پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىلار توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەر

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-16 13:03 مەنبەسى: بەشتاش مۇنبىرى ئاپتورى: يانتاق كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالىلار توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەر يېقىندا بىر پروگراممىدا بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ 2ياشقا كىرگەن بالىسىغا ھېساپ ئۆگەتكەنلىكىنى، بالىسى

 بالىلار توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەر

 
 
يېقىندا بىر پروگراممىدا بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ 2ياشقا كىرگەن بالىسىغا ھېساپ ئۆگەتكەنلىكىنى، بالىسى بىلمىسە بالىسىنى ياخشى تەربىيىلەيمەن، دەپ ئۆگىنىشكە زورلاپ ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى. بىزدەبولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم، دېگەن گەپ بار. كۆپلىگەن ئاتا- ئانىلار بالىلىرى تىلى بالدۇر چىقسا، بالدۇر ساناق ساناشنى ئۆگەنسە، بالدۇر ساۋادى چىقسا بۇنى بالىسىنىڭ ئەقىللىقلىقى دەپ پەخىرلىنىشىدۇ، بالىسىغا بالدۇرراق بىلىم ئۆگىتىشكە ئالدىرايدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىنىڭ 1 ياشتا تىلى چىقمىسا 2 ياشتا چىقىدۇ، 2 ياشتا چىقمىسا 3 ياشتا چىقىدۇ، ئىشقىلىپ مەكتەپ يېشىغا يەتكۈچە چىقىدۇ. بىرىنچى سىنىپتا سانلارنى قوشۇشنى بىلمىسە ئالىي مەكتەپكە بارغۇچە چوقۇم ئۆگىنىپ بولىدۇ. بالىنىڭ بالدۇر تىلى چىقىشى، بالدۇر ساۋادى چىقىشى بالىنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل ئەمەس. ھازىرقى يەسلىلەرمۇ بالىغا دەرس ئۆتىدىغان، ھەتتا تاپشۇرۇق بېرىدىغان بولۇپ كەتتى. ئەسلى بالىلارغا بىلىم ئۆگىتىش لايىقىدا بولۇشى، ئالدىرىماسلىق، بالىغا بېسىم قىلماسلىق، بالىنىڭ بالىلىق مەزگىلىدىكى خوشاللىقىنى، ئويۇنلىرىنى تارتىۋالماسلىق كېرەك ئىدى.

تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، بالىلارنى كۆپ ھەرىكەت قىلدۇرۇش بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن. سىيرىلغۇچ دېگەندەك مۇقىم تەنھەرىكەت ۋاستىلىرىنىڭ بالىلارنىڭ مەتلى تەن ساپاسى، ياكى ئەقلى ساپاسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئانچە زور پايدىسى يوق. چوڭ مېڭىنى، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مېڭە تولۇقلايدىغان تەبىئىي يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشقا دىققەت قىلغاندىن سىرت، داۋاملىق دالادا ھەرىكەت قىلدۇرۇش، بالىغا توپ ئېتىپ بېرىش، كالتەك توپ دېگەندەك ئويۇنلارغا قىزىقتۇرۇش ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر 7-8 ئايلىق بولغان، ئەمدى ئايىقى چىقىۋاتقان بالىڭىز بولسا رەڭلىك توپلارنى ئېتىپ بالىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ جىق ھەرىكەت قىلىشقا، كۆزلىرىنى تېز ھەرىكەتلەندۈرۈشكە يېتەكلەڭ. لىڭگىرتاق، ئىلەڭگۈچ قاتارلىق ئويۇنلارنىڭ بالىلارنىڭ ئارقا مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا، تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىسى بار--ئەلۋەتتە ئىلەڭگۈچتە ئولتۇرالايدىغان بالىلار ئۈچۈن.

2. بالىڭىزنى ماختامسىز؟

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بالىلارنى ماختاشنىڭ بالىلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاكتىپ تەسىرى بارلىقىنى بىلىدۇ. لېكىن بالىلارنى ماختاشنىڭ ئۇسۇلى توغرا بولۇشى لازىم.

بىر بالا باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختىشىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن، بىرى ئۇنى ماختايدىغانلا بولسا ھەممە ئىشنى قىلىپ بېرىدىكەن. ئەگەر بىرەرى ئۇ بالىغا بىرەر ئىش قىلدۇرماقچى بولسا بۇنىڭ ئامالى ناھايىتى ئاددىي ئىكەن--ئۇنىڭ ئالدىغا بىرەر ماتېماتىكا ھېسابىنى ئېلىپ كېلىپ ئىشلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدىكەن، ئاندىن پاھ، مۇشۇنچە تەس ھېسابنىمۇ ئىشلىۋېتىپسەن، سەن نېمانداق ئەقىللىق! دەپ ئاندىن قىلدۇرماقچى بولغان ئىشنى دېسە چوقۇم قىلىپ بېرىدىكەن. ئاتا- ئانىسىمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بالىسىنىڭ نەقەدەر ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى توختىماستىن ماختاپلا تۇرىدىكەن.

بۇنداق قىلىشنىڭ بالىنىڭ پىسخىكىسىغا قانچىلىك ناچار تەسىر بېرىدىغانلىقىنى بەلكىم كۆپچىلىكمۇ ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

بالىڭىزنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى تىرىشچانلىقىنى ماختاڭ. ئەقىللىق دەپ ماختالغان بالا جاپاغا چىدىمايدىغان، قولىدىن چوڭ ئىشلار كەلمەيدىغان، ئازراق مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىسا بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەقىل ئەمەس، بەلكى تىرىشچانلىقنىڭ بارلىق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى بالىغا ھېس قىلدۇرۇڭ.

ئادەتتە ئانىلار قىزپەرزەنتلىرىنى چىرايلىق ياساپ قويۇپ، قىزىمبەك چىرايلىق، دەپ ماختاشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇمۇ ناھايىتى ياخشى بولمىغان ئىش. قىز پەرزەنتلەرنى چىرايلىق دەپ ماختاش ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئاجىز، چىرايى سەترەك بالىلارنىڭ ياراتمايدىغان ھاكاۋۇر قىلىپ قويىدۇ.

قىسقىسى بالىڭىزنى ماختاپ تۇرۇڭ، لېكىن لايىقىدا ماختاڭ.

3. ئانا سۈتىنىڭ پەرزەنتكە بولغان يەنە بىر پايدىسى:

شىۋىتسارىيە ۋە ئەنگىلىيەدىكى ئالىملارنىڭ 9000 ئۆسمۈر ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئانا سۈتى ئېمىپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ جىددىيلىكنى يېڭىش، روھىي بېسىمدىن قۇتۇلۇش ئىقتىدارى سۈر پاراشوكىدا بېقىلغان بالىلاردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. گەرچە سۈت پاراشوكى ئانا سۈتىگە تولۇق تەقلىد قىلىپ ياسالغاندىمۇ بۇ ئانا- بالىنىڭ بەدىنىنىڭ بىۋاستە ئۇچرىشىشى ئارقىلىق ئېرىشىدىغان مۇھەببەتكە، ئىللىققا يەتمەيدىكەن. ئانا-بالىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئۇچرىشىپ تۇرۇشى بالىنى ئەڭ ياخشى پىسخىك مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىش شارائىتىغا ئىگە قىلىدىكەن. ئالىملار ساغلام ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 6 ئاي ئېمىتىشنى تەشەببۇس قىلماقتا.

كۆپلىگەن كىشىلەر 8 ئايدىن كېيىن ئانا سۈتىنىڭ ئاساسەن قۇۋۋىتى قالمايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېمىتىشنىڭ بالىغان ئانچە پايدىسى يوق، دەپ قارىماقتا. لېكىن ئېمىتىش پەقەت ئوزۇقلۇق بېرىشلا ئەمەس، بەلكى بالىغا مىھىر-مۇھەببەت، ئىللىقلىق بېررىش جەريانىدۇر. بالىنىڭ پىسخىكىسىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بالىنى ئۇزاقراق ئېمىتىش بالىغا نىسبەتەن ياخشى. ئانىلار بالىلىرىنى ئېمىتىشكە سەل قارىماسلىقى لازىم.

4. سىزدە نامەلۇملۇق تۇيغۇسى بارمۇ؟

بەزىدە ئاتا- ئانىڭىز سىزگە ناتونۇش ئادەملەردەك بىلىنىپ قالامدۇ؟ بەزىدە سۆيگۈنىڭىز ياكى ئۆمۈر يولدىشىڭىز سىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئادەملەردەك تۇيۇلامدۇ؟ ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭ، دائىم ئەمەس، قىسمەن ۋاقىتلاردا خۇددى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمىزنىڭ ئەمەلىيەتتە بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئادەملەردەك ھېس قىلىپ قېلىشىمىز ، يېقىن كىشىلىرىمىزگە بىرەر ئىش بولسىمۇ بىزگە ئانچە تەسىر قىلماسلىقى مۇمكىن. بۇ نېمە ئۈچۈن؟

بالا كىچىك چېغىدا ئاتا- ئانىسىنىڭ مىھىر- مۇھەببىتىگە ناھايىتى موھتاج بولىدۇ. بولۇپمۇ ئانىسىنى بىر دەقىقىمۇ يېنىدىن ئايرىلمىسىكەن دەيدۇ. لېكىن ئاتا- ئانىلار خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە ئۇششاق- چۈششەك ئائىلە ئىشلىرى تۈپەيلى بالىسىنىڭ چاقىرىشلىرىغا دائىملا پىسەنت قىلىپمۇ بولالمايدۇ. ئەگەر ئاتا- ئانىنىڭ پەرزەنتىنىڭ تەلەپلىرىگە دىققەت قىلمايدىغان ۋاقىتلىرى كۆپ بولۇپ كەتسە بالىدا پىسخىك توسالغۇ پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىسى چوڭ بولغاندا بەكرەك بىلىنىدۇ. بىر ئۆمۈر شۇنىڭ ئاسارىتىدە ئۆتىدۇ، بۇنداق كىشىلەر خىزمەتتە ئاكتىپ، دوستلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى، لېكىن ئەڭ يېقىن ئادەملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايدۇ، ئەر- ئايال ئوتتۇرىسىدا بىر قەۋەت پەردە شەكىللەندۈرۈۋېلىش، قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى دەپ ھېس قىلالماسلىق ئىپادىسى بولىدۇ. ئاتا- ئانىسى بىلەن ئارىسىدىمۇ بىر قەۋەت پەردە بولىدۇ.

شۇڭا ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ تەلەپلىرىگە سەل قارىماسلىقى، پەرزەنتلىرىگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ تۈگىمەس غەلۋىسىگە بىزارلىق ھېسسىياتى بىلەن، غەزەپ نەزىرى بىلەن ئەمەس، ھەر ۋاقىت چىرايلىق كۈلۈپ تۇرغان چىرايى بىلەن قاراش لازىم.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

يانتاقنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر