| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

قوش تىل ئوقۇتۇشى نېمىگە مۇھتاج؟

ۋاقىت : 2012-09-03 23:16 | مەنبەسى : | ەمىنلىگۇچى : يۇمران77 | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

قوش تىل ئوقۇتۇشى نېمىگە مۇھتاج؟
مەن بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى.قوش تىل ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپلا،مېنىڭ قوش تىل ھەققىدىكى ئوي-خىياللىرىم،تەشۋىشلىرىم ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق.پارتىيىمىزنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىنى يولغا قويغىنى،بالىلىرىمىزنى تىلدىن ئىبارەت بۇ قورالدىن پايدىلىنىپ،تېىىمۇ ئەتىراپلىق بىلىم ئېگەللىسۇن دېگىنى ئىنتايىن ياخشى ئىش.بىراق،بىزنىڭ بەزى چەت يەرلەردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى،بولۇپمۇ مەكتەپ مودىرلىرى قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ زادى نېمىلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باققىنى يوق.يەنە كېلىپ،قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ كاللىسىدىمۇ قوش تىل ئوقۇتۇشى ھەققىدە ئىنىق بىر ئۇقۇم يوق.موشۇ سەۋەبلىىك بىر قىسىم چەت رايۇنلاردىكى مەكتەپلەردە،ئادەم ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ ئۇيۇلىدىغان،ئاڭلىغان ئادەمنى بەكلا ئېچىندۇرىۋېتىدىغان باشقىچىلا بىر ھالەت مەيدانغا كېلىپ قالدى.
1-مىسال؛مەكتەپ مودىرى بىلەن مەن مەلۇم بىر قوشتىل ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ماتىماتىكا دەرسىنى ئاڭلىغىلى سىنىپقا كىردۇق.دەرس ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئاز ھودۇقۇشى ئىچىدە باشلاندى.سىنىپتا ئوتتۇز نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار ئەھۋال ئاستىدا،ئوقۇتقۇچى باشتىن ئاياق دەرس مەزمۇنىنى خەنزۇ تىلىدا سۆزلەپ چىقتى.بالىلار ئۇياقتا تۇرسۇن،مەنمۇ بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ زادى نېمە مەزمۇننى يەتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمىدىم.دەرستىن كېيىن،مەكتەپ مودىرى بۇ ئوقۇتقۇچىنى ئىشخانىدىكى ئوندەك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىدا ئالاھىدە ماختاپ ‹‹بۇ ئوقۇتقۇچى ھەقىقەتەن ياخشىكەن،باشقا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس سۆزلىگەندە ئۇيغۇرچىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيدۇ.باشقا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ ئوقۇتقۇچىدىن ئۈگىنىشى كېرەك.››دېدى.
2-مىسال:تەتىل مەزگىلىدىكى مەلۇم بىر كۈنى مەكتەپ مودىرى ماڭا تېلىفۇن قىلىپ،ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ مەكتىۋىمىزنى كۆزدىن كەچۇرگىلى كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.مەن مەكتەپكە كەلدىم.رەھبەرلەر كەلدى.بۇلارغا ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى،مائارىپقا مەسئول خەنزۇ مۇئاۋېن ھاكىم باشچىلىق قىلىپ كەپتۇ.مەكتەپتىكى سىنىپلارنى كۆزدىن كەچۇرىۋېتىپ،مەكتەپ مودىرىدىن خۇنخېبەن(نېمە دەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلمىدىم)بارمۇ دەپ سورىدى.مەكتەپ مودىرى يوقلىقىنى ئېيىتتى.بۇ ھاكىم شۇ ئان مەكتەپ مودىرىغا 1-يىللىقتىكى ئۇيغۇر،خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى بىرلەشتۇرۇپ ئوقۇتۇش ھەققىدە تەكلىپ بېرىپ،تەكشۇرۇشنى تۈگىتىپ قايىتتى.ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە،مەكتەپ مودىرى مەن ۋە بىر قانچە ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرىنى چاقىرىپ،ئۇيغۇر،خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى بىرلەشتۇرۇپ،بىر سىنىپ ئېچىش توغرىسىدىكى لايىھەنى دەرھال تۈزۈپ ،ئاتا-ئانىلاردىن پىكىر ئىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئورۇنلاشتۇردى.بۇنداق قىلىشقا 95پىرسەنت ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار قارشى تۇرغان بولسىمۇ،مەكتەپ مودىرى موشۇ سىنىپنى ئاچمىسا ھاكىم ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىۋاتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ،ئۆز بېشىدىن قورقۇپ،بۇ سىنىپنى ئاچتى.سىنىپ ئېچىلسىغۇ مەيلى،ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى،مەكتەپ مودىرى ۋە ئىلمىي مودىر بۇ سىنىپنىڭ دىرسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا،مۇئاپىق بىر ئۇسۇل تاپالماي،ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىدىن ئىككىنى،خەنزۇ ئوقۇتقۇچىدىن ئىككىنى دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.بۇ سىنىپتا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىدىن 32نەپەر،خەنزۇ ئوقۇغۇچىدىن 9نەپەر بولغاننىڭ ئۈستىگە،دەرسلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتىلىدىغان دەرسلىكلەر بولۇپ،ماتىماتىكا دەرسىنى خەنزۇ ئوقۇتقۇچى بىر سائەت خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈپ چىقىدۇ.كېيىنكى سائەتتە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى كىرىپ تەرجىمە قىلىپ بىر سائەت ماتىماتىكا دەرسى ئۆتىدۇ.ئەدەبىيات دەرسىمۇ شۇنداق ھالەتتە ئىككى سائەت ئۆتىلىدۇ.ئانا تىل دەرسى(ئېلىببە) ھەپتىسىگە ئىككى سائەت ئۆتۇلىدۇ.موشۇنداق ئادەم ۋە ۋاقىت ئىسراپچىقى تا ھازىرغىچە شۇنداق داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.
3-مىسال:قوش تىل ئوقۇتۇشىنى باشتىن كەچۇرگىلى تۆت يىل بولغان بىر سىنىپتا ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى.يىغىندا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاساسلىق پىكرى قوش تىل ئوقۇتۇشىدا بولدى.مەكتەپ مودىرى قوش تىل ئوقۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۇرىۋاتقاندا،بىر دادا قىزىنى مەكتەپ رەھبەرلىرى ئولتۇرغان يەرگە باشلاپ كېلىپ،خەنزۇ تىل ئەدەبىياتى دېگەن دەرسلىكتىن بىر تېكىسىتنى نەق مەيداندىلا قىزىغا ئوقۇتتى.قىزى تېكىستنى شارىلداپ ئوقۇپ بەردى.مەكتەپ مودىرىنىڭ چېھرىدە كۆرەڭلىك گەۋدىلەندى.بىراق،دادا قىزىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇشقا بۇيرۇدى.قىز يەنە شۇ ئابزاسنى شارىلداپ ئوقۇۋاتقاندا دادا قىزنى تۇختۇتۇپ،ئىككى جۈملە تۆۋەندىكى قۇرلارنى ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.قىز شۇ ئان توختاپلا قالدى.ئەتىراپتىكىلەر داۋاملىق ئوقۇشقا شۇنچە دەۋەت قىلغان بولسمۇ،قىز پەقەتلا ئوقۇيالمىدى.
4-مىسال:-يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر بالىنىڭ دادىسى مېنى ئىزدەپ كەپتۇ.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئۆز تىلىدا ساۋادى يوقكەن.مەن بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي،سىنىپقا كىرىپ ،بالىلاردىن بىر ۋاراق قەغەزگە ئىسىم-فامىلىسىنى يېزىشنى بۇيرۇدۇم.مىڭ ئەپسىۇس،24نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچىدىن 4نەپىرىلا ئۆز ئىسىم-فامىلىسىنى تولۇق ۋە توغرا يېزىپ بېرەلىدى.مەن يەنە بىر ئابزاس تېكىستنى ئوقۇتۇپ كۆردۇم.يەنە شۇ 4نەپىرىلا ئوقۇپ بېرەلىدى.
تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن،كونىلارنىڭ ‹‹يىلدىن يىل بەتتەر،ئادەمدىن ئادەم بەتتەر››دېگىنىمۇ بەرھەق راستكەن.ئىلگىركى ئوقۇتۇش شارائىتى،ئوقۇتۇش ئۇسۇلى شۇنداق قالاق زامانلاردا يېتىشىپ چىققانلار نېمىدېگەن قالتىس ئادەملەر-ھە.مەكتەپ باشقۇرۇش،ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلىش ۋە باشقا جەھەتلەردە،شۇنداق ياخشى نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۇرۇپتىكەن.ھازىرقىدەك ئوقۇتۇش شارائىتى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى زامانىۋىلاشقان ھالەتتە مەكتەپ باشقۇرۇۋاتقانلار ئوقۇتۇش ھەققىدە ھەرقانچە كۈچىسىمۇ مەكتەپ باشقۇرغاندىن كېيىن ئوقۇتۇش سۈپىتى بىراقلا تۆۋەنلەپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمى ئىشىپ كەتكەندىن باشقا ھېچقانداق نەتىجە يارىتالمايۋاتىدۇ.
مەن تۇرلۇك تىڭىرقاشلار ئىچىدە،قوش تىللىق ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان يىللىقلارنى ئۈچ ھەپتە ۋاقىت ئاجىرتىپ ئارلاپ چىقتىم.ئارلاپ چىقتىميۇ قوشتل ئوقۇتۇشىنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قالغان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا،مەكتەپ مودىرىغا،ئىلمىي مودىرغا مىڭ لەنەت ئوقۇدۇم.شۇ سىنىپلاردا ئوقۇتقۇچىلارغا قورقۇنۇش ۋە قىزىقىش ئىچىدە تەلمۇرۇپ تۇرغان جۇپ-جۇپ سەبىي كۆزلەرگە شۇنداق ئىچىم ئاغرىپ كەتتى.بۇ بىچارە مەسۈم بالىلار يا ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈك ساۋادى چىقماي،يا خەنزۇ تىلىدا تۈزۈك ئۈزۈپ چىقالماي،ئەبجەش ھالەتتىكى زامانىۋىي ساۋاتسىزلارغا ئايلىنىپ كېتىۋېتىپتۇ.
مەن ئەھۋال ئېگىلەپ بېقىش مەقسىتىدە قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سۆزلىشىپ باقتىم.ئۇلارنىڭ دېيىشىچە،ئۆزلىرى مىڭ كۈچىسىمۇ ئاتا-ئانىلىرى ماسلىشىپ بەرمىگەچكە موشۇنداق ھالەت شەكىللىنىپ قاپتۇمىش.ئىلمىي مودىر بىلەن سۆزلەشتىم.ئۇ مەكتەپ مودىرىنىڭ ئۆزىنى قوللاپ بەرمىگەنلىكىنى،شۇڭا كارى بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.ھەي بىچارە ئاتا-ئانىلار،سىلەر نېمىشقىمۇ دېھقان بولۇپ قالغانسىلەر؟نېمىشقىمۇ خەنزۇ تىلىنى بىلمەيدىغان دېھقان بولۇپ قالغانسىلەر؟سىلەرنىڭ موشۇ سەۋەنلىكىڭلار مەكتەپ مودىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن مۇستەسنا ھالدا باللىرىڭلارنىڭ كۆزى ئوچۇق قارىغۇ بولۇپ قىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىۋاتىدۇ.
بىزنىڭ بۇ قوش تىل ئوقۇتۇشىنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە باش قاتۇرىۋاتقان مودىرلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.ئەمما قوش تىل ئوقۇتۇشى ھەققىدىكى تىڭىرقاش ھەممە مەكتەپلەردىكى ئۇمۇميۇزلۇك ئەھۋال دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ.تىڭىرقاش ھالىتىدىكى تەربىيىدىن قانداق نەتىجە چىقماقچى؟بىزنىڭ مائارىپ ئىدارىلىرىمىز،مەكتەپ مودىرلىرىمىز زادى قانداق نەتىجىگە ئېرىشمەكچى؟
مەن خېلى ئۇزاق ئويلاندىم.ھەم ئويلاپمۇ بىر باشقا ئېلىپ چىقالمىدىم.بىزنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىمىز زادى نېمىگە موھتاج؟ئاشۇ سەبىي بالىلارنىڭ ئالدىدا مەسئولىيەت تۇيغۇسىغا ئېگە مەكتەپ مودىرلىرىغىمۇياكى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغىمۇ؟
مەن مەتبۇئات ۋە تورلاردىن جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەرنىڭ مائارىپىنى سېلىشتۇرغان نۇرغۇن ماقالىلارنى ئوقۇدۇم.بىزنىڭ مائارىپ ئەندىزىمىز مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر،بىزنىڭ ئىدارە باشلىقلىرىمىز،مەكتەپ مودىرلىرىمىز،ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئادەم بولغاندىن كېيىن،ئەلۋەتتە كېرەك ئۆز زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپە ھەققىدە ئويلىنىشى،ئىزدىنىشى،تەتقىق قىلىشى لازىم ئىدىغۇ؟بۇنداق كېتىۋەرسە،دۆلىتىمىزنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش سىياسىتىگە،ئاتا-ئانىلارغا قانداق يۇز كېلەلەيمىز؟
مەن بىر چۈش كۆرۇپتىمەن.چۈشۈمدە بىر تۇركۇم قوش تىل ئوقۇتۇش تەتقىقاتچىلىرى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يىغىن زالىدا قوش تىل ئوقۇتۇشىنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە موھاكىمە قىلىۋاتقۇدەك،ئىدارە باشلىقى ئۇلارغا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۈۋاتقۇدەك،مەكتەپ مودىرلىرى ئىدارە باشلىقى بىلەن تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەر ئىككىسگە ھەيرانلىق ،تىڭىرقاش نەزىرىدە قاراپ تۇرغۇدەك.تۇيۇقسىزلا يىغىن زالىدىكى ئېكراندا ئەلكۈيى تور بېكىتى ئېچىلىپ،ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدىكى لىكسىيىسى قويۇلۇپ،‹‹ئۆز باللىرىنى باشقا مىللەتنىڭ تەربىيلىشىگە ھاۋالە قىلغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ››دېگەن يېرىگە كەپتۇدەك.شۇ چاغدا،بىردىنلا قاپقارا بۇلۇتلار يىغىن زالىنىڭ ئۇستىگە ئەگىپ،چاقماقلار چېقىپ،يىغىن قاتناشچىلىرى تەرەپ-تەرەپكە قاچقۇدەك.بىر چاغلاردا ئويغانسام قارا تەرگە چۈمۈپ كېتىپتىمەن.چۈشۇمدىن ئەجەبلىنىپ تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم.كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بىر مۇراجىئەت قىلسام،قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ زادى نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ماڭا شۇلار دەپ بەرسە بولمامدۇ؟

()

ياخشى
(10)
90.9%
ناچار
(1)
9.1%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>