ئۈرۈمچىدە دۆلەت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مەكتەپ ئاپتوبۇسى
يوق دېيەرلىك بولۇپ چىقتى شىنجاڭنىڭ مائارىپ سىستېمىسى قانات يايدۇرغان مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى كىشىنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى. يەنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە دۆلەت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولۇپ چىقتى. 16-نويابىر ئالاھىدە زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى جىددىي تەلەپ قىلدى. شىنجاڭنىڭ مائارىپ سىستېمىسى قانات يايدۇرغان مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى كىشىنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى. يەنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە دۆلەت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولۇپ چىقتى. تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۈرۈمچى ياشلار كوچىسى رىيۆشىنگۇاڭ يەسلىسى، بەخت گۈللۈكى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى جېدېباۋ يەسلىسىنىڭ جىنبېي ماركىلىق مىنىبۇسنى مەكتەپ ئاپتوبۇسى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى، مىنىبۇسقا ئۆلچەملىك مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بەلگىسى ۋە تاختىسى ئورنىتىلمىغانلىقى، ئورۇندۇققىمۇ بىخەتەرلىك تاسمىسى سەپلەنمىگەنلىكى بايقالدى. مائارىپ تارماقلىرى بۇ ئىككى يەسلىگە تەرتىپكە سېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى، رىيۆشىنگۇاڭ يەسلىسىنىڭ مەسئۇلى لى شاۋيۈ مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ رەڭگى، بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۈرۈمچى شەھىرى چاڭلېيۈەن قوش تىللىق يەسلىسى 2005-يىلى جىن لوڭ ماركىلىق ئاپتوبۇسنى سېتىۋېلىپ مەكتەپ ئاپتوبۇسى قىلغان، ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىگە ھاۋا تەڭشىگۈچ سەپلەنگەن، ئۇرۇقدۇقلارغىمۇ بىخەتەرلىك تاسمىسى ئورنىتىلغان بولسىمۇ، دۆلىتىمىز يولغا قويغان «باشلانغۇچ مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا مەخسۇس ئۆلچىمى»دىن خېلىلا يىراق ئىدى. دۆلىتىمىزنىڭ «باشلانغۇچ مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا مەخسۇس ئۆلچىمى»دە ئېنىق قىلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ رەڭگى سېرىق بولۇش، ھەربىر ئورۇندۇققا بىخەتەرلىك تاسمىسى سەپلىنىشى، قارا قۇتا ئورنىتىلىشى، جىددىي ئىشىكتىن ئاز دېگەندە ئىككىسى بولۇشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن ئۈرۈمچىدە ھەتتە پۈتۈن شىنجاڭدا، ئۆلچەمگە يېتىدىغان مەكتەپ ئاپتوبۇسى يوق دېيەرلىك بولۇپ چىقتى. چاڭلېيۈەن يەسلىسىنىڭ مەسئۇلى ليۇ فاڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر مەكتەپلەر ئاساسەن كىچىك مىنىبۇسنى مەكتەپ ئاپتوبۇسى قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ، مەكتەپ ئاپتوبۇسىنى باشقۇرۇش كۈچى ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش دەل جايىدا بولمايۋاتىدۇ. شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى توڭ جىمىن مۇنداق دېدى: بىز يەسلىلەرنىڭ تېزدىن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشنى تەلەپ قىلدۇق، قاتناش باشقۇرۇش تاماقلىرى بىز بىلەن ماسلىشىپ، دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرىنى تەرتىپكە سالىدۇ، تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىگەن مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرى ئىشلىتىشتىن توختىتىلىپ، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە چوقۇم كاپالەت قىلىنىدۇ. ئۇلار بۇ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
|