دوكتورلار ئالبۇمى-تاشپولات تېيىپ
![]() تاشپولات تىيىپ 1958-يىلى 12-ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1976-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئۆكتەبىر يېزىسىدا ئىككى يىل قايتا تەربىيە ئالغان. 1978-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تەبىئىي جۇغراپىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1983-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1988-يىلى ياپونىيەنىڭ توكيو تەبىئىي پەن ئۇنۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا بېرىپ، 1992-يىلى 6-ئايدا سانائەت پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ قايتىپ كەلگەن. شۇ يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1993-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە «ئون تۆھپىكار ياشنىڭ بىرى» بولۇپ باھالانغان. 1994-يىلى پىروفېسسورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 1994-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە «تۆھپىكار مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس» بولۇپ باھالانغان . شۇ يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1996-يىلى 9-ئايدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1996-يىلى ھەم 2001-يىلى جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 5-، 6-قېتىملىق دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ياشلار خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 2004-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن. تاشپولات تېيىپ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، ياپونىيەنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى تۈرلۈك تەتقىقات تۈرىگە قاتنىشىپ، بۇ ئىككى تەتقىقات تۈرىدىكى رەسىملەرنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى تۈرلەرگە ئايرىش خەرىتىسىنى تۈزۈش قاتارلىق تېمىلارغا يېتەكچىلىك قىلغان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا، «تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى بوستانلىقلار بىلەن چۆللۈكلەرنىڭ گىرەلەشمە بەلبىغىدىكى مۇھىت ئۆزگىرىشىنى يىراقتىن تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈش ئۈستىدە تەتقىقاتى»، «يىراقتىن سىزىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۈرۈمچى رايونىدىكى تەبىئىي بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك تەتقىقات تېمىسىغا قاتناشقان ھەم يېتەكچىلىك قىلغان. 1996-يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 211 قۇرۇلۇشى تارماق تەتقىقات تۈرىدىن بىرى بولغان «شىنجاڭ بايلىق مۇھىت ئېكولوگىيەسى ۋە بىيولوگىيە تېخنىكىسى» نۇقتىلىق پەن تۈرىنىڭ 1-باسقۇچلۇق ۋە 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان. 1999-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە 13 تەتقىقات تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇلاردىن باشقا يەنە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان «يىراقتىن سىزىش تېخنىكىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان »، «ئايرو فوتو سۈرەتلەرنى، سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش»، «يىراقتىن سىزىش تېخنىكىسى ئارقىلىق تەبىئىي بايلىقلارنى تەكشۈرۈش ۋە باھا بېرىش»، « يىراقتىن سىزىلغان سۈرەتلەرنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش»، «جۇغراپىيە ئۇچۇر سىستېمىسى»، «يەر ئىنفورماتسىيە سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش» قاتارلىق يېڭى دەرسلەرنى تەسىس قىلغان ھەم ئاسپىرانتلارنى يېتەكلىگەن. تاشپولات تېيىپ مەيلى ياپونىيەلىك ئالىملار بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن تەتقىقات تېمىلىرى بولسۇن ياكى ئۆز ئالدىغا ئىشلىگەن تەتقىقات تېمىلىرى بولسۇن، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنى تىزگىنلەشنىڭ كونكېرت تەدبىرلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا دەلىللەش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ تەتىل مەزگىللىرىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ قېتىم تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلار ۋە قۇملۇقلارغا بېرىپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان. ئەمەلىي تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئاساسىدا مۇئەييەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان ئىلمىي ماقالىدىن 80 پارچىغا يېقىن ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى «فىراكتال ئالاھىد-ىلىكىدىن پايدىلىنىپ سۈنئىي ھەمراھتا تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق يەردىن پايدىلىنىش خەرىتىسىنى تۈزۈشنىڭ ئىنىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇسۇلى»، «يىراقتىن سىزىلغان سۈرەتلەرنى كۈچەيتىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى»، «سۈنئىي ھەمراھتا تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق يەردىن پايدىلىنىش خەرىتىسىنى تۈزۈشتە مەشىق مەيدانىنى تاللاش توغرىسىدا» قاتارلىق ماقالىلىرى 1994-يىلى مەملىكەتلىك يىراقتىن سىزىش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ۋە 1995-يىلى ئېچىلغان جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 2-قېتىملىق ياشلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىككى پارچە ماقالىسى 1995-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 3-نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرىنى باھالاش يىغىنىدا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك ياشلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2001-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 9-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە 1-دەرىجىلىك «پەن-تەتقىقات ئىلغار خىزمەتچىسى» مۇكاپاتىغا، 2002-يىلى 10-ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە « پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ئىلغار خىزمەتچىسى» مۇكاپاتىغا، 2004-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن« مۇنەۋۋەر ئاسپىرانت يېتەكچىسى» مۇكاپاتىغا، 2004-يىلى 12-ئايدا مەملىكەت بويىچە «باۋگاڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» مۇكاپاتىغا، ئىككى قېتىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 211 قۇرۇلۇشىدىكى «ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 1998-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش نەتىجىسى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، 1999-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش نەتىجىسى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، 2000-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر دەرسلىك بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2002-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «تايانچ ئوقۇتقۇچى» مۇكاپاتىغا، 2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 7-نۆۋەتلىك تەبىئىي پەنلەر بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا، 2003-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە مۇنەۋۋەر پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، 2004-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 6-نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. تەھىرلىگۇچى:admin
|