باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇچقۇنلار ئى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-15 11:53 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى بۇ تەشكىلات 1945-يىلى 6-ئايدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ،بىلال ئەزىزى ،مۇنىرىدىن خۇجا قاتارلىقلارنى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى



بۇ تەشكىلات 1945-يىلى 6-ئايدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ،بىلال ئەزىزى ،مۇنىرىدىن خۇجا قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قورۇلغان بولۇپ ،گومىنداڭ ئەكسىيەتچىللىرىگە قارشى ئىنقىلابى ، سىياسى تەشكىلات ئىدى . بۇ تەشكىلاتنىڭ قورۇلمىسى مۇنداق
لۇتپۇللا مۇتەللىپ __ رەئىس
مۇنىرىدىن خۇجا __ كاتىپ ،مۇئاۋىن رەئىس
مىللى مۇناپىق، ساتقىن ھېكىم نۇرى __ تەشۋىقاتچى
ئابدۇللا داۋۇتوف __ تارىخچى
يۈسۈپجان __ تەشكىلاتچى بولۇپ سايلانغانىدى
بۇتەشكىلات ھەرگىزمۇ يەككە -يىگانە ياكى بىردەملىك ھېسيات بىلەن قورۇلغان تەشكىلات بولماستىن ،بەلكى ئۇنىڭ مەقسىتى ئىنىق، سىياسى پىروگىراممىسى روشەن ،شۇنداقلا ئىلى ئىنقىلابى بىلەن زىچ ئالاقىسى بار تەشكىلات ئىدى . بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىشلىرى ۋە ئىلى ئىنقىلابىنىڭ پائالىيەتلىرى يوشۇرۇن ئالاقە ئارقىلىپ ئۆز ئارا خەۋەر تېپىشىپ تۇراتتى« ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى »قورۇلۇپ ئوزۇن ئۆتمەي ،لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈچ ۋىلايەت ھۈكۈمىتىگە چىقارتقان خېتىدە :«بىز جۈمە نامىزىغا تاھارەت ئېلىپ قويدۇق ، جۈمە نامىزىنى سىلەر بىلەن بىللە ئوقۇماقچىمىز »دەپ يازغانىدى . بۇ گەپنىڭ مەنىسى «بىز ئاقسۇدىمۇ تەييارلىق قىلىپ قويدۇق ،سىلەر يەنى مىللى ئارمىيە ئاقسۇغا ھوجۇم قىلىپ كەلسەڭلار سىلەرگە ماسلىشىپ كۈرەش قىلىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈتىۋاتىمىز».دىگەنلىك ئىدى . لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى«ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى »مىللى ئارمىيە ئاقسۇغا يېقىنلاشقان ھامان قوراللىق قوزغىلاڭ كۈتۈرۈپ ئاقسۇنى ئازات قىلىش پىلانىنى تۈزدى . بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللار ئاقسۇ گومىنداڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئارخىپىدا مۇنداق خاتىرلەنگەن . «لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەشكىلارتى تەشۋىقات ئىشلىرىنى يېزا -سەھرالاردا مەخپى يۈرگۈزۈپ ياشلارنى ،گومىنداڭغا قارشى كىشىلەرنى قوزغاپ ئىقتىساد توپلاپ ،ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇپ ،قوراللىنىپ مىللى ئارمىيە ئاقسۇ تەۋەسىگە كىلىش بىلەنلا قوراللىق ھەركەت باشلاپ ئاقسۇنى قولغا كەلتۈرۈپ ،مىللى ئارمىيەگە قوشۇلماقچىكەن»
-1945
يىلى ئىيۇلنىڭ باشلىرى ئابدىكىرىم ئابباسوف،قاسىمجان قەمبىرى ، داموللا رازىيوف قاتارلىقلار ئۈچ ۋىلايەت ھۈكىمىتىنىڭ ۋەكىلى ، سوپاخۇن ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە ئاقسۇ رايۇنىغا ئاتلاندى . بۇ قوشۇن 8-ئاۋغۇست باي ناھىيەسىگە يېقى قېيىردىگەن جايدا پەيدا بولۇپ بۇ جاينى مۇداپىئە قىلىۋاتقان بىر لىيەن دۈشمەننى يوقاتتى. ئاندىن 14-چىسلا باي ناھىيەسىگە يىتىپ كېلىپ تۆت سائەتتىن ئوشۇق جەڭ قىلىپ باي ناھىيەسىنى ئىشخال قىلدى. بۇ ۋاقىتتا جەڭگە تەييارلىنىۋاتقان « ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ ئەزالىرى ئارقىمۇ -ئارقا قولغا ئېلىنغانىدى. گومىنداڭ بۇ تەشكىلاتنى ھېكىم نۇرىدەك ساتقىنلارنىڭ ياردىمىدە خېلى بۇرۇنلا بايقىغان بۇلۇپ ،يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتاتتى
-1945
يىلى 12-سىنتەبىر مىللى ئارمىيە جەڭچىللىرى كەچ سائەت تۆتتە ئاقسۇ سېپىلىغا شىددەتلىك ھوجۇم باشلىدى. گومىنداڭ گىنرالى جاۋ خەنچىڭ بىر تەرپتىن مىللى ئارمىيەنىڭ ھوجۇمىغا جان جەھلى بىلەن قارشى تۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكى جەھەتتىن باستۇرۇشقا كىرىشتى ھەم لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى«ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى »نىڭ قولغا چۈشكەنلىكى ئەزالىرىنى يوقۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى
1945-
يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى يېرىم كىچىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خۇجا ،بىلال ئەزىزى ،ئابدۇللا روزى ، مەۋلانجان تۇردى ،تۇردى ئاخۇن ، ئابدۇللا داۋۇتوف، يۈسۈپجان ،ھامىت ئەزىز ،ئىلاخۇنۇم ، ئارىپوف، ھۈسەيىن ،قادىر ئېلى قاتارلىق «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ 21نەپەر ئىنقىلابچىسى شۇنداقلا گومىنداڭغا قارشى سۆز قىلغان ،گۇمانلانغان 13نەپەر كىشىمۇ بىرلىكتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان . پاجىئەنىڭ ئالدىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىلال ئەزىزى يالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلىگەن ھەم ساقچىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن .بۇ ئىككەيلەن ئېتىلغاندىن كېيىن باشقىلارمۇ ئېتىلغان ھەم بۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئازگالغا تاشلاپ ئوت قويىۋەتكەندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ ئۈستىگە چوشقا قوتىنى ھەم ھاجەتخانىلارنى ياسىغان
ئەينى چاغدىكى قانلىق پاجىئە ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ ۋە ئىنىق مەلۇمات بەرگەن«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ».تەرىپىدىن چىقىرىلغان«كۈرەش »ژورنىلىنىڭ 1946-يىلدىكى 6-7-قوشما سانىدا مۇنداق يېزىلغان :«ئۆلتۈرۈش شۇ تەرەقىدە مۇدەھىش بولغانكى ،ئاساسلىق ھۆججەتلەرگە قارىغاندا بىر خوتۇننىڭ قارنى يېرىلغان ،12كىشى چېپىلغان ۋە جادۇدا توغرالغان ، 23كىشى ئېتىلغان ، شۇ قاتاردا ياش شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ ئۆلتۈرۈلگەن .ئاخىرىدا ياش شائىرىمىز بىلەن بىر قاتاردا تورىدىغان بىلال ئەزىزىمۇ ئېتىلغان ................. ۋەھشىلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن 36نەپەر ئىنقىلابچىمىزۋە شەھىتلىرىمىزنىڭ پاك جەسەتلىرى ئاقسۇ يېڭى شەھەر سىپىلىنىڭ غەربى بۈلىكىدە ئىتىبارسىزلارچە تۇپراق ئاستىغا يوشۇرۇلدى .ئەمما بۈگۈنكى ئىنقىلابى خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر دىلىدا ئۇلارنىڭ ئىنقىلابى روھى ئەبەدى تىرىك »دەپ يېزىلغانىدى

مەنبە : لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ،ئاقسۇدا 1945-يىل ناملىق كىتابلار.

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارغا ناركوز ئىشلەتكەندە ئۆگىنىشكە تەسىر يېتى [ 2011-10-26 14:52:16 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گ [ 2011-10-26 14:50:31 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] يېڭى بايقاشلار [ 2011-10-26 14:48:49 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھتىماللىقى چ [ 2011-10-26 14:47:22 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مائارىپتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى باسقۇچقا كىر [ 2011-10-26 14:45:59 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] «ئائىلە ۋە بالىلار مىجەزى» [ 2011-10-26 14:42:23 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇنۋانى ئېلىشقا كىرەكلىك ماتىريا [ 2011-10-26 13:47:47 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] دادا، ئاپا، سىلەرگە سۆزۈم بار [ 2011-10-14 16:22:27 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە قانداق قاراش كېرەك [ 2011-10-14 16:20:59 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئالىياسكىدا بالىلار دەرس تاشلىسا ئاتا – ئانىسى جا [ 2011-10-14 16:17:20 ]



ياخشىكەن
(1)
33.3%
ناچاركەن
(2)
66.7%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر