بالىنىڭ ئاتا-ئانىدىن ئۆتۈنۈشى
يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-11 21:52 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالىنىڭ ئاتا-ئانىدىن ئۆتۈنۈشى 1. مىنىڭ قولۇم بەك كىچىك ، مىنىڭ ھەممە جھەتتە مۇكەممەل بولۇشۇمنى تەلەپ قىلماڭ . مىنىڭ پۇتۇم بەك قىسقا،
بالىنىڭ ئاتا-ئانىدىن ئۆتۈنۈشى
1. مىنىڭ قولۇم بەك كىچىك ، مىنىڭ ھەممە جھەتتە مۇكەممەل بولۇشۇمنى تەلەپ قىلماڭ . مىنىڭ پۇتۇم بەك قىسقا، مىنىڭ يىتىشىپ مىڭىشىم ئۈچۈن ئاستىراق مېڭىڭ .
2. مىنىڭ كۆزۈم سىزنىڭكىدەك تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقىنى كۆرمىگەن،بەزى ئىشلارنى ئۆزۈمنىڭ ئاستا-ئاستا كۈزىتىپ بىلىشىمگە يول قويۇڭ .ماڭا ئارتۇقچە چەك قويۇۋالماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
3.ئۆي ئىشلىرى ھامان تۈگىمەيدۇ ،بىراق مىنىڭ بالىلىق دەۋرىم ئىنتايىن قىسقا .ئازراق ۋاقتڭىزنى چىقىرىپ ماڭا جاھاندىكى ئاجايىپ ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بېرىڭ ، مىنى پەقەت كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنچۇق قاتارىدا كۆرمەڭ .
4.مەن ئىنتايىن نازۇك ، مىنىڭ ئىنكاسىمغا قارىتا سەزەۈررەك بولۇڭ ، ئەتىدىن-كەچكىچە ئەيبلەپلا يۈرمەڭ. مىنى ئۆزىڭىز بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ مۇئامىلە قىلىڭ .
5.مىنى ئاللا سىزگە ئاتاقىلغان ، مىنى ئاسراڭ ، قۇچاقلىغان ۋاقتىڭىزدا ئىش-ھەركەتلىرىمگە قارىتا داۋاملىق تەربىيە بىرىپ تۇرۇڭ .نىمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشۇم توغرىسىدا كۆرسەتمە بىرىڭ.باشقىلارغا ئەدەپ-قائىدە بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگۈتۈڭ .
6.مەن سىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلھام بىرىشىڭىزگە مۇھتاج ، مىنى دائىم سۈرلۈك قىياپەتتە تۈرۇپ تەنقىد قىلىپ تەھدىت سالماڭ . مىنىڭ ئۆزۈمنى ئەمەس قىلغان خاتا ئىشىمنى تەنقىدلەشنى ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ .
7.ماڭا ئازراق ئەركىنلىك بىرىڭ ،مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئۆزۈمنىڭ قارار چىقىرىشىغا يول قويۇڭ . ئاز-تولا خاتالىق ئۆتكۈزۈشىمگە ياكى مەغلۇب بولۇشۇمغا ، سادىر قىلغان خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىشىمغا رۇخسەت قىلىڭ .تۇرمۇش يولۇمنى ھامان بىركۈنى ئۆزۈم خالىغانچە بىكىتىمەن .
8.بىر ئىشنى داۋاملىق قايتا قىلىشقا بۇيرىماڭ ،ئىش قىلىشنىڭ تەسلىكىنى بىلىمەن ، مىنى ئاكا-ھەدىللىرىم بىلەن سېلىشتۇرماڭ .
9.سىز بىلەن بىللە دەم ئېلىشىمدىن قورقماڭ، ئا-ئانىلار باللىرى ئارقىلىق خۇشاللىققا ئىرىشكەنگە ئوخشاش بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسىدىن خۇشاللىق ئىستەشكە مۇھتاج .
مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلى
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------