باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىياتكومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

تار دائېرىلىك تور ئېدارە- ئورگانلاردا كۆپ قوللىنىل

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-03 13:18 مەنبەسى: ئاپتورى: hayrat1111 كۆرۈلۈشى: قېتىم
تار دائېرىلىك تور ئېدارە- ئورگانلاردا كۆپ قوللىنىلىدۇ، دائىرىلىك تورنىڭ كاشىلىسىنى ئوڭشاشتا Ping بۇيرۇقىنىڭ رولى ئېنتايىن زور.
تەلەي +1

 

تار دائېرىلىك تور ئېدارە- ئورگانلاردا كۆپ قوللىنىلىدۇ، دائىرىلىك تورنىڭ كاشىلىسىنى ئوڭشاشتا Ping بۇيرۇقىنىڭ رولى ئېنتايىن زور.
تۆۋەندە Ping بۇيرۇقىنىڭ رولى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
Ping بۇيرۇقى ئادەتتە بىر تور تۈگۈنىدىن يەنە بىر تور تۈگۈنىگە بىر بۆلۈك ئۇچۇر يوللاپ، قايىتقان ئۇچۇرنىڭ سەرپ قىلغان ۋاقتى ھەم چوڭ- كىچىكلىگىگە ئاساسەن تورنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىپ جاۋاپ قايتۇرالىسا، بۇ تورنىڭ نورماللىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىپ جاۋاپ قايتۇرالمىسا، بۇھالدا ئىككى تور تۈگۈنى ئوتتۇرىسىدىكى تور ئالاقىسىنىڭ نورمال ئەمەسلىگىنى بىلدۈرىدۇ.
(24.19 KB)

Ping بۇيرۇقىنى ئادەتتە بېۋاستە 开始 دىكى 运行 غا كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلساقمۇ بولىدۇ، ياكى 运行 غا CMD (بۇ Command.com نىڭ قىسقارتىلمىسى) نى كىرگۈزۈپ مەۋھۇم DOS ھالىتىنى ئىجرا قىلىپ، ئاندىن Ping بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلساقمۇ بولىدۇ.
Ping بۇيرۇقى ئارقىلىق دائېرىلىك تورنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشتە، ئەڭ ئاۋۋال ئىشنى ئۆزىمىزنىڭ تور كارتىسىدىن باشلايمىز. كومپىيۇتېرىمىزنىڭ توركارتىسىنىڭ قوزغۇتۇش پروگراممىسىنى تەڭشىگەندىن كىيىن، Ping بۇيرۇقى ئارقىلىق، تور كارتىسىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىگىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا بولىدۇ. يەنى 127.0.0.1 گە (مۇشۇ 127 دىن باشلانغان دائېرىدىكى خالىغان نۇمۇرغا) Ping قىلىش ئارقىلىق تور كارتىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىۋالىمىز.
开始 دىن 运行 نى چېكىپ، CMD نى كىرگۈزگەندىن كىيىن، مەۋھۇم DOS ھالىتى ئىجرا بولىدۇ، ئاندىن بىز Ping 127.0.0.1 (بۇ يەردىكى 127 دىن باشلانغان IP ئادرىسى، تور كارتىسى زاۋۇتتىن چىققاندا بېكىتىۋەتكەن مۇقىم ئادرىس) نى كىرگۈزگەندىن كىيىن ئىجرا قىلساق، ئەۋەتكەن ئۇچۇرنىڭ قوبۇل قىلىشقا كەتكەن ۋاقتى ۋە چوڭلۇقى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى چىقىدۇ، بۇ تور كارتىسىنىڭ نورمال ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر Request timed out دىگەن خەت چىقسا، بۇ تور كارتىسىنىڭ نورمال ئەمەسلىگىنى بىلدۈرىدۇ.
تور كارتىمىزنىڭ نورماللىقىغا ھۆكۈم قىلىۋالغاندىن كىيىن، ئەمدە بىز ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتېرى بىلەن دائېرىلىك توردىكى باشقا بىر كومپىيۇتېر ئارىسىدا تورنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىمۇ يەنە
Ping بۇيرۇقىنى ئىشلىتىمىز. يەنى ئاۋۋال يەنە بىر كومپىيۇتېرنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرىۋەتكەندىن كىيىن، ئۆزىمىزنىڭ كومىپيۇتېرىدىن ئاشۇ كومپىيۇتېرغا Ping ئارقىلىق ئۇچۇر ئەۋەتىمىز، قايتىپ كەلگەن كەلمىگەنلىكىگە ئاساسەن ئىككى كومپىيۇتېر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىمىز. تور ئالاقىسى نورمال بولمىسا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە سىمى ۋە ئۇلاش تۈگۈنىنى تەكشۈرسەك بولىدۇ.
ئەگەر دائېرىلىك توردىكى كومپىيۇتېرلار سىرتقى تورغا (Internet قا) چىقالمىسا، ئۇ چاغدا شۇ تورغا چىقالمىغان كومىپيۇتېر ۋە تور تۈگۈنى (ياكى 默认网关) ئوتتۇرىسىدىكى تورنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى Ping بۇيرۇقى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ چىقساق بولىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا تور تۈگۈنىگە  (路由器) ئىشلىتىلىدۇ. بىز تورغا چىقمىغان كومپىيۇتېردىن 路由器 غا Ping بۇيرۇقى ئارقىلىق ئۇچۇر ئەۋەتىمىز. مەسىلەن: 路由器 نىڭ تور كىملىك نۇمۇرى 192.168.1.100 بولسا، بىز Ping 192.168.1.100 بۇيرۇقى ئارقىلىق 路由器 بىلەن كومپىيۇتېر ئارىسىدىكى تورنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىگىگە ھۆكۈم قىلىمىز.

ئەگەر
路由器 غا نورمال ئۇلىنىپ تۇرۇپمۇ تورغا چىقالمىسا، بىز ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق رايوننىڭ بەلگىلەنگەن DNS نۇمۇرىغا Ping قىلىپ باقساق بولىدۇ. ئەگەر DNS نۇمۇرىغا ئۇچۇر بارمىسا، ئۇچاغدا 路由器 بىلەن Modem نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تورنىڭ بېنورماللىقىنى كۆرسىتىدۇ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇلىنىشنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرسەك بولىدۇ.

يۇقارقىدەك بىر قاتار ئۇسۇللار ئارقىلىق دائېرىلىك تورنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، بۇ يەردە Ping بۇيرۇقىنىڭ رولى ناھايىتى زور.
ئەگەر
Ping بۇيرۇقىنىڭ باشقا ئىشلىتىلىشلىرىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز، 开始-- 运行 غا CMD نى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، ?/Ping دەپ باسسىڭىز بۇيرۇق پارامېتىرلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

Ping بۇيرۇقىنىڭ يەنە PathPing دەيدىغان بىر تۈرىمۇ بار، بۇنىڭ رولى: بەلگىلەنگەن IP ئادرىسىغا مەزكۇر كومپىيۇتېردىن چىققان ئۇچۇرنىڭ يېتىپ بېرىشتا بېسىپ ئۆتكەن يولىنى كۆرسىتىپ بېرىۇ، يەنى قانچە تور تۈگۈنىدىن ئۆتۈپ بەلگىلەنگەن ئادرىسقا بارغانلىقى، بۇ جەرياندا قانچىلىك ۋاقىت كەتكەنلىكى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مەسىلەن: بىز PathPing بۇيرۇقى ئارقىلىق كومپىيۇتېر بىلىملىرى تورىغا (يەنى www.uighurboy.com غا) ئۇچۇر ئەۋەتسەك، بۇ ئۇچۇرنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يولى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.

 
تەھىرلىگۇچى:admin

更多

hayrat1111نىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپىيۇتېر 10 ئىشتىن قورقىدۇ. بىر كۆرسىڭىز پۇشايمان [ 2012-09-03 13:34:58 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] ئىشلىتىشنى بىلىسىز؟ سىز قانچىنى F12 غىچە دىن F1 [ 2012-09-03 13:28:40 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپىيۇتېردا ئۇچرايدىغان مەسىلىلەرگە ئەپچىل ئۇسۇ [ 2012-09-03 13:26:10 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] تار دائېرىلىك تور ئېدارە- ئورگانلاردا كۆپ قوللىنىل [ 2012-09-03 13:18:50 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] سۈرەت ۋە ئاۋازنى ئايرىش دىتالى [ 2012-09-03 13:06:39 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] ۋاقىت بەلگىلەپ كومپىيۇتىر ئۆچۈرۈش يۇمتالى [ 2012-09-03 12:58:52 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
hayrat1111 تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-10 09:06 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-03-14 19:03
تەۋسىيەلەر