پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

دۇنيادىكى ئەڭ جاپالىق خىزمەت

يوللانغان ۋاقتى: 2011-07-29 18:19 مەنبەسى: ئاپتورى: ئابدال كۆرۈلۈشى: قېتىم
دۇنيادىكى ئەڭ جاپالىق خىزمەت لى خۈيخې -ئەپەندىم، مەن خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن. -سىز شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، بۇ ئۇنچە ئاددى خىزمەت ئەمەس،

دۇنيادىكى ئەڭ جاپالىق خىزمەت

لى خۈيخې
 


-ئەپەندىم، مەن خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن.

-سىز شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، بۇ ئۇنچە ئاددى خىزمەت ئەمەس، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ جاپالىق خىزمەت.

-بۇ ئالدىڭىزدا تۇرغان كىشى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر خىزمەتچى!

-شۇنداق بولغان ئىكەن، بىز ھازىرلا باشلايلى. قېنى ئەمىسە، سىزدە مال سېتىۋېلىش، ئالدىن ھېسابلاش، خاتىرىلەش، مەھسۇلاتلارنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەجرىبىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىز بارمۇ؟

-ھە...ھە... ياق، يوق، لېكىن مەن ئىلگىرى ياش ئۆسمۈرلەر ئويۇشمىسىنىڭ بىر پائالىيىتىگە قاتنىشىپ باققان، يەنە بازاردا كىيىم سېتىپ باققان دېدىم.

-ھە، مۇنداق دەڭ، سىز باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى چە كەمچىلىكىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ھېس قىلالامسىز؟ ھەمدە كەمچىلىكىنى تۈگىتىپ ئارتۇقچىلىقىنى داۋاملىق نامايەن قىلىپ، تېخىمۇ زور بولغان رولىنى جارى قىلدۇرالامسىز؟

-مەن ئالىي مەكتەپتە پىسخلوگنىمۇ ئۆگەنگەن.

-ئەگەر زىدىيەت توقۇنۇشلار بولۇپ، ئۇرۇش جىدەللەر بولۇپ قالسا، سىز قانداق بىر تەرەپ قىلىسىز؟ بۇ خىزمەتتە، دەردىنى تۆكۈش، يىغلاش قاخشاش دېگەنلەر توشۇق....سىز باشقىلارنىڭ دەردلىرىنى زەڭ قويۇپ ئاڭلىيالامسىز، ھېسداشلىقىڭىزنى بىلدۈرەلەمسىز؟ ھەر تەرەپتىن سۆزلەپ كىشىلەرنى قايىل قىلالامسىز؟

-بۇ...بۇ..... مەن ئىلگىرى ساقچىنى قايىل قىلىپ ماڭا كەسكەن جەرىمانە تالونى بىكار قىلدۇرغان ئىدىم دېدىم.

-ماقۇل، ئەمىسە، قارىغاندا، يۇقارقى ئېيتىلغانلارنىڭ ھەممىسىدە سىز ھېچقانچە ئەمەسكەنسىز، لېكىن كىم بىلىدۇ، سىزدە بىز ئېھتىياجلىق بولغان ئىقتىدارلار بار بولۇپ قالامدۇ تېخى..بۇ خىزمەت دېمىسىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ جاپالىق خىزمەت ھەم ئەڭ مۇھىم بولغان ئېنىرگىيە توپلاپ كۈلكە ئىشلەپچىقىرىدىغان خىزمەت.

-كۈلكە ئىشلەپچىقىرىدىغان خىزمەت دېگەن نېمە؟ سىز چاقچاق پاراڭ سېلىۋاتامسىز قانداق؟ مەن بىر يۇمۇر بىلىمەن، شۇنداق قىزقارلىق، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئىككى ..... دەپ يۇمۇر سۆزلەشكە باشلىدىم.

-توختاڭ، توختاڭ، يەنە بىر سۇئال سوراپ باقاي، سىزنىڭ ئەخلاق ۋە ئېتىكىغا ئائىت تونۇشىڭىز قانچىلىك؟ ھەق-ناھەقنى ئايرىش تونۇشىڭىز كۈچلۈكمۇ؟ ئۇزۇن مۇددەت ناھايىتى ياخشى بولغان ئوبرازنى تىكلىيەلەمسىز؟

-ئەخلاق ۋە ئېتىكا؟ مەن ئارىستوتىلغا مۇناسىۋەتلىك بىر ماقالە يېزىپ باققان، مۇئەللىم ماڭا C+ باھاسى بەرگەن. پلاتوغا ئائىتمۇ يا.... ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ. مەن دائىم ئىككىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويىمەن..... دېدىم.

- بولدى، بولدى، يەنە داۋاملاشتۇرايلى. ھازىر جەمئىيەتتە نەگىلا قارىسا، توزان، قاپقاق قويۇلغان، ئالدامچىلىق دەمدۇ، ئېنتىرنېت تورى دەمدۇ، تېلېۋىزور قاتارلىقلاردا تارقىلىۋاتقان راست-يالغان خەۋەر ئاخباراتلار بولامدۇ، مۇشۇلارغا قارىتا سىز قانداق تاقابىل تۇرىسىز؟

-مېنىڭ جەمئىيەتتىكى تەجرىبىلىرىم ئاز، لېكىن كىشىلەر ماڭا ئېنىق قىلىپ ئېيتىپ بەرسە، قەيەردە قانداق توزاق قويۇلغانلىقى، قانداق ساختىلىق ۋە بولمىغۇر ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ..... دېيىشىم بىلەن ئۇ ئۇھسىنىپ كەتتى.

-ئۇف، ۋاي تەڭرىم، ھېچ بولمىغاندا سىزدە مەلۇم تەرەپلەردە ماھىرلىق بولۇشى كېرەكقۇ؟ ئاندىن سىزنىڭ جىددىيلا ئاچچىقىڭىز كىلىپ، قېنىڭىز قىرىق گەز ئۆرلەيدىغان ۋاقىتلاردا سىز يەنىلا سەۋىرچان بولالامسىز؟

-مەن بەك سەۋىرچان، بىر قېتىم مەن بىر دوستۇمنى بىر ھامبۇرۇگ بولكىسى ئۈچۈن نەقمۇنەق بەش مىنۇت ساقلىغان، ئاندىن كېيىن مۇلازىمەتچىنى خوجايىنىغا پاش قىلغان ئىدىم دېدىم.

- تازىمۇ، بولدى، ئەمدى ئۆزىڭىزنىڭ كەسىپتىكى ئارزۇ –تىلەكلىرىڭىزنى دەپ بېقىڭچۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ 5 يىلدىن كېيىنكى كۈتىدىغىنىڭىز نېمە؟

-مەن، مەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ جاپالىق خىزمەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىپ ئەلالىقىمنى نامايەن قىلسام دەيمەن، مەن ئەڭ چوققىغىچە ئۆرلىيەلەيمەن دېدىم.

-ياق ياق، تېخى ئۆرلىمىدىڭىز، سىز باشتىن ئاياق مۇشۇ بىرلا خىل خىزمەتنى قىلىسىز.

-نېمە ، نېمە ، مەڭگۈ ئۆرلىمەيدىغان دەپ سورىدىم ھەيرانلىق بىلەن.

-توغرا

-ئۇنداقتا مېنىڭ ئىشقا چىقىش، ئىشتىن چۈشۈش ئەھۋاللىرىم قانداق ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ دەپ سورىدىم.

-بۇ خىزمەتنى 24 سائەت قىلىسىز، بىر ھەپتە يەتتە كۈندە ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، ئارام يوق، دەم ئېلىش يوق.

-ئارام ئالمىسا بولمايدۇ، سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز، بۇ خىزمەتكە كۆپ ئىقتىدار ۋە تالانت كەتكەندىن سىرت يەنە جاپا مۇشەققەتلەرگە قارىماي، تاپا-تەنىلەرگىمۇ قارىماي، ئارام كۈنى بولمىغان ئاساستا، ھەتتا بىر دەقىقىمۇ ئارام ئالماي ئىشلەش، ھازىراقمۇ بىكار ۋاقتى يوق .....لېكىن ياردەمچى بولسا قانداقكىن، ئۇنداق بولمىسا ئارتۇق ئويلىشىشمۇ كەتمەيدۇ دېدىم مەن.

-ياردەمچىمۇ يوق

-ئۇنداقتا ئىش ھەققىي پەۋقۇلئاددە يۇقىرىكەندە؟ دەپ سورىدىم.

-بىر سىنىتمۇ يوق، ھەقسىز خىزمەت.

-ھەقسىز؟ دەپ سورىدىم ئىشەنمىگەندەك.

-ھەئە، ھەقسىز.

-ھەي ئەپەندىم، مەن سىزگە دېسەم، بۇ زادى قانداق خىزمەت دەپ سورىدىم.

- بۇ خىزمەتنىڭ ئىسمى ___ ئانا!

تەرجىمىسى گۈلجەننەت مۇھەممەت

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

ئابدالنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئوقۇغۇچىلاردىكى بالدۇر مۇھەببەتل [ 2011-07-27 01:05:25 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئابدال تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-07-07 21:07 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-08-01 16:08
تەۋسىيەلەر