ئوقۇتقۇچىلار دۇچ كىلىۋاتقان بېسىملارنى بىلەمسىز؟
ئوقۇتقۇچىلار ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلالسا بولدى ،ۋاقىت توشوپ كەتسە ئالدىرغىنچە بالىلىرىنى چوڭ ئۆيگە ياكى يەسلىگە ئاپىرىپ ئالدىراپ-تىنىپ مەكتەپكە كىلىپ يوقلىمىغا قاتنىشىپ كۇندىكى دەرس سېتكىسى بويىچە دەسكە بىر قېتىم تەييارلىق قىلىپ دەرسكە كىرىپ ،چۇشتىكى ئازغىنا ۋاقىتتا ھاپلا-شاپلا چۇشلۇك تاماق يەپ يەنە خىزمەتكە كىتىۋاتقان بىر ھەپتىدە بەش كۇن ئوخشاش رېتىم،ئوخشاش يول،ئوخشاش يوقلىما بۇ ھىچقانداق بىلىنمىگەن بىلەن تۇرغۇنلۇق ھالەتتىكى توختام ھالەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىنى قېرىتىپ ،ئىجادى كۇچىنى ۋە قىزغىنلىغىنى يوقۇتۇپ دائىم ھېرىيدىغان،بىر نەرسىلەردىن بىزار بولىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۇرىدۇ. مەسئولىيەت بېسىمى ئوقۇتقۇچى ھەر قانچە ئۆزىنى تاتقان بىلەنمۇ ،ھەرقانچە دۆت بولغان بىلەنمۇ بۇ كەسىپ بىلەن شوغۇللانغان ئىكەن ئامالسىز ھالدا ئۆزى تۇيۇپ-تۇيماي ئەۋلادلارغا مەسئول بولۇش بېسىمىغا دۇچ كىلىدۇ.ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنمەيۋاتقان،تىرىشمايۋاتقان ھەتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئازاپنى شەكىللەندۇرىدۇ،بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەۋلادلارغا بولغان مەسئوليەت بېسىمى بولۇپ ئاتا-ئانىنىڭ مەسئولىيىتىدىنمۇ مۇقەددەس ۋە سۆيۇملۇك بولىدۇ. ئىقتىساد بېسىمى ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇئاشىدىن باشقا ھىچقانداق كىرىم مەنبەسى بولمىغاچقا جەميەتتە ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ بىچارە كىشىلەردۇر.ئوقۇغۇچلىرىنىڭ كىيىم پۇلىنى تۆلەۋاتقان،كىتاپ پۇلىنى تۆلەۋاتقان ،مەكتەپ ئىئانە دەپ تۇتىۋاتقان ،توي-تۆكۇن- نەزىر چىراق كۇندە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇچرەت تۇرىۋاتقان،ئائىلىسىنى باقمىسا تېخى ،ئۆي پۇلى،پار پۇلى،توك پۇلى،سۇ پۇلى..... قاتارلىق شەكلى ئۆزگەرگەن باج-سېلىقلار ئۆچرەتتە تۇرىۋاتقان ئاي ئاخىرىدا قولىدا بىر نەچچە يۇەنلا ئېشىپ قالغان ياكى قىزىل رەقەم خۇددى قىزىل چىراقتەك ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇۋاتقان بولغاچقا ئىقتىساد بېسىمى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىنى سۇندۇردىغان يەنە بىر كۆرۇنمەس بىر روھى بېسىم ،ھەي بىچارە ئوقۇتقۇچىلار . باشلىق كىلىدۇ ؟ بېسىمى باشلىق كەلگىدەك ؟! دەرھال دەرس توختاپ تازلىققا كىرىشىپ كىتىمىز ،ئىشىك-دىرىزىلەرنى قايتا-قايتا سۇرتۇپ،مەكتەپ ئىچىنى خۇددى جۇڭگۇنىڭ جانان چىنىسىدەك پاقىرتىپ تاشلايمىز ،پىلان-خۇلاسە،دەرس تەييارلىغى،تاپشۇرۇق،قاتارلىقلارنىڭ كىچىچە ئىشلەپ تۇگىتىمىز ،باشلىق كىلىش ئالدىدا مەكتەپ ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ،بۇ كۇندە ئوقۇغۇچىلار تا باشلىق كىتىپتۇ دىگەن خەۋەر كەلگىچە تازلىق قىلىدۇ،دەرس بەزىدە بىركۇن توختاپ قالىدۇ،ئوقۇتقۇچىلار باشلىق قاچان كىلىدىكىن دەپ تىت-تىت ۋە دەككە-دۇككىدە بىركۇن بىسەرەمجان ئۆتىدۇ ،باشلىق مەكتەپكە كىرمىگىدەك دىگەن خەۋەر كەلگەندىن كىيىن ئاندىن نورمال دەرس باشلىندۇ. ئىمتىھان بېسىمى ئوقۇتقۇچىلار بىر مەۋسۇم جاپالىق خىزمەت قىلىش نەتىجىسىدە مەۋسۇم ئاخىرىدا نەتىجە ئىلان قىلىدۇ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇرى ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت سۇپەت كۆرسەتكۇچى بولغاچقا نومۇر تۇۋەن چىقىپ قالسا شۇ ئوقۇتقۇچىنى نەس باسقىنى باسقان .مەكتەپ بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىقتىدارسىزلىغىنى بىلىپ ئۇنىڭغا جەرىمانە قويغاننى ئاز دەپ ئۇنى دەرسخاندىن چىكىندۇرۇپ ،ئۇنى دەرس مۇنبىرىگە ئاسانلىقچە يېققىىن كەلتۇرمەيدۇ،بىر قىسىم ئىقتىدارسىز ئوقۇتقۇچىلار تۇرلۇك ھىيلە-نەيرەڭلەر بىلەن نەتىجىسىنى يوقىرى كۆتىرىپ شەھەر،ۋىلايەت ۋە ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك ئىلغار ئوقۇتقۇچى بولۇپ سايلىندۇ،لېكىن ھالال خىزمەت قىلغان ،ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلار بولسا بۇنداق تەلەيگە ئاسان نېسىپ بولمايدۇ. سىزچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى قانداقراق ئىكەن؟ ؟؟؟؟
|