نەرسە يېۋىلىپلا تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كىرىشىدۇ. تاماق تەييار بولغاندا ھاپىلا-شاپىلا يەيدۇ-دە، يەنە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كىرىشىدۇ. بەزىدە بەك چارچاپ كەتسە ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ ئازراق مۈگىدىۋېلىپ يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ.
  
  قارىماققا تاپشۇرۇق بالىلارنى باش كۆتۈرگۈزمەيۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىمتىھان بالىلارنى شۇنداق قىلىشقا قىستىماقتا. مەكتەپ ئوقۇتقۇچىنى باھالىدى، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بېسىم قىلدى، ئوقۇغۇچى ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىسە ئاتا-ئانىلارمۇ كېلىپ مەكتەپنى ئىزدىدى. نەتىجىدە كىتاب بارغانسېرى جىقلاپ، بوغچا بارغانسېرى ئېغىرلىدى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ باردى، ئىمتىھان نەتىجىسى بۇلارنى باھالاشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلىندى. شياۋچۈن «ئىمتىھان ھەممىدىن مۇھىم، دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى كۆرۈشكە پەقەتلا ۋاقىت چىقىرالمايمەن» دەيدۇ.

   شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى شياۋچۈننى ئازراق ئارامغا چىقتىمۇ دەيلى، لېكىن بۇمۇ چەكلىك، نۇرغۇن تەكرار سىنىپلىرى ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئولىمپىك ماتېماتىكىسى، پىيانىنو، مۇزىكا نەزەرىيەسى ۋە كامبىرچ ئىنگلىز تىلىدىن ئىبارەت تۆت تەكرار سىنىپىغا تىزىملاتقان. بەزى سىنىپلارنى شياۋچۈن ئەسلا ياقتۇرمايدۇ.بالا قىزىقىدىغان سىنىپقىلا تىزىملاتساق بولمامدۇ؟
  
  «ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ»،-- دەيدۇ ئاتا-ئانىلار،-- «باشلانغۇچ مەكتەپتىن تۇلۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشتا ئىنگلىز تىلى نەتىجىسىگە قارايدۇ. ئولىمپىك ماتېماتىكىسىنى ئۆگەنسە نومۇر قوشۇلىدۇ، سىنىپتىكى بالىلارنىڭ يېرىمى ئوقۇۋاتسا. نومۇر قوشۇشنى دېمەيلا قويايلى، ئولىمپىك ماتېماتىكىسىنى ئۆگەنسە ئادەتتىكى ماتېماتىكا سوئاللىرىنى ئىشلەشكە زور پايدىسى بار، بۇ خۇددى پۇتىغا قۇم خالتا تېڭىپ يۈگۈرۈپ مەشىق قىلغانلار قۇم خالتىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن تېخىمۇ تېز يۈگرەيدىغان بولۇپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ، ئۆگەنمىسە قانداق بولىدۇ؟!»
  
  پۇتىغا قۇم خالتا تېڭىپ يۈگۈرۈپ مەشىق قىلغانلار قۇم خالتىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن تېخىمۇ تېز يۈگرەيدۇ، لېكىن قۇم خالتا بەك ئېغىر بولۇپ كەتسىچۇ؟ يۈگرىيەلەمدۇ؟ يۈكى بەك ئېغىر بولۇپ كەتسە بالىلىرىمىز ھالىدىن كەتمەمدۇ؟ يەنە قەددىنى رۇسلىيالامدۇ؟

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش [ 2011-11-29 17:21:15 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ماتىماتىكىلىق فورمۇلا تەھرىرلىگۇچ (数学公式编辑器) V6 [ 2011-11-27 22:17:28 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] 几何画板 V5.0 最强中文版گىئومىتىرىيە دوسكىسى [ 2011-11-27 22:14:17 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] باشلانغۇچ ماتىماتىكا مەشىقچىسى 小学数学练习机 V35.0 [ 2011-11-27 22:09:46 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات، [ 2011-11-27 22:05:05 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ياپونىيەدىكى ئوقۇغۇچىلىرى قۇياشنىڭ قاياقتىن چىقى [ 2011-11-27 22:02:50 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلاردىمۇ خامۇشلۇق كېسىلى كۆرۈلىدۇ [ 2011-11-27 21:56:10 ]
[تارىخى بىلىملەر] كېيىنكى كۆك تۇرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ تارى [ 2011-11-27 21:52:54 ]
[تارىخى بىلىملەر] 893 -يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇقلار بىلەن قىلغان جە [ 2011-11-27 21:47:27 ]
[تارىخى بىلىملەر] قەدىمىي بۇددىزم ماكانى- كۇچانىڭ ئىسلامىلىشى توغرى [ 2011-11-27 21:42:14 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر