باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرىمەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-04-02 22:20 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى 1950-يىلى 11-ئايدا قەشقەر شەھىرى يۇمۇلاقشەھەر كۆلبېشى مەھەللىسىدە ئوقۇتقۇ

 

ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى

 


 

ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى 1950-يىلى 11-ئايدا قەشقەر شەھىرى يۇمۇلاقشەھەر كۆلبېشى مەھەللىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1966-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1972-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1978-يىلى 3-ئايدىن 1982-يىلى 7-ئايغىچە چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەپ تىلى ئۆگەنگەن. 1984-يىلى 4-ئايدىن 1985-يىلى 10-ئايغىچە ئىراققا بېرىپ، باغدات، كۇفە، نەجەف ۋە كەربالا قاتارلىق شەھەرلەردە ئەرەپ تىلى بويىچە پىراكتىكا قىلغان، 1986-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارىس تىلى ئۆگەنگەن. 1996-يىلى 10-ئايدىن 1997-يىلى 7-ئايغىچە زىيارەتچى ئالىم سالاھىيىتى بىلەن مىسىرغا بېرىپ، قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەپ ئەدەبىياتى بويىچە، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلام دىنى ئاساسلىرى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 1997-يىلى 10-ئايدىن 2002-يىلى 5-ئايغىچە تۈركىيەگە بېرىپ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-تارىخ-جۇغراپىيە ئىنستىتۇتى چاغداش تۈرك شىۋىلىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتىدا چاغاتاي تۈركىي تىل-ئەدەبىياتى بويىچە ئوقۇپ، «ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىرغىچە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇرتىلى لېكسىكولوگىيەسى»، «تەرجىمە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى»، «چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «نەۋائىي ئەسەرلىرى تەتقىقاتى»، «تۈرك تىلى» ۋە «ئەرەپ تىلى» قاتارلىق دەرسلەرنى سۆزلىگەن. 1991-يىلى بېيجىڭ شەھىرى دەرىجىلىك «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالانغان. 1992-يىلى دوتسېنت بولغان. 1995-يىلى «باۋگاڭ مائارىپ فوندى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ باھالانغان. 2004-يىلى 9-ئايدا پىروفېسسور بولغان. ئۇ 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل سۆزلەپ كېلىۋاتقان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىكى 2006-يىلى «بېيجىڭ شەھىرى دەرىجىلىك سەرخىل دەرس» بولۇپ باھالانغان. 2007-يىلى 10-ئايدا دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى بولغان.                         

ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز ئۆلچىمىنى بېكىتىش ھەققىدە»، «ئۇيغۇر 12 مۇقامى تېكىستلىرى بويىچە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى توغرىسىدا»، «مۇسا سايرامى ۋە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى»، «گۇمنام — ھىرقەتىينىڭ ئۆلۈمسىز غەزىلى ‹ كاشفەر › ھەققىدە» قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. «چاغاتاي تىلى» (خەمىت تۆمۈر بىلەن بىرگە، 1986-يىلى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشرى) ناملىق كىتابى 1989-يىلى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن 3-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى» (1995-يىلى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق كىتابى 1996-يىلى بېيجىڭ شەھىرى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، 1997-يىلى مىللىي يېزىقتىكى كىتابلار بويىچە مەملىكەتلىك 3-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا، «نەۋائى: مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» (خەمىت تۆمۈر ئەپەندى بىلەن بىرگە، 1988-يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى)، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىى ماقالىلار» (1993-يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى)، « چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» (2004-يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى)، «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىدىن — ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر 12 مۇقام تېكىستلىرى» (2005-يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى)، « چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» (2007-يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى)، «كور خېرىدار» (ھېكايىلەر توپلىمى، 1989-يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى) قاتارلىق ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە «ئەڭگۈشتەر» (1984-يىلى، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشرى)، «بەيتۇللانىڭ تارىخى» (1994-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرىياتى)، « مەخدۇم قۇلى شېئىرلىرى» ( مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللا بىلەن بىرگە، 2000-يىلى، خەلق ئەدەبىيات نەشرىياتى نەشرى)، «قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن — ئەممە پارە تەپسىرى» (2003-يىلى، جىددە نەشرى) قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر