پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ئاتىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رولى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-29 12:43 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ياخشى ئاتا بىر كىتابقا ئوخشايدۇ، بالىلار ئۇنىڭدىن بىر ئۆمۈر تەلىم ئالىدۇ.

ئاتىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رولى

 

خالىدە ئوبۇل

 

     تاماقنى نېمانچە ئاستا يەيسەن، گەپ ئاڭلىمىساڭ ھېلى بىكار قۇلىقىڭنى يۇلىۋالىمەن...

     خەتنى چىرايلىق يازساڭ بولمامدۇ، ئۆمۈچۈكنىڭ پۇتىدەك يازغان خېتىڭنىڭ سەتلىكىنى قارا...

     ئوغۇل بالا تۇرۇپ ئەزمەڭنى ئەزگىچە، تېزرەك بولمامسەن، تەپسە تەۋرىمەس بىر نېمە بولامدۇ نېمە بۇ...

    تام قوشنامنىڭ بالىسىنى زەردە بىلەن ئەدەپلىشى، بالىنىڭ يىغا ئاۋازى ھەر كۈنى دېگۈدەك قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلايدۇ. ئاتىنىڭ سەككىز ياشلىق بالىغا تەربىيە بېرىشنىڭ ئورنىغا قوپال گەپ سۆزلەر بىلەن تەنبىھ بېرىشى بەكمۇ ئىچىمنى سىقىپ، مۇۋاپىق پۇرسەتتە بالىنىڭ ئانىسى بىلەن پاراڭلاشتىم:

     ئېرىڭىزنىڭ كۈندە دېگۈدەك ئوغلىڭىزغا تەنبىھ بەرگىنىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، ئوغلىڭىز دەرستىن چۈشسىلا ئۆيگە يۈگۈرۈيدىغان ياۋاش، گەپ ئاڭلايدىغان بالىغۇ، سىز گەپ قىلسىڭىز بولمامدۇ؟

     ھەي، ئېرىمنىڭ مىجەزى شۇ، كىچىككىنە ئىشلار دىتىغا ياقمىسىلا بالىغا دوق قىلىدۇ. بالىغا ئۆچمىكىن دېسەم تېخى، نېمىنى تەلەپ قىلسا، شۇنى ئېلىپ بېرىدۇ. لېكىن تەربىيە ئۇسۇلغا پەقەت دىققەت قىلمايدۇ. بالىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، تولا ئۇرۇشۇپمۇ قالدۇق. خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ يۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن يەنە ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، ۋارقىراپ جارقىراشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بالىنى ئاتىسىغا تاشلاپ سىرتلارغا چىقىشتىنمۇ قورقىمەن...

    بىر قىسىم ئانىلار بىلەن پاراڭلىشىش داۋامىدا، پەرزەنت تەربىيەسىدە ئاتىلارنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللانماي، بالىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرىدىغانلىقىنى، پەرزەنت تەربىيەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئانىغا يۈكلەپ قويىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

    شىنجاڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت بېلىقىز ئىمىنھاجى ئاتىلار قانداق قىلغاندا پەرزەنت تەربىيەسىدە ئۆز رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرالايدۇ؟ دېگەن سوئالىمغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

    ياخشى ئاتا بىر كىتابقا ئوخشايدۇ، بالىلار ئۇنىڭدىن بىر ئۆمۈر تەلىم ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، پەرزەنت تەربىيەسىدە ئاتىنىڭ رولى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاتا پەرزەنتىگە قاتتىق قوللۇق قىلغاننىڭ ئورنىغا، پەرزەنتىنى يېقىن دوستى قاتارىدا كۆرۈپ، پەرزەنتى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، بالىغا ئىشەنچ ئاتا قىلىدىغان ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشى، ھەرگىزمۇ تەھدىت سېلىش، ئۇرۇپ تىللاش، قورقۇتۇشتەك ناچار تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىقى كېرەك. مېنىڭچە، پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بالىلارغا ئىلمىي ئۇسۇلدا تەربىيە بېرىش، بالىلارنى بەكمۇ چىڭ تۇتۇۋەتمەي، بەكمۇ بوش قويۇۋەتمەي، مۇۋاپىق تەربىيەلەشتىن ئىبارەت. ئاتىدىن قورقۇپ، ئاتىنىڭ چىراي ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئىش كۆرىدىغان بالىلارنىڭ پىسخىكىسى ساغلام بولمايدۇ.

    ئاتا بىر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، ئۆينىڭ يول باشلىغۇچىسى. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپلىگەن ئاتىلار بالا تەربىيەلەشتە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن بالا تەربىيەلەشكە، بالىغا ئۈلگە بولۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ئاتىلار يەنىلا پەرزەنت تەربىيەسىدە سەۋرچان بولماي، كىچىككىنە ئىشلارنى باھانە قىلىپ، ئۇرۇپ تىللاش، تەنبىھ بېرىشتەك پاسسىپ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئاتا مېھرى مۇقەددەستۇر. بىر قىسىم ئاتىلار خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، بۇ مۇقەددەس بۇرچنى ئانىلارغىلا يۈكلەپ قويۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنئەنىۋى قاراشلارنىڭ تەسىرىدە بەزى ئائىلىلەردە پەرزەنت تەربىيەلەش پەقەت ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتى، دەپ قارالغاچقا، كۆپ قىسىم ئانىلار خىزمەت بېسىمى، پەرزەنت تەربىيەسى، ئائىلىنىڭ ئېغىر يېنىك يۈكلىرىنىڭ تەسىرىدە بېسىم ھېس قىلماقتا. شۇڭا، ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئەرلەر بالا تەربىيەسىنى ئايالىغىلا يۈكلەپ قويماسلىقى، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ئۈستىگە ئېلىشى، بالا تەربىيەلەشتە سەۋرچان بولۇپ، بالىنىڭ ئەقىللىق، چېچەن، ساغلام، ئەدەپ قائىدىلىك چوڭ بولۇشىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش [ 2011-11-29 17:21:15 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ماتىماتىكىلىق فورمۇلا تەھرىرلىگۇچ (数学公式编辑器) V6 [ 2011-11-27 22:17:28 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] 几何画板 V5.0 最强中文版گىئومىتىرىيە دوسكىسى [ 2011-11-27 22:14:17 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] باشلانغۇچ ماتىماتىكا مەشىقچىسى 小学数学练习机 V35.0 [ 2011-11-27 22:09:46 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات، [ 2011-11-27 22:05:05 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ياپونىيەدىكى ئوقۇغۇچىلىرى قۇياشنىڭ قاياقتىن چىقى [ 2011-11-27 22:02:50 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلاردىمۇ خامۇشلۇق كېسىلى كۆرۈلىدۇ [ 2011-11-27 21:56:10 ]
[تارىخى بىلىملەر] كېيىنكى كۆك تۇرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ تارى [ 2011-11-27 21:52:54 ]
[تارىخى بىلىملەر] 893 -يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇقلار بىلەن قىلغان جە [ 2011-11-27 21:47:27 ]
[تارىخى بىلىملەر] قەدىمىي بۇددىزم ماكانى- كۇچانىڭ ئىسلامىلىشى توغرى [ 2011-11-27 21:42:14 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر