ئۆزىنى مەرىپەتكە بېغىشلىغان باغۋە
يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-08 12:36 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۆزىنى مەرىپەتكە بېغىشلىغان باغۋەنئەزىم سۇچەكوف مۆمىن سەپىرى جاھالەت پىرلىرى ۋە مۇستەبت ھاكىميەت ھۆكۈم سۈرگەن كونا جەمئىيەتتە ئۆز
ئۆزىنى مەرىپەتكە بېغىشلىغان باغۋەن–ئەزىم سۇچەكوف
مۆمىن سەپىرى
جاھالەت پىرلىرى ۋە مۇستەبت ھاكىميەت ھۆكۈم سۈرگەن كونا جەمئىيەتتە ئۆزىنى مىللىتىمىزنىڭ مەرىپەت ئىشلىرىغا، مەنىۋىي جەھەتتىن قەد كۆتۈرۈشىگە بېغىشلىغان ئەزىمەتلىرىمىز ئاز ئەمەس. پىشقەدەم مائارىپچى ئەزىم سۇچەكوف مىللتىمىزنى ئويغىتىش، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بىلىم نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە زالالەتتىن سائادەتكە چىقىرىش يولىدا پۈتۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلغان ئەنە ئاشۇنداق ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 1930–يىللارغا كەلگەندە ئىلىنىڭ مەدەنىي مائارىپ ئىشلىرى يەنە بىر قېتىم گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئەنە شۇ يىللاردا ناسۇھا ئىمىن، دوموللا رازىيوف، مەرۇپ سەئىدى، خەمىد سەئىدى، ئابدۇمۇتائالى خەلپەم، ئىمىنجان باھاۋۇدۇن، تېيىپزات خەلپەت، زەينەپ ئاپپاي، خەمىت ۋەكىلى، باھاۋۇدۇن خوجايوف قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر زاتلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىلى دىيارىنىڭ مەدەنىي مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. ئۇلارنى خەلقىمىز مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ.
ئەنە شۇلاردىن بىرى زامانىمىزغىچە ياشاپ كەلگەن پېشقەدەم مائارىپچى ئەزىم سۇچەكوفتۇر. ئۇ 1950–يىلى قازاقىستان ئۇيغۇر رايونىنىڭ دولاتا يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىر غۇلجا ناھىيە يۇقىرىقى پەنجىم ناھىيىسىدە ياشايدۇ. بۇ توپتوغرا 97 ياشقا كىردى. ئەزىم سۇچەكوف قازاقىستاندا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالماتۇدىكى تالغىر ئوتتورا مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. ئەينى يىللاردا ئۇنىڭ ۋۇجۇدى مەرىپەت ئىشقىدا يانغان بولۇپ: «مىللىتىمىزنىڭ روھىنى مەرىپەت نۇرى بىلەن يورۇتۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇيمەن! »دېگەن ئارزۇ قەلبىنى يالقۇنجاتقان ئىدى. شۇڭا ئۇ ھەرمىنۇت ۋاقىتنى ئالتۇنغا بەرگۈسىز بايلىق سۈپىتىدە قەدىرلەپ ئىجتىھاد بىلەن ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى. تولىمۇ ئەپسۇس، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئۇنىڭ ئوقۇشىنى بىر مەزگىل ئۈزۈپ قويۇشقا مەجبۇر قىلدى. كېيىنچە ئۇ ئائىلىسى بىلەن دولاتاغا كۆچۈپ كەلدى. ئەمما ئۇنىڭ ھۇجۇدىدىكى مەرىپەت ئىزلەش ئۈمىدى قىلچە سۇسلاشمىدى. ئۇ بىلىم ئېلىش ئۈچۈن 1927–يىلى ئائىلسىدىن ئايرىلىپ، ئالماتۇغا كېلىپ، ئالماتۇ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئۈچ يىل ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. 1930– يىلى ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆز يۇرتى دولاتاغا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەن ۋاقتى ئاتا–ئانىسىنىڭ شىنجاڭ دائىرىسىدىكى ئانا ماكانى سۇمۇل (چاپچال) ناھىيىسىنىڭ خۇنخاي يېزىسىغا كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان ۋاقتىغا توغرا كەلگەن ئىدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قىلچە مەيۇسلانمەيدۇ. ئەكسىچە، ئانا ماكانىغا كېلىپ ئىشلەش قىزغىنلىقى ئۇنى تولىمۇ خۇشاللاندۇرىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئىنىسى مەقسەت سۇچەكوف بىلەن خۇنخاي مازىرىغا قاراپ يول ئالىدۇ.
خۇنخاي مازىرى–ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ھازىرقى چاپچال ناھىيىسىنىڭ چوڭ بۇغرا يېزىسى يەنى دىلمۈك تېغى باغرىدىكى خۇنخاي غولىنىڭ يۇقىرىسىغا، غالجاتتىن چىقىدىغان «بۆدۆتە» دېگەن ساي سۈيىنىڭ قوشۇلۇش ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، غۇلجا شەھىرىگە 67كىلومېتىر، غالجاتقا 4كىلومېتىر كېلەتتى. بۇ يەرگە چاغاتاي ئوردىسىنىڭ ئولتۇردىشى (مەسلىھەتچى ۋەزىرى) بولغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى، شائىرى مەۋلانە يۈسۈپ ئابابەكرى سەككاكىنىڭ مەقبەرىسى جايلاشقانلىقتىن خۇنخاي (خۇنخار–قان تۆككۈچى) مازىرى دەپ ئاتالغان ئىكەن. بۇ يەردە ئەينى ۋاقىتلاردا 300 ئائىلىلىكتىن ئوشۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايتتى.
ئەزىم سۇچەكوفنىڭ خۇنخاي مازارغا كېلىشىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى، تارىخچىسى، مەرىپەتچىسى ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ خۇنخاي مازار مەكتىپىگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش تەكلىپىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇ بۇ يەرگە قەدەم بېسىشى بىلەن تەڭ ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ. ئەزىم ئەپەندى 1931–يىلى خۇنخاي مازار مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئورۇنلاشتى. بۇ مەكتەپ 1916–يىلى ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشكىللىشى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ بولۇپ، پەننىي ۋە دىنىي دەرىسلەر تەڭ ئۆتۈلەتتى. ئەزىم ئەپەندى ئۆز مىللىتىنىڭ مەرىپەت ئىشلىرىغا پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كەتتى. ئۇ ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئالاھىدە غەيرەت كۆرسەتكەنلىكى ۋە تۆھپە ياراتقانلىقى ئۈچۈن 1934–يىلى مەكتەپ تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ تەقدىرلەندى. مەكتەپ مۇدىرى ئىمىنجان باھاۋۇدۇن ئەزىم سۇچەكوفنىڭ بىلىم ئېلىش قىزغىنلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ ئۇنى 1934–يىلى 11–ئاينىڭ 14–كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەرەمباغ مەھەللىسىدىكى قىزىل كۆۋرۈك يېنىغا توغرا كېلىدىغان رۇس مەكتىپىدە ئۈچ ئاي بىلىم ئاشۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. كۇرسنىڭ مۇئەللىملىرى داموللا رازىيوف، مەرۇپ سەئىدى، خەمىت ۋەكىلى، خەمىت سەئىدى، رەشىدەم خانىم(بۇرھان شەھىدىنىڭ رەپىقىسى) قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئىدى. بۇ كۇرستا ئەزىم سۇچەكوف، يارمۇھەممەت مەخسۇم، سىدىق قەيسىرى، ئوسمان چوقۇر، مەمتىلى، زىيا سەمىدى، ئوسمان ئەيسا، ئابدۇرېھىم ئەيسا قاتارلىقلار بىللەن ئوقۇغانىدى.
ئۆتۈلگەن دەرىسلەر: تارىخ، دىن، ئانا تىل، ھېساب، تەبىئەت، جۇغراپىيە، تەلىم–تەربىيىلەردىن ئىبارەت بولغان. كۈرستىن كېيىن ئەزىم ئەپەندى خۇنخاي مازار مەكتىپىنىڭ رەسمىي مۇئەللىمى بولغان. 1934–يىلى 11–ئايدا مەكتەپ مۇدىرى ئىمىنجان باھاۋۇدۇن توققۇزتارا ناھىيە ھاكىمى نەزەرخان خوجىنىڭ كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئەزىم ئەپەندى مۇدىر بولۇپ تەيىنلەندى. ئۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ناھايىتى تېزلا خەلقنىڭ قوللىشىغا سازاۋەر بولدى. 1935–يىلى 9–ئايدا ئەزىم ئەپەندى يەنە بەيتۇللا مەدرىسىگە كېلىپ ئىلى ۋىلايىتى بويىچە ئېچىلغان ئۈچ ئايلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇيدۇ. بۇ كۇرسىدا قۇرئان سۈرىلىرى، تارىخ، ئاناتىل، تەبىئەت، ھېساب، جۇغراپىيە، تەنتەربىيە، شېئىر، سىياسەتتىن ئىبارەت 14 تۈرلۈك ساۋاقتىن دەرىس ئۆتۈلگەن بولۇپ، كۇرس مۇدىرلىقىنى تېيىپ ھاجى، مۇئەللىملىكنى زىيا سەمىدى، سابىروفلار ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقان ئىدى. كۈرس پۈتكەندىن كېيىن ئۇ يەنە يۇقىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بويىچە غۇلجا شەھىرى ئايدۆڭ مەكتىپىدە مۇئەللىم بولدى. ئەينى چاغدا ئايدۆڭ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ئىبراھىم بارات بولۇپ، مۇئەللىملىرى سىدىق قەيسىرى، تۇرسۇن دادىباي قاتارلىقلاردىن، خوجۇلۇق ھەيئەتلىرى بولسا مەۋلان ھاجى، سابىت جۈمەلەردىن تەشكىل قىلىنغانىدى.
ئەزىم ئەپەندى بۇ مەكتەپتە ئىككى يىل ئىشلىدى. بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغانلىقتىن ئىككى قېتىم »نەمۇنىلىك ئوقۇتقۇچى» بولۇپ تەقدىرلەندى. 1936–يىلى 9–ئايدا ئەزىم ئەپەندى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى ۋە تەستىقى بىلەن بەيتۇللا مەدرىسىنىڭ ئىچىدە قۇرۇلغان ئىلى ۋىلايەتلىك 4– باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولدى. ئۇ مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن ھاشىر ئەپەندى، شەمشى مۇھەممەتلەر مەكتەپ مۇدىرلىرى ئىدى.
مائارىپ سېپىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزىم سۇچەكوف 1937–يىلى 8–ئاينىڭ 27–كۈنى ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بويىچە سۈيدۈڭ نەمۇنە مەكتەپ ۋە خەيرىيە مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى ۋە يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا شەرتىسز بويسۇنۇپ يېڭى خىزمەت ئورنىدا ئىجادچانلىق بىلەن ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى. 1938–يىلى ئەزىم ئەپەندى ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ھۈسەيىن تارانۇفنىڭ ئۇقتۇرۇشى بويىچە سۈيدۈڭ ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارە باشلىقلىقىنى ئۆز زىممىسىگە ئالدى. ئۇ بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ھەم شەرەپلىكلىكىنى ھېس قىلىپ، ئالدى بىلەن ناھىيىنىڭ مائارىپ ئەھۋالى ۋە مەكتەپلەرنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىنى ۋە خەلقنىڭ تەلىپىنى تەپسىلىي ئىگىلەش ئۈچۈن ياسىن خۇدابەردىنىڭ ئاكىسى شاياخۇننىڭ ھەمراھلىقىدا مەكتەپلەرنى بىرمۇ–بىر تەكشۈرۈپ چىقتى. ناھىيىنىڭ ئەھۋالى ۋە خەلقنىڭ تەلىپى بويىچە يېڭىدىن سۈيدۈڭ يېڭىئاۋاتقا، بورىچىغا، سار بۇلاققا 2–3 سىنىپلىق مەكتەپ قۇرۇش ئىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە قالغان مەكتەپلەرنى تۈزەش، رەتلەش خىزمىتىگە ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلدى ۋە ئۆزى ھەيدەكچى بولۇپ ئىشلىدى. سۈيدۈڭ مەكتەپلىرىدە تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئىلغار پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان مەدەنىي تەلىم–تەربىيىنى كۈچەيتتى. 40 نەپەر ئۆسمۈرنى تاللاپ ھەربىي مەشىققە قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنى چەبدەس ۋە ماھىر»ئىزچى»لاردىن قىلىپ يېتىشتۇرۇپ چىقتى. بۇ ئىزچىلار كېيىن ھېيىت–بايراملاردا، جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى ناھايىتى ياخشى ساقلاپ، ھېيىت–بايرام كۈنلىرىدىكى كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشتى. ئۇ يەنە سۈيدۈڭ ناھىيىسىدىكى يېتىم بالىلارنى تىزىملاپ 30دەك بالىنى مائارىپ ئىدارىسى ئىگىدارچىلىقىدىكى ياتاقلىق مەكتەپكەپ ئورۇنلاشتۇردى ۋە بۇ بالىلارنى خاتىرجەم تەربىيىلىنىش شارائىتىغا ئىگە قىلدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ يېتىم بالىلاردىن خېلى كۆپ ياراملىق كىشلەر يېتىشىپ چىقىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىدى. بۇ بالىلار ئارىسىدىكى پاتەم دېگەن يېتىم قىز كېينكى چاغلاردا ناھيىنىڭ ھاكىمى بولدى.
–1940يىلى ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ قارارىغا بىنائەن ئەزىم ئەپەندى بورتالا ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە، قوشۇمچە مالىيە ئىشلىرى مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىپ بورتالا ناھىيىسىگە يۆتكەلدى (ئۇ چاغدا بورتالا، جىڭ، ئارىشاڭ ناھىيىلىرى ئىلى ۋىلايىتىگە قارايتتى). بۇ چاغدا غۇلجا بىلەن بورتالانىڭ قاتنىشى تولىمۇ قولايسىز بولۇپ، ئەزىم ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىدىكى يۈكمۇ ئېغىر ئىدى. ئۇ خەلق مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى »ۋىجدانىي بۇرچۇم» دەپ بىلگەچكە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ۋە باشقا توسالغۇلارنى بىر يولى يېڭىپ، بورتالاغ ئاتلىق ئۈچ كۈندە يېتىپ كەلدى. ئۇ بورتالاغا بارغاندىن كېيىن، ئاۋال ئىشنى ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا قاراشلىق مەكتەپلەرنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سېلىشتىن باشلىدى. كونا مەكتەپلەرنىڭ خەتەرلىك قۇرۇلۇشلىرىنى رېمونت قىلىش، ئىگىلىك ئىشلىرىنى قېلىپقا چۈشۈرۈش يوللىرى ئۈستىدە باش قاتتۇردى ۋە تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلدى. جەمئىيەت ۋە خەلق ئاممىسىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، يىراق يېزا–قىشلارغىچە مەكتەپ ئېچىپ، بورتالادا باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئوموملىشىشىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. 1942–يىلى 6–ئاينىڭ 20–كۈنىگە كەلگەندە ئەينى ۋاقىتتىكى غۇلجا شەھەرلىك 1–شۆبە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەكرەمخان خوجا، مائارىپ مۇدىرى نۇرى ۋە كاتىپ نىيازلار ئەزىم ئەپەندىنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى ۋە تۇرمۇش قولايسىزلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، بورتالادىن قايتۇرۇپ كېلىپ، غۇلجا شەھەرلىك شوقى مەكتەپكە (ئوت كەتكەن مەسجىد ئەتراپىدا(ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى ئۇيۇشما رەئىسى ئەخمەتجان روزى، مۇئاۋىنى ئابدۇرېھىم ھەسەنوفلارغا سۇندى. 1944–يىلى 8–ئايلاردا ئىلىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىدى. بۇنىڭ بىلەن 1944–، 1945–ئوقۇش يىلىدا ئۇرۇش سەۋەبىدىن مەكتەپلەر ئېچىلمىدى.
–1945يىلى 5–ئايدا سۇمۇل ناھىيىلىك باج ئىدارىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى نىزامىدىن، مەسئۇل كاتىپى تۇرغان ھاشىرلار كۆپچىلىكنىڭ ئەزىم سۇچەكوفنى بورتالادىن غۇلجىغا يۆتكەپ كېلىش تەكلىپىنى ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما رەئىسى ئەخمەتجان روزى، مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېھىم ھەسەنوفلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، غۇلجا شەھەرلىك شوقى مەكتەپكە رەسمىي ئوقۇتقۇچىلىققا يۆتكەپ كەلدى ۋە ئارقىدىنلا ئۇنى جۇڭگو سوۋېت ئىتتپاقى چېگرىسىدىكى خۇنخاي، دولاتا رايونلىرىنىڭ خارجى ئىشلار باج بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇ كاتىپى ئەرمىدىن بىلەن بۇ خىزمەتنى 1946–يىلى 7–ئايغىچە ئىشلىدى. شۇ چاغلاردا بۇ چېگرا بۆلىكىدە سۇمۇلدىكى چۆلەن(شىبە)، غۇلجا شەھىرىدىكى يۈسۈپ(ئۇيغۇر)، ئايۇپ(ئۇيغۇر)، داۋۇت(ئۇيغۇر) قاتارلىق چوڭ–كىچىك سودىگەرلەرنىڭ جانلىق مال، ئاشلىق ۋە خام ماللىرىنى چېگرىدىن چىقىرىپ، ئايرىۋاشلاش سودىسى بولۇپ تۇراتتى. 