پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ئاتا -ئانا ساپاسى ۋە پەرزەنىت كەلگ

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-11 21:52 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاتا -ئانا ساپاسى ۋە پەرزەنىت كەلگۈسى پەرزەنىتلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى ،ئۇلارنى جەمىئيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئا

ئاتا -ئانا ساپاسى ۋە پەرزەنىت كەلگۈسى

 

        پەرزەنىتلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى ،ئۇلارنى جەمىئيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئائىلە ،مەكتەپ ،جەمىئيەتنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيتى .ئالىيجاناپ ئەخلاق -پەزىلەتكەئىگە ،ئىدىيۋى خاراكتېرى ساغلام ،بىلىم سەۋىيسى نىسبەتەن يۇقىرى ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن ئاتا -ئانىلار پەرزەنتىلىرىنى تەربىيلەش بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلالايدۇ .پەرزەنتىلەرنىڭ يارامىلىق بولۇپ چىقىشىدا ئائىلە تەربىيسى ئەڭ مۇھىم ئورنىنى تۇتىدۇ .ئائىلە تەربىيسىدە پەرزەنتىلەرگە جانلىق ئۈلگە بولۇشنىڭ ئۈنىمى زور ،ئەگەر ئاتا -ئانا بولغۇچى پەرزەنتىنىڭ ھەر جەھەتتىن سۈپەتلىك تەربىيلىنىشىگە دېگەندەك ئەھمىيەت بەرمەي ،ئۆز ئىشى بىلەنلا بولۇپ كەتسە بوش ۋاقتىلىرىنى دوسىت -بۇرادەرلىرى بىلەن ئۈلپەتلىشىپ قاتار چاي ،مېھماندارچىلىق ۋە باشقا ئويۇن -تاماشا دېگەندەك ئىشلارغا سەرىپ قىلىسا پەرزەنتىلەر كىچكىدىن ئەخلاقىي ،ئەقلىي ،جىسمانىي جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيلىنىشتىن مەھرۇم قىلىپ ئاقىۋەتتە ئائىلىگە ۋە جەمىئيەتكە يۈك بولىدىغان بولۇمسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ .شۇڭا ئاتا -ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك .
1.ئاتا -ئانىلار بىر يۈرۈش مۇنتىزىم تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى ئىقىتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشى پەرزەنتلىرىنى ساغلام مۇھىتتا يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى ئۆز خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ،ئەستايدىل ئىشلەپ ،كەسىپتە نەتىجە قازىنش ئارقىلىق بالىلارغا جانلىق ئۈلگە كۆرسىتىش لازىم .ئاتا -ئانىلار ئۆز ئەمەلىيتى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسەتكەندىلا پەرزەنتىلەر ئۇلاردىن يۈكسەك تىرىشچانلىق روھىنى قوبۇل قىلىپ ،غەيرەتلىك ،ئىرادىلىك ياشلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ .
2.ئاتا -ئانىلار پەرزەنتىلەرگە بولغان ئىلمىي تەربىيىنى چوقۇم مۇقىم ۋە ئىزچىل ئېلىپ بېرىشى كېرەك .ئائىلە تەربىيسى مۇقىم ۋە ئىزچىل بولغاندىلا ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .ئەمما ،ئائىلە تەربىيسىدە مۇددىئا توغرا بولسىمۇ ،ئۇسۇل توغرا بولمىسا يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىشى مۇمكىن .پەرزەنتىلەرگە تەربىيە بەرگەندە ئەتراپلىق،قايىل قىلارلىق سۆزلەر بىلەن سىلىق پوزىتىسيەدە تۇرۇپ تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم .ئەگەر بالىدا بىرەر سەۋەنلىك كۆرۈلگەندە ئۇرۇپ -تىللاپ بالىنىڭ دىلىغا ئازار بەرسە ،بالىنىڭ كۆڭلىدە ئاتا -ئانىغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ قويىدۇ .شۇنداقلا گۆدەك قەلبىدە پۈتمەس يارا ئىزى قالىدۇ .
ئاتا -ئانىلار بالىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ مۇقەددەس كىشلەردۇر .شۇڭا بالىلار ئاتا -ئانىلارنىڭ ھەربىر سۆز -ھەرىكتىنى يوللۇق دەپ تونۇپ ،ئاتا -ئانىسىنى دورايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرايدۇ .بەزى ئاتا -ئانىلار ئۆزىنىڭ خاراكتېرىدىكى نۇقسانلارنىڭ سەزمەيدۇ ،كىشلىك ئەخلاققا يات بەزى ئىشلارنى قىلىدۇ .ئاقىۋەت پەرزەنتىلەرمۇ بىلىپ -بىلمەي ئاتا -ئانىلارنىڭ يارىماس قىلىقلىرنى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالىدۇ .
3.ئاتا -ئانىلار پەرزەنتلەر ئوڭۇشسىزلىققا ۋە زەربىگە ئۇچرىغاندا ئۇلارغا ئائىلىنىڭ ھەقىقىي «ئىللىق دۇنيا »ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ ئۇلارنىڭ قەلىبىگە ئۈمىد ئۇرۇقىنى چېچىپ ،ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا ئىلھام بېرىش كېرەك .بالىلار ئۆسۈپ -يېتىلىش جەريانىداجەمىئيەتتىكى نۇرغۇن ھادىسە ۋە شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ .ئۇلار بۇ ھادىسە ۋە شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچىلەرگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ،ئاتا -ئانىلاردىن نۇرغۇن سۇئاللارنى سورايدۇ .تەبىئەت ۋە جەمىئيەت ھەققىدىكى بىلملەرنى ئەتراپلىق ئىگىلگەن بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدەنگەن ئاتا -ئانىلار بولسا پەرزەنتلەرنىڭ سوئالىغا ئىلمي ،چۈشىنشلىك ،قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىپ پەرزەنتلەرنىڭ ئالغا بېسىشغا تۈرتكە بولىدۇ .لېكىن بەزى ئاتا -ئانىلار پەرزەنت ئالدىدىكى مەسئۇليتى ۋە مەجبۇرىيتىگە سەل قاراپ ،پۈتۈن ۋاقتىنى سىرتكى ئايىغى چىقمايدىغان مەنسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلىدۇ .ئۇلار بالىلىرى ئالدىدا ئۆزىنىڭ قابىليەتسىزلىكىنى يوشۇرۇپ ،ئۇلارنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاپ بېرىشىنڭ ئورنىغا «ھۇ دۆت ،كالۋا ،مۇئەللىم دەرست سۆزلىگەن سەن ئۇخلاپ ئولتۇرغانمىدىڭ ياكى ئويناپ ئولتۇرغانمىدىڭ ؟!.....ئەتە مۇئەلىمڭدىن سورا !»دېگەندەك سۆزلەر بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ ئۆگىنشى قىزغىلقىغا سوغۇق سۇ سېپىدۇ .ئۇلار ھەممىنى مەكتەپكە ،ئوقۇتقۇچىغا ئىتتىرىپ قويۇپ ئۆزىنى بۇ مەجبۇرىيەتلەرنى قاچۇرىدۇ .بىلىش كېرەككى ،ئاتا -ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى ئائىلە بالىنىڭ بىرىنچى دەرسخانسى .شۇڭا جەمىئيەتتكى بارلىق ئاتا -ئانىلار چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى ،ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تولۇقلاپ ،پەرزەنتىگە ھەقىقىي ئۈلگە كۆرسىتىشى ،پەرزەنىت تەربىيسىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيتىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ جەمىئيەتكە ياراملىق بىر ئەۋلاد ياشلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىش كېرەك .
مەنبە--------شەبنەم مۇنازىرە مۇنبىرى.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر