بالىڭىزنىڭ شوخلۇقىدىن ئاغرىنماڭ كامال جامال بالىلاردىكى شوخلۇق بالىلار تەپەككۇرىنىڭ يېتىلىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇ بالىلار پىسخىكىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدە غىدىقلىغۇچلۇق رول ئوينايدۇ. بالىلار ھەرىكەتلىرىنىڭ چەكلىمىگە ۋە بېسىمگە ئۇچرىشى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىگىلا ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلارنى ئۆسۈش دەۋرىدە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلاملىققا ئىگە قىلغاندىلا، ئۇلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلىگىلى بولىدۇ. بالىلاردىكى شوخلۇق ئائىلە ۋە ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شوخ، پائالىيەتچان بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى تېز بولىدۇ. كۆڭۈل ئازادىلىكىگە تولغان ئائىلە مۇھىتىدە ئۆسۈۋاتقان بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇلتۇر قوشنىمىز نەۋرىسىنى شەھەردىن ئۆز ئۆيىگە ئەكىلىۋالغانىدى. بىنا ئۆيدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بۇ بالا مومىسىنىڭ كەڭ ھويلىلىق ئۆيىگە كەلگەن دەسلەپكى چاغلىرىدا توخۇ، مۈشۈك، قوي، كالا دېگەنلەرنى كۆرسە قورقۇپ، مومىسىغا ئېسىلىۋالاتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ بۇلاردىن قورقمايدىغان، ئۇلارنى قوغلاپ ئوينايدىغان بولدى. دېمەك، مۇھىت ئۇنىڭ بۇرۇنقى جىمىغۇر، تارتىنچاق ھالىتىنى ئۆزگەرتتى. گەرچە بالىلاردىكى شوخلۇق بەزىدە ئاتا – ئانىلارنى چارچىتىپ قويسىمۇ، ئەمما بۇ بالىلارنىڭ يېتىلىشىدە ئىجابىي رول ئوينايدۇ. بالىلار كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، بالىلارنى ساپالىق تەربىيەلەش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ شوخلۇقىنى بالىلاردىكى كەپسىزلىك، دەپ قارىماسلىق، ئۇلارنى شۇ بالىلارچە شوخلۇقى بىلەن بالىلىق دەۋرىنىڭ ئىمتىيازلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. بىر قېتىم غۇلجا شەھەرلىك 6 – باشلانغۇچ مەكتەپتە ئېچىلغان ئاتا – ئانىلار يىغىنىدا، ئوقۇتقۇچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر كۈنى دەرستىن چۈشكەندە سازاڭ كولاپ، ئۈزۈلۈپ كەتكەن سازاڭنى ئۇلايمەن دەپ، ئېرىق، ئازگاللاردا توپىغا مىلىنىپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى، ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا «بۇنداق قىلما»دەپ بەرگەن تەنبىھلىرىنىڭ كار قىلمىغانلىقى، ئاخىرى ئانىسى ئۇنى ئۇرۇپ، بۇ ئىشتىن قول ئۈزدۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ، ئېچىنغان ھالدا: «ئاشۇ ئانا چوغلىنىپ تۇرغان بىر پارچە ئوتنى ئۆز قولى بىلەن ئۆچۈرۈپ قويدى» دېگەنىدى. ئەمەلىيەتتە، بالىلاردىكى تالانت يوشۇرۇن ئەمما چوغلىنىپ تۇرغان بولىدۇ. ئۇنى ئەقىل كۆزى بىلەنلا كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگەر شۇ چوغنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇنى پۈۋلىيەلىسەك ئۇ چوغ يالقۇنغا ئايلىنىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئۆچۈپ قېلىشى مۇمكىن. كۆپىنچە ھاللاردا بالىلاردىكى ئالاھىدىلىك ئۇلارنىڭ شوخلۇقىدىن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ شوخلۇقىنىلا كۆرۈپ خاسلىقىنى كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ شوخلۇقىدىن زارلانماي، ئەكسىچە شۇ شوخلۇقتىن يېتىلگەن تالانتنى ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىغا ئايلاندۇرايلى.
|