باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرىمەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

دوكتورلار ئالبۇمى-راھىلە داۋۇت

يوللانغان ۋاقتى: 2011-04-02 22:13 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
دوكتورلار ئالبۇمى-راھىلە داۋۇت راھىلە داۋۇت 1966-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە

دوكتورلار ئالبۇمى-راھىلە داۋۇت


 

راھىلە داۋۇت 1966-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا تولۇق كۇرستا ئوقۇغان. 1987-يىلى 9-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. 1994-يىلى 9-ئايدىن 1995-يىلى 7-ئايغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1995-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە بىيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا فولكلور كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ مازار مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1999-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2002-يىلى فولكلور ئىلمى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. 2003-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ پىنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى فولكلور تەتقىقات مەركىزى ۋە ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى فاكۇلتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان.

راھىلە داۋۇت فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانت ۋە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا «فولكلور ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «جۇڭگو ۋە چەت ئەل فولكلور تارىخى»، «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «فولكلور ئىلمىنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئۇسۇلى»، «مۇقامشۇناسلىق»، «دىنشۇناسلىق»، « فولكلور تېمىسىدا مەخسۇس لېكسىيەلەر» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن.

راھىلە داۋۇت 2000-يىلىدىن ھازىرغىچە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى تەتقىقات تۈرلىرىدىن «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى ساقلاش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش»، «ئۇيغۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقات»، «خەلق داستانلىرىنى قوغداشنىڭ كونكرېت چارە-تەدبىرلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات تۈرلىرىدىن «ئۇيغۇر خەلق مۇقام مەشرەپلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئۇيغۇرلارنىڭ مازار مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش» قاتارلىق تەتقىقات تۈرلىرىنى مەسئۇل بولۇپ تاماملىغان. بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارالىق تەتقىقات تۈرلىرىدىن «تۈركىي تىللىق خەلقلەر داستانلىرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە نەشر قىلىش»، دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرىدىن «جۇڭگودىكى مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى ۋە تەسىرى» قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە خەنزۇ يېزىقىدا «ئۇيغۇر مازارلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»، ئۇيغۇر يېزىقىدا «ئۇيغۇر مازارلىرى»، «دۇنيا مىللەتلىرى»(بىرلىشىپ ئىشلىگەن) قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ژورناللاردا 20 دىن ئارتۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ شىجۇ-خاخۇ داستانى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق ماقالىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ئۇيغۇر مازارلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا «نادىر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

راھىلە داۋۇت ھازىر جۇڭگو مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى، جۇڭگو ياشلار پەن-تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىيىتى، جۇڭگو دىنشۇناسلىق جەمئىيىتى، جۇڭگو فولكلور جەمئىيىتى، جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر