يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوق
شىنخۇا تورى ئوبزورى: يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمەن بولۇش
ھوقۇقىغا ئېرىشسە بولامدۇ-قانداق؟
يېقىندا ئېچىلغان گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى ، ھەمدە « مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر » نى ماقۇللاپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭپۇڭ مائارىپنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ، نىشاننى كۆرسىتىپ بەردى .
دۆلىتىمىز كۆپ يىللىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ، 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇردى . بۇ بىر تۈرلۈك ئۇلۇغۋار مۇۋەپپەقىيەت . ھالبۇكى ، ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدا مائارىپنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىقتەك مەسىلىلەرمۇ نىسبەتەن گەۋدىلىك بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ شەھەرلەرگە مەركەزلىشىپ قېلىشىغا ئوخشاش ھادىسىلەر ، جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى .
شەھەر-يېزا مائارىپىدا پەرىقلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى ، مائارىپ بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىشى تەڭپۇڭ ئەمەس. شەھەرلەردە ھۆكۈمەت مالىيەسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى نىسبەتەن كۈچلۈك بولۇپ ، مائارىپ ساھەسىگە تېخىمۇ كۆپ ئادەم ، مالىيە قاتارلىق بايلىقلارنى سېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە . يېزىلاردا ، چەكلىك بولغان مالىيە بايلىقىنى ئىنچىكە ھېسابلاپ ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارغا ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەچكە ، يېزا مائارىپى ئىلگىرىلىشى ساسلىققا ئايلىنىپ قالغان .
بەختكە يارىشا ، شەھەر-يېزا مائارىپى تەرەققىياتىنى تەكشىلەشتۈرۈش مەركەزنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغاپ ، شەھەر بىلەن يېزا مائارىپىنىڭ پەرقىنى تارايتىش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى . ئەمما قانداق قىلىپ يېزا بىلەن شەھەر مائارىپىنىڭ پەرق مەسىلىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارايتىشنى كونكرېتلاشتۇرغاندا ، مېنىڭ قارىشىمچە ، ئاچقۇچ يېزا مائارىپىنى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىشتا .
بىر جەھەتتىن مائارىپنى يۈلەش بايلىقى ، ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسلىھە-ئۈسكىنىلىرى ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى-ئىقتىساس ئىگىلىرى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى جەھەتتە ، ئالاقىدار تارماقلار ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، مۇكاپاتلاش ۋە تولۇقلىما ياردەم بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەردىن پايدىلىنىپ ، يېزا رايونلىرىغا مايىللىشىش ، يېزا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەپ كۆرسە بولىدۇ . يەنە بىر جەھەتتىن ، ھازىر بار بولغان مائارىپ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش ۋە يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ، بولۇپمۇ يېزا مائارىپىنىڭ « يۇمشاق دېتال » سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەرلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار كۈچىنىڭ تارقىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئوقۇتقۇچىلار كۈچىنى قەرەللىك ھالدا ئالماشتۇرۇپ ، تارقىتىش ، ياردەم بېرىش ، يېتەكلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى يېڭىلاشقا ياردەم بېرىپ ، ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك .
ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە خەلق ئارىسىدىكى مائارىپ بايلىقىنى بېرىكتۈرۈپ ، مائارىپ بايلىقى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىنىپ كۆرۈپ ، بىر تۇتاش تەقسىملەشكە بولىدۇ . مۇكەممەل بولغان مائارىپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش لايىھەسى ئارقىلىق خەلق ئارىسىدىكى ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپىنى يېزا مائارىپىغا داۋاملىق دىققەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ، خەلق ئارىسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى يېزا مائارىپ ئىشلىرىنى ئاسانلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشقا يۈزلەندۈرۈپ ، يېزا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۈرۈشتىكى كۈچلۈك تولۇقلىمىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
()
«يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوق»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر  | 
	||||||||
| 
		 | 
		
		 | 
	   
		 | 
		
		 | 
		
		 | 
		
		 | 
		
		 | 
		
		 | 
		
		 | 
	
كىيىنكى ئەسەر:‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا مائارىپىنىڭ ن
- . مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئوقۇغۇچى
 - . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
 - . تاپشۇرۇق كۆپ،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن
 - . ‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ي
 - . خەت چېكىش شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى توختا
 - . ‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا ما
 - . يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمە
 - . يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا
 - . يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس
 - . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
 - . مائارىپنىڭ ئادىللىقىدىن ھەر بىر بالىنى
 - . مىجەز يوقلۇقمۇ ياكى ھۇرۇنلۇقمۇ؟
 - . ئوقۇش تارىخى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقتىدارى بىل
 - . ئامېرىكىلىقلارنىڭ تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا
 - . گوۋۇيۈەن مائارىپ نازارەتچىلىك كومىتېتى
 - . ‹‹نۇقتىلىق سىنىپ››نىڭ ئالاھىدىلىكى
 
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
 - 
					
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
 
- . مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئوقۇغۇچى
 - . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
 - . تاپشۇرۇق كۆپ،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن
 - . ‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ي
 - . خەت چېكىش شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى توختا
 - . ‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا ما
 - . يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمە
 - . يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا
 - . يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس
 - . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
 
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
 - . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
 - . گېرمانىيەنىڭ كەسپىي مائارىپى
 - . 125ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك
 - . مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي
 - . قوش تىل ئوقۇتۇشى نېمىگە مۇھتاج؟
 - . بالىلاردىكى بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچ
 - . مائارىپ مەنزىلىدىكى گۈگۈم تەشۋىشلىرى ۋ
 - . بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ
 - . يېڭى دەرس ئۆلچىمى 9-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ
 
- . ئىسىت،سەنمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ مىللەتنىڭ دۇشم
 - . «قوش تىل ئوقۇتۇشى»مۇ ياكى «قوش تىل
 - . ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟
 - . مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئې
 - . مۇئەللىم....... ئاڭلاپ بىقىڭ؟
 - . پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش ئۆزىمىز
 - . يېڭى دەرس ئۆلچىمى 9-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ
 - . يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەشتۈرۈشنىڭ پا
 - . ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇر
 - . لاياقەتلىك سىنىپ مودىرى بولۇشنىڭ
 