1946– يىلى 8–ئايدا ئەزىم ئەپەندى سۇمۇل(چاپچال) ناھىيە ھاكىمى پودپولكوۋنىك شۇمۇتۇڭ(شىبە)، مۇئاۋىن ھاكىم ھەنىپۇللام(ئۇيغۇر)، مائارىپ ئىدارە باشلىقى چۈنچى(شىبە)لارنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئاپپار (توغرىسى غاپپار بولۇپ،شىبە مىللىتى ‹غاپپار› سۆزىنى ئۆز شىۋىسى بويىچە ‹ئاپپار› دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن)غا يېڭىدىن بىنا قىلىنغان غاپپار دۆڭ مەھەللىسىدىكى «يېڭىئاۋات مەكتىپى»نى قۇرۇش، بالا تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى. ئۇ ئاتلىق پىيادە ئۆيمۇ–ئۆي قاتراپ يۈرۈپ، جاغىستاي ۋە تىۋىلغا مەھەللىسىدىكى دېھقانلارغا غاپپار دۆڭىدە ئولتۇراقلىشىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى سەۋرچانلىق بىلەن تەشۋىق قىلدى. ئاخىرى 30 دىن ئوشۇق ئائىلىنى كۆچۈپ كېلىشكە قايىل قىلىپ، ھازىرقى غاپپار دۆڭ مەھەللىسىنى بىنا قىلدى. ئۆز خىراجىتى بىلەن ئىككى ئېغىزلىق سىنىپ سالدۇرۇپ، بىر يىل ھەقسىز بالا ئوقۇتتى. ئەزىم ئەپەندىنىڭ يۇقىرىغا قايتا –قايتا تەكلىپ سۇنۇشى بىلەن 1947–يىلى ناھىيە تەرىپىدىن بىر ئوقۇتقۇچى، بىر تازىلىق ئىشچىسىغا ئىشتات ھەل قىلىپ بېرىلدى. 1948–، 1949–ئوقۇش يىلىغا كەلگەندە بۇ يەردە رەسمىي بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ۋۇجۇدقا كەلدى. بارا–بارا بۇ مەھەللە ئاۋاتلىشىپ، 70، 80چە ئائىلە جايلاشقان كۆجۈم مەھەللىگە ئايلاندى.
–1951يىلى ئەزىم ئەپەندى سۇمۇل ناھىيىسىدە ئېچىلغان سىياسەت، ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىغا قاتناشتى. كۇرس ئاخىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشتا ئەزىم ئەپەندى مائارىپچىلارنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىسى بويىچە «مۇنەۋۋەر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ تەقدىرلەندى. 1955–يىلى ئىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن غۇلجا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ كەلدى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۈسۈپ نەزەر، سىدىقجان، مەريەم قاتارلىق پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوشۇنىغا ئىنىسپىكتور بولۇپ قوشۇلدى.1956–يىلى غۇلجا ناھىيە ئىككىنچى رايونغا قاراشلىق يۇقىرى پەنجىم ئوتتورا مەكتپىنىڭ تەلىپى بويىچە پەنجىم ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، مۇئەللىم ، قوشۇمچە مالىيە، خوجۇلۇق ئىشلىرى مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىدى. ئەزىم ئەپەندى بۇ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ كۆرسەتمىلىك دەرس ئۆتۈشنى يولغا قويدى. مەكتەپنىڭ بىر ئېغىز ئۆيىنى مەخسۇس تەجرىبىخانا قىلىپ ئېچىپ تۈرلۈك تەجرىبە سايمانلىرىنى ئىمكانقەدەر تولۇقلاپ چىقتى. ئۆتۈلگەن دەرىسلەرگە بىرلەشتۈرۈپ تەجرىبە ئىشلەش، ئۈلگە كۆرسىتىشنى بوشاشتۇرماي ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. مەسىلەن: جۇغراپىيە دەرىسى ئۆتۈلگەندە گولۇبۇس ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي ئوقۇغۇچىلارنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ تەبىئەت دۇنياسىدىكى تاغ، ئېدىر، يارلىقلاردىكى يەر شەكلىنىڭ ئۆزگىرىش ھالىتى، يەر پوستى قاتلىمى ھالىتى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش مۈمكىنچىلىكىگە ئىگە قىلدى. بوتانىكا دەرىسىگە ماسلاشتۇرۇپ، دەل–دەرەخ ۋە ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرىنىڭ كاربون تۆت ئوكسدنى سۈمۈرۈپ ساپ ھاۋا يەنى كېسلاروت چىقىرىدىغانلىقىنى، ھاۋادىكى بۇلغانمىلارنى سۈمۈرۈپ، ھاۋانى ساپلاشتۇرىدىغانلىقىنى، كۈن نۇرىنىڭ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتىز قىلىشىدا تولىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەندە كۈن نۇرى كۆرمىگەن ئۆسۈملۈكنىڭ سارغىيىپ قالدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، نەق مەيداندا چۈشەندۈردى.
سوغ ھاۋانىڭ ئېغىر، ئىسسىق ھاۋانىڭ يېنىك بولدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر چىراقنى بوسۇغىغا، يەنە بىر چىراقنى ئىشىك بېشىغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا سوغ ھاۋانىڭ بوسۇغىدىن كىرىۋاتقاندىكى ھالىتىنى، ئىسسىق ھاۋانىڭ ئىشىك بېشى يوچۇقىدىن چىقىۋاتقانلىق ھالىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. بۇ ھەقىقەتتىن پايدىلىنىپ، ھاۋانىڭ ئىسسىق، سوغۇقلىقتىن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئايلىنىپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن شامال، بوران، قۇيۇن پەيدان قىلىدىغانلىقىنى ئوبرازلىق چۈشەندۈردى، شۇنىڭدەك سۈزگۈچ ياساپ لاي سۇنى سۈزۈلدۈرۈش ئۇسۇلىنى تەجرىبە قىلىپ بەردى. ئۇ ئەنە شۇنداق ھەقىقىي مائارىپچىلارغا خاس روھ بىلەن باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. ئەزىم ئەپەندىنىڭ دەرس ئۆتۈشتىكى ئالاھىدە ماھارىتى ھەممىنى قايىل قىلدى. 1960–يىلى مۇھەممەتجان سادىق ئۇنىڭ پىداگوگىكا ساھەسىدىكى ئۈلگىلىك ئىش –ئىزلىرى ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ماقالە يېزىپ، «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلىدا ئېلان قىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى كىشلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بۇ پېشقەدەم مۇئەللىم ناھىيىسى بويىچە ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. ئۇ توغرۇلۇق يېزىلغان ماقالە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنشىگە ئۇيۇشتۇرۇلدى.
ئىلى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەسىرلىك تەرەققىياتىنىڭ تىرىك شاھىدلىرىنىڭ بىر بولغان پېشقەدەم مائارىپچى ئەزىم ئەپەندى ئۆزىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئەمگىكىدىن سۆيۈنگەن ھالدا مۇنۇلارنى دەيدۇ: «مەن بۇيىل 97 ياشقا كىردىم، 52يىللىق ھاياتىم ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن ئۆتتى. پۈتكۈل ھاياتىمنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاشتەك ئارزۇ–ئارمىنىمغا يەتتىم. نۇرغۇن ئوغۇل–قىزلارنى بىلىم ئەھلى قىلىپ يېتىشتۇرۇشتەك شەرەپلىك ئىشنى قىلغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئالىم، يازغۇچى، شائىر، مائارىپچى، دوختۇر، ئاگرانوم، كادىرلار يېتىشىپ چىقتى. ئۇلار جەمئىيەت ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى. مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. مەن گەرچە دەم ئېلىشقا چىققان بولساممۇ، تەشكىل مېنىڭ تۇرمۇشىمغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ. ھەرھېيىت، بايراملاردا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ يوقلاپ، ھال سوراپ كېلىۋاتىدۇ. ھەريىلى دېگۈدەك سەيلى–ساياھەت ۋە ئېكىسكۇرسىيىگە ئاپىرىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن مېنى قەدىرلەۋاتقان پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئاممىسىغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن».
يۇقىرىقىلار مېنىڭ پېشقەدەم مائارىپچى ئەزىم سۇچەكوفنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتىپ بەرگەنلىرىگە ئاساسلىنىپ يېزىپ چىققانلىرىم، مەن بۇ پېشقەدەم مائارىپچىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا يەنىمۇ بەخت تىلەيمەن.
ئاپتور مۆمىن سەپىرى - "ئېلى تارىخ ماتىرىياللىرى" نىڭ سابىق مەسئۇل مۇھەررىرى
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------