بالىغا قائىدە چۈشەندۈرۈشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى
بالىنىڭ گەپ ئاڭلاش-ئاڭلىماسلىقى ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا قائىدە چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى ۋە ماھارىتى بىلەن ناھايىتى زور مۇناسىۋەتلىك. ئاتا-ئانا بالىغا قائىدە چۈشەندۈرگەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. 1. تەكلىپ پوزىتسىيىسى تۇتۇش. بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىگە ئانچە قۇلاق سالماسلىقى كۆپىنچە ئاتا-ئانىنىڭ قائىدە چۈشەندۈرگەندە ئۆز رولىنى ياخشى ئالالماي، كۆپ ھاللاردا قاتتىق تېگىپ قويغانلىقى، ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىنى بالىنىڭ قارشى تەرىپىگە قويغانلىقىدىن بولىدۇ. ئەگەر بىز بالىغا قائىدە چۈشەندۈرگەندە كەڭ قورساق پوزىتسىيە تۇتۇپ، تەكلىپ بېرىش ئۇسۇلىدا بالا بىلەن كېڭەشسەك، بالا ئاتا-ئانىنى ئۆزىنى زورلىغان ۋە چەكلىگەن دەپ چۈشەنمەيدۇ، شۇ ئارقىلىق ئېھتىياتچانلىق ۋە قارشىلىشىش روھىي ھالىتىدىن قۇتۇلىدۇ. 2. ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش تاكتىكىسى. ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىشنى قائىدە چۈشەندۈرۈشتىكى بىر خىل زۆرۈر تاكتىكا دېيىشكە بولىدۇ. تۆۋەندە قائىدە چۈشەندۈرۈشتە كۆپ قوللىنىلىدىغان بىر قانچە ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز. ھېكايە ئېيتىپ بېرىش ئۇسۇلى.3-4 ياشلىق بالىلار ھېكايە ئاڭلاشقا ئامراق بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىشتە ئۆزى چۆچەك يازغۇچى، مەسەلچى بولۇپ، بىرەر ھېكايىنى توقۇپ، بالىغا نەسىھەت قىلىپ سىناپ باقسا بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى چېچىپ، قاتمال ھالەتتىن ساقلانغىلى ھەم تەربىيە بېرىش رولىنى ئوينىغىلى، شۇنداقلا بالىنى ھېكايىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان ھەم سوئال سورايدىغان قىلغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالىنىڭ ئەسلىدە قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى سەزمەستىن قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: تاماق ئېتىش، كىيىم كىيىش قاتارلىقلار. تەتۈر يۆنىلىش ئۇسۇلى. قەستەن بالىنى ئارزۇسى بويىچە مەلۇم خىل ئىشنى قىلدۇرۇش ھەم ماختاش ئارقىلىق، ئاخىرقى ھېسابتا بۇنىڭدىكى زىيانلىق تەرەپنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئوغلۇم قىشتا يۇيۇنغاندىن كېيىن ئىچ كىيىمى بىلەنلا سەكرەپ ئويناپ كەتتى، ھەر قانچە گەپ قىلساممۇ كىيىمىنى كىيگىلى ئۈنمىدى، ئۇ گېپىمنى ئاڭلىمىدى، شۇنداق قىلىپ، مەن ئۇنىڭ ئىچ كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋەتتىم، بالا توڭلاپ بولالماي قالدى، مەن ئۇنىڭغا توڭلاپ كەتسەڭ يوتقانغا كىرىۋالساڭ بولىدىغۇ، دېسەم، ئۇ دەرھال يوتقانغا كىرىپ بېشىنى سالىمدەك چىقىرىپ ياتتى، تېخى «قىزىق بولدى» دەيدۇ. ھېسسىيات ئۇسۇلى. بالا بىلەن بىللە بالىلار نومۇرلىرىنى كۆرگەندە بالىغا تېلېۋىزور پروگراممىلىرىدىكى كىچىك دوستلارنىڭ توغرا بولمىغان ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىپ، توغرا قىلغان كىچىك دوستلارنى ماختاپ بەرسە بولىدۇ. شۇ چاغدا سىز بالىنىڭ ھەق-ناھەقنى ئايرىش ئۆلچىمىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى، ياخشى-ياماننى پەرقلەندۈرۈشتە ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى بايقىيالايسىز. مەسىلەن: مەن ئوغلۇمغا كۆپ قېتىم تازىلىققا رىئايە قىلمايدىكەن، باكتېرىيە قورسىقىڭغا كىرىپ كەتسە ھۈجەيرىلەر بىلەن جەڭ قىلىدۇ، ئادەم ئاغرىپ قالىدۇ، قىزىيدۇ دېدىم. ئەمما ئوغلۇم بۇنىڭغا باشتىن-ئاخىر پەرۋا قىلمىدى. كېيىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بىلەن زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى ئىلمىي تەربىيىۋى فىلىمنى ئوغلۇمنى كۆرۈشكە چاقىردىم. بۇ فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئوغلۇمنىڭ يۈز-قولىنى يۇيۇش جەھەتتە ناھايىتى زور ئىلگىرىلەش بولدى. ئورۇن ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بالا بىلەن بىللە ئويۇن ئوينىغاندا رولنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ ئېلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: مەن ئوغلۇمنى دوختۇرنىڭ رولىنى ئېلىپ ماڭا ئوكۇل ئۇرۇشقا بۇيرۇدۇم، مەن ئوغلۇمنى دوراپ دوختۇرخانىدا غوۋغا قىلىپ تېپىچەكلەپ تۇرۇۋالدىم، شۇنداقلا ئاتا-ئانامغا كۆپ خىل تەلەپلەرنى قويدۇم. نەتىجىدە ئوغلۇم دادىنىڭ قىياپىتىدە سۈرلۈك بىلەن مېنى يىغلىما، قالايمىقان ۋارقىرىما، قوللىرىڭنى مىدىرلاتما دەپ قاتتىق تەنقىد قىلدى. بىر دەم ناھايىتى ئىللىقلىق بىلەن نېمە يەيسەن، سۇ ئىچەمسەن، ھېكايە ئاڭلامسەن دەپ سوراپ ناھايىتى مېھرىبانلىقىنى ئىپادىلىدى. مەبۇدنى ئارىيەت ئېلىش ئۇسۇلى بالىلارنىڭمۇ ئۆز كۆڭلىدە چوقۇنىدىغان مەبۇدلىرى بولىدۇ. «شەرق ئوغلى» پروگراممىسىدىكى ئاي پەرىسى بىلەن بېكمان دۇنياسىدىكى بېكمان قاتارلىقلار ئوغلۇمنىڭ قەلبىدىكى مەبۇد ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بېكمان بىرەر ئىشنى قىل دېسە، ئوغلۇم ئادەتتە كۆڭلىدىن قايىل بولىدۇ. غۇرۇرىنى ئۇرغۇتۇش بالىلارنىڭ غۇرۇرى ۋە شان-شەرەپ تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ياخشى تەرەپلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن قازالىسا، ھەم ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرسە ئۇلارنىڭ شان-شەرەپ تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى قوزغىيالايدۇ ھەمدە ياخشى ئىشلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇنى ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا يۈزلىنىدۇ. مەسىلەن، ئوغلۇم قاچانلاردىدۇر ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئاڭلىغان ھېكايىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدى، شۇندىن كېيىن مەن ئۇلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىغا ئاساسەن دائىم ئوغلۇمغا «قوزام، كىچىك ۋاقتىڭدا بەك ئوماق ئىدىڭ، تازىلىققا رىئايە قىلاتتىڭ، تاماقنىمۇ ئۆزۈڭ يەيتتىڭ» دېگەندەك گەپلەرنى توقۇپ چىقاردىم، ئوغلۇم ھامان ئىپتىخارلىق ھېس قىلدى، شۇ چاغدا ئۇنىڭدىن كىچىك ۋاقتىدىكى ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلسام ئۇ كۆپ ھاللاردا رازىمەنلىك بىلەن قىلدى. سۆز ئارقىلىق يېتەكلەش بىلەن ئۆز ھەرىكىتى بىلەن تەربىيىلەشنى بىرلەشتۈرۈش تەربىيىنى بالىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش جەريانىدا ئاتا-ئانىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كىشىلىك پەزىلەت جەلپكارلىقى ئارقىلىق بالىغا تەسىر كۆرسىتىش كېرەك. بالىنىڭ دوراش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى، ھەرىكەت ئۇسۇلى بالىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىدا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىشنى ئۆزىنىڭ تەربىيىلىنىشنى كۈچەيتىشىدىن باشلىشى كېرەك.
|