پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

باللارنىڭ چوڭلار سورۇنىغا ئاز بارغىنى ياخشى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-29 17:26 مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرى پەزىلەتلىك، ياراملىق بولمىسا بارلىق مەسئولىيەتنى جەمئىيەتكە ئىتتىرىپ قويۇپ، ھەدىسە باللىرىنى سورۇنمۇ- س

باللارنىڭ چوڭلار سورۇنىغا ئاز بارغىنى ياخشى

 

        كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ھەم مەدەنىيەت سەۋيىسىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلىشىگە  ئەگىشىپ، توي- تۆكۈن، نەزىر چىراق قاتارلىق تۇرلۈك پائالىيەتلەر ئاساسەن رېستۇرانلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ياش ئاتا- ئانىلار بالىغا قارايدىغان ئادەم يوق دېگەننى باھانە قىلىپ، باللىرىنى چوڭلار توپلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان  سورۇنلارغا بىللە ئېلىپ كېلىدىغان بولدى. مۇشۇنداق چوڭلار سورۇنلارغا كىچىك باللارنى تەڭ ئېلىپ بېرىش مۇۋاپىقمۇ؟

 ▲         ئائىلىدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە ئاتا- ئانىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ ھەم مۇھىم. شۇڭا ئاتا- ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرمۇش، ھايات قارىشى ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى،  ئومومىي ساپاسى ئۈچۈن بالىلار ئالدىدىكى مەجبورىيىتى، ئوبرازىنى توغرا تونۇشى ۋە ياخشىلىشى ھەممىدىن مۇھىم. لېكىن جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم نەزەر دائىرسى تار ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرى پەزىلەتلىك، ياراملىق بولمىسا بارلىق مەسئولىيەتنى جەمئىيەتكە ئىتتىرىپ قويۇپ، ھەدىسە باللىرىنى سورۇنمۇ- سورۇن بىللە ئېلىپ يۈرۈپ، بالىنىڭ پەزىلەت جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى بىلمەسكە سېلىۋالىدۇ. ياكى بۇنى بىلسىمۇ ئېتراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ.

        ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىر تۈرلۈك ئەۋزەل سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە كۆپىنچىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشىمىز كۈنسىرى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. بىز ئىلگىرى توي- تۆكۈن، تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسى، چاي زىياپەتلىرىنى ئۆيدە ئۆتكۈزگەن بولساق، ئەمدى كۆركەم رېستۇران ۋە مەرىكە زاللىرىدا ئۆتكۈزىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، ۋاقتى- قەرەلىدە دوست بۇرادەرلەر بىلەن بىر سورۇنغا جەم بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش بۇ بىر ياخشى ئىش. ئەپسۇسلىنارلىقى، يوقىرقىدەك چوڭلارغا خاس سورۇنلاردا "كىچىك مېھمان"لارنىڭ كۆپىيۋاتقانلىقى. بۇ  كىچىك مېھمانلار"نىڭ ئاتا- ئانىلىرى بىرەر زىياپەتكە بارماقچى بولسا باللىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرماي، ئۇلارنى   مەكتەپتىن ئۇدۇل رېستۇرانلارغا ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، ئاتا- ئانىلار باللىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالمىسا، شۇ مەرىكە ۋە ئولتۇرۇشقا بىرەر قېتىم قاتناشماي، باللىرىغا ھەمراھ بولغىنى ياخشى. چۈنكى بالىلار شۇ بىر  قېتىملىق پاسسىپ تەسىردىن خالىي بولىدۇ. ئاتا- ئانا بولغۇچى بالىنىڭ ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن قانداق مۇھىتنىڭ زۆرۆر ئىكەنلىكىنى ئالدىن ئويلىشىشى كېرەك. چوڭلار سورۇنلىرىدا ھەر خىل گەپ- سۆز، ھەركەتلەر، ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش قاتارلىق ئەھۋاللار باللارغا مەلۈم دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلارنى بۇ خىل مۇھىت بىلەن كۆپ ئۇچىراشتۇرۇش بالىنى ئويۇندىن باشقىنى بىلمەيدىغان ۋە بىلىشنىمۇ خالىمايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا ئاتا- ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىگە ئىگە قىلىمەن دەيدىكەن چوقۇم يوقارقىدەك سورۇنلارغا ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك. ئورۇق- تۇققان، قېرىنداشلار ئوز- ئارا جەم بولغان سورۇنلارغا بالىلارنى ئۆز- ئارا تونۇشتۈرۇپ، ياخشى دوست بولۇپ ئۆتىشىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا بىللە ئېلىپ بارساق بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىمۇ چوقۇم باللارنىڭ شۇ سورۇندىكى ئىش- ھەركەت، گەپ- سۆزلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر