پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىلارنى تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرايلى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-22 14:53 مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
بۇ كالا مېنىڭ رەسىملىك كىتابىمدىكى كالىغا ئوخشىمايدىكەن، بۇ كالىنىڭ قۇيرۇقى ئۇزۇنكەن

بالىلارنى تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرايلى

 

ئاماننىسا تاھىر

 

    بۇ يىللىق يازلىق تەتىل باشلىنىشى بىلەن بالىلىرىمىزنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆيدە تالاش تارتىش قىلىپ قالدۇق.

     باغچا، ئويۇنچۇقخانىلارغا كۆپرەك ئاپىرايلى، ئۇلار ئادەتتە دەرس بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، قانغۇدەك ئوينىيالمايدۇ.

     ئۇلارنى رەسىم سىزىش، ئۇسسۇل ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا بېرەيلى، ئادەتتە ئۆگىنەلمىگەن نەرسىلىرىنى ئۆگىنىۋالسۇن ...

    گېپىمىز بىر يەردىن چىقماي تالىشىپ تۇرغىنىمىزدا پارىڭىمىزنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان دادام:

     بۇ پىكرىڭلار تازا مۇۋاپىق بولمىدى. مېنىڭچە، بالىلارنى يېزىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنى دېھقان تۇغقانلىرىمىز بىلەن، كەڭ تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرايلى، ئۇلار ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا، ئانا تۇپراققا يالاڭئاياغ دەسسەپ، ھەر خىل ھايۋان، دەل دەرەخ، گۈل گىياھلار بىلەن تونۇشسۇن، ئادەتتە، دەرسلىك كىتابلىرىدا سۆزلىنىدىغان دېھقانلار تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن، تېلېۋىزورلاردىنلا كۆرىدىغان ئات، كالا، قويلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقسۇن، ئانا تەبىئەت قوينىدا ئېچىلىپ يېيىلىپ ئوينىسۇن، ئەمگەك قىلىشنى ئۆگەنسۇن، بىر تال داننىڭمۇ ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنسۇن. رەسىم سىزىدىغانلار كۆرگەنلىرىنى سىزسۇن، ماقالە يازىدىغانلار شۇ يەردىكى تەسىراتلىرىنى ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقسۇن. شۇندىلا بۇ تەتىل ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن بولىدۇ.

    دادامنىڭ پىكرى ئويلىمىغان يېرىمىزدىن چىققانىدى، ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە قايىل بولدۇق. شۇنىڭ بىلەن دادامنىڭ پىكرى بويىچە بالىلارنى يېزىغا ئاپىرىشقا كېلىشتۇق.

    ئالدىنقى يىلى تۇغقىنىمىزنىڭ توي ئىشى بىلەن يېزىغا بارغىنىمىزدا بەش ياشلىق قىزىم كالىنى كۆرسىتىپ: بۇ كالا مېنىڭ رەسىملىك كىتابىمدىكى كالىغا ئوخشىمايدىكەن، بۇ كالىنىڭ قۇيرۇقى ئۇزۇنكەن...، دېگىنىدە ھەممىمىز قاققاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتكەنىدۇق.

    شۇ چاغدا بۇ ئىش ماڭا بەك تەسىر قىلغانىدى. دېمىسىمۇ ھازىر شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى، رەت رەت ئېگىز بىنالارنىڭ بىزنى تەبىئەت بىلەن يىراقلاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، بالىلار كالا، قوي، توشقان، توخۇ دېگەندەك ھايۋانلارنى، ھەر خىل گۈل گىياھلارنى رەسىملىك كىتاب، تېلېۋىزورلاردىلا كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالدى. ئاتا ئانىلار بولسا بالىلارغا دەپ ھەدېسىلا تۈرلۈك رەسىملىك كىتابلارنى، پىلاستىنكىلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان، ئۇلارنى تەبىئەت قوينىغا ئېلىپ بېرىشقا ۋاقىت چىقىرالمايدىغان، بۇنىڭ بىلەن بالىلاردا تەبىئەتنى چۈشەنمەيدىغان، قوي، توخۇلاردىنمۇ قورقىدىغان، زىرائەت، گۈل گىياھ، دەل دەرەخلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تولۇقراق ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

    بالىلارنى ئەركىن پىكىر قىلالايدىغان، يۈرەكلىك، كۆزىتىش ئىقتىدارى يۇقىرى قىلىپ يىتىشتۈرۈش بۈگۈنكى ھەر بىر ئاتا ئانىنىڭ ئارزۇسى. بۇ مەقسەتكە بالىلارغا قانداقتۇر رەسىملىك كىتابلارنى، پىلاستىنكىلارنى، ئىلغار ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىش بىلەنلا يەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى يەنە ئۆزى ياشاۋاتقان، ئۆزىنى ئىللىق قوينىدا ساغلام ئۆستۈرۈۋاتقان ئانا تەبىئەتنى چۈشىنىش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مەڭگۈ ئايرىلماس بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە يېتەكلەش، پۇرسەت بولسىلا ئۇلارنى يېزا قىشلاقلارغا ئېلىپ بېرىپ، تەبىئەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، كەڭ دالادا ئەركىن تەپەككۇر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر