چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى
			
			
				يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-14 13:30  مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى:   قېتىم
            	چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى ئامېرىكىدا : بالىنى ماختاش ئادەت ئامېرىكىدا ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى دائىم ماختاپ تۇرىدۇ . مەسىلەن: بالام
			
                                                      
			
				چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى 
 
  ئامېرىكىدا : بالىنى ماختاش ئادەت 
  ئامېرىكىدا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى دائىم ماختاپ تۇرىدۇ . مەسىلەن: ‹‹بالام سىز بەك زېرەك!›› ،‹‹بەك ياخشى قىپسىز!›› ،‹‹ كاتتا ئىش قىلىپسىز!›› ، ‹‹سىز ئەڭ ياخشى!›› ، ‹‹سىز ئادەتتىكى بالا ئەمەس جۇمۇ!›› ، ‹‹سىزگە گەپ كەتمەيدۇ!›› ،‹‹سىز مېنىڭ خۇشاللىقىم!›› .. دېگەنگە ئوخشاش .  
  ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىكى تەتقىق قىلىپ مۇنداق يەكۈن چىقارغان: ‹‹قارا! دۆتلۈكۈڭنى!›› ، ‹‹سەندىن قەتئىي ئۈمىد يوق›› ،‹‹ھەر قانچە ئۆگەنگىنىڭ بىلەن ھالىڭ شۇ!›› ، ‹‹ئاغزىڭنى يۇم!›› دېگەن سۆزلەر بالىلارغا زەربە بولىدۇ ، بالىلارنىڭ زىتىغا تېگىدۇ .  
  فرانسىيىدە : مائارىپ  — ئىجادىيەت 
    فرانسىيە ئائىلىلىرىدە قول سېلىپ ياسايدىغان ئويۇنچۇقلار باشقا ئويۇنچۇقلاردىن كۆپ . ئاتا–ئانىلار بالىلارنىڭ ئىختىيارىي رەسىم سىزىشى ئۈچۈن تامغا قەغەز چاپلاپ بېرىدۇ ، ئۆينىڭ ھەممىلا يېرىدە رەسىم سىزىش ماتېرىياللىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ . فرانسىيە مەكتەپلىرىدە بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈش ، بالىلاردا ھېسسىي تۇيغۇ ئارقىلىق كۆرگەن نەرسىلەرنى بىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ . ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى بالىلارغا ئوقۇغان نەرسىلەرنى سىزدۇرىدۇ . جۇغراپىيە ، مۇزىكا ئوقۇتۇشىدىمۇ ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ ، بالىلارنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرىدۇ. 
بېلگىيىدە: تېجەشلىك بولۇش — گۈزەل ئەخلاق 
    بېلگىيىدە ، ئادەتتە ، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا سەككىز يېشىدىن باشلاپ ھەر ھەپتىدە پارچە خىراجەت پۇلى بېرىدۇ ، لېكىن كۆپ پۇل بەرمەيدۇ. بالىلار ياخشى كۆرگەن نەرسىنى سېتىۋالماقچى بولسا ، پۇل يىغىپ سېتىۋالىدۇ . ھەر بىر ئائىلىنىڭ بالىلارغا پارچە پۇل بېرىشىدە ئوخشاش ئۆلچەم بولمىسىمۇ ، لېكىن ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ تېجەشلىك بولۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش پرىنسىپى بىردەك . ئاتا – ئانىلار بالىلارغا ئارتۇقچە پارچە پۇل بەرمەيدۇ ، بالىلار پارچە پۇلىنى پىلانلىق خەجلەيدۇ . 
  شۋېتسارىيىدە : ئائىلە تەربىيىسى — ‹‹ يېرىم نوپۇز›› 
    شۋېتسارىيە مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى بالىلارغا ‹‹يېرىم نوپۇزلۇق››تەربىيىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . يەنى، ئۇلار بالىلار خاتا ئىش قىلغاندا ، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئورۇنسىز تەلىپىنى رەت قىلىشى كېرەك . ‹‹رەت قىلىش››بالىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرسىمۇ ، ئاتا – ئانىلار ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرغاندىن كېيىن ، بالىلارنىڭمۇ  ئاستا – ئاستا ئىدىيىسىدىن ئۆتىدۇ ھەم تەدرىجىي ياخشى ئادەت يېتىلدۈرىدۇ . شۇڭا ئاتا – ئانىلارنىڭ پوزىتسىيىسى ئېنىق بولۇشى ، بالىلارغا ‹‹ياق›› دېيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ، دەپ قارايدۇ. 
  تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
   
					 
					 
					 
					 
 
 
 
 
 | 
			
			 
			
			
			
			
			
			
			
			
				------分隔线----------------------------